پەيشەنبە 23 شەۋۋال 1445 - 2 ماي 2024
Uygur

پىتىر سەدىقىسى ئۈچۈن پىشۇرۇلغان گۈرۈچ چىقىرىش توغرىسىدا

سۇئال

 پىتىر سەدىقىسى ئۈچۈن بېرىلىدىغان يېمەكلىكلەر پىششىق يىمەكلىك بولامدۇ ياكى خام يىمەكلىك بولامدۇ؟ گۈرۈچ بەرسەك تەييار يېمەك بەرسەكمۇ بولامدۇ؟.  بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

   بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    پىتىر سەدىقىسى پىشۇرۇلمىغان خام يېمەكلىكتىن چىقىرىلىدۇ، بۇ توغرىدا ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: «پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام پىتىر سەدىقىسىنى مۇسۇلمانلاردىن قۇلغا، ھۆرگە، ئەرگە، ئايالغا، كېچىككە، چوڭغا خورمىدىن بىر سا ياكى ئارپىدىن بىر سا پەرز قىلدى. بۇنى كىشىلەر ھېيت نامىزىغا چىقىشتىن بۇرۇن ئادا قىلىشقا بۇيرىدى». [بۇخارى رىۋايىتى1503–ھەدىس. مۇسلىم984– ھەدىس].

   ئەبۇ سەئىد ئەل خۇدەرىي رەزىيەللاھۇئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ:  «بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدە پىتىر سەدىقىسىنى ھېيت كۈنى يېمەكتىن بىر سادىن چىقىراتتۇق». ئەبۇ سەئىد مۇنداق دەيدۇ:  بىزنىڭ ئۇ ۋاقىتتىكى يىمەكلىكىمىز:  ئارپا، ئۈزۈم، پىشلاق ۋە خورمىدىن ئىبارەت ئىدى. [بۇخارى  رىۋايىتى 1510-ھەدىس].

    سا بىلەن ئۆلچىلىنىدىغىنى دانلىق مەھسۇلاتلار، ئەمما پىششىق يېمەكلىكلەر كىلۇلانمايدۇ، ساقلانمايدۇ، ئۇنى زاكاتقا بېرىش توغرا بولمايدۇ.

"رەۋزىل مۇرەببىي" 215 -بەتتە مۇنداق كەلگەن: "پىتىر سەدىقىسىدە بۇغداي، ئارپا ۋە ئۇ ئىككىسىنىڭ ئۇنىدىن ۋە تالقىنىدىن يەنى پىتىر سەدىقىسى بۇ تۆت تۈرلۈك نەرسىدىن دانلىق مىقداردا چىقىرىش ۋاجىپ بولىدۇ، ياكى خورمىدىن ياكى ئۈزۈمدىن ياكى پىشلاقتىن بىر سادىن چىقىرىش كېرەك بولىدۇ. چۈنكى ئەبۇ سەئىدىل خۇدەرى رەزىيەللاھۇئەنھۇ ھەدىستە:  «بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدە پىتىر سەدىقىسىنى يېمەكتىن بىر سادىن ياكى ئارپىدىن ياكى خورمىدىن ياكى ئۈزۈمدىن ياكى پىشلاقتىن بىر سادىن چىقىراتتۇق». [بىرلىككە كەلگەن ھەدىس].

   خۇلاسە:  خورما، ئۈزۈم، بۇغداي مەنپەئەتلىك، ئارپا بىلەن بۇغداينىڭ ئۇنى ۋە ئۇنىڭ تالقىنى، ئاندىن پىشلاق، يۇقىرىدا زىكىر قىلىنغان نەرسىلەر بولمىسا، ھەر قانداق يىمەكلىك قىلىنىدىغان دان ۋە مېۋىلەر كۇپايە قىلىدۇ، مەسىلەن: قوناق، بۇلغۇر، گۈرۈچ، ماش، قۇرۇق ئەنجۈر قاتارلىقلار.

   ئەيىپلىك نەرسىلەر يەنى قۇرۇتلاپ قالغان، نەملىشىپ قالغان، كونىراپ تەمى ئۆزگىرىپ كەتكەن نەرسىلەرنى بېرىش دۇرۇس بولمايدۇ.

    نان، كىلولاش ۋە ئۇزۇن مۇددەت ساقلاش دائىرىسىدىن چىقىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن نانمۇ دۇرۇس بولمايدۇ.

   سۆزنىڭ خۇلاسىسى : پىشۇرۇلغان گۈرۈچ يېمەكلىكىنى پىتىر سەدىقىسى ئۈچۈن بېرىش توغرا بولمايدۇ، بەلكى پىشۇرۇلمىغان گۈرۈچتىن چىقارسا ياخشى بولىدۇ.

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى