پەيشەنبە 9 رەجەب 1446 - 9 يانۋار 2025
Uygur

پىتىر سەدىقىسى ئۈچۈن بەرەڭگە بېرىشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا

سۇئال

سوئال مەن شام دىيارىدا ياشايمەن، پىتىر سەدىقىسىنى سەي-كۆكتاتلاردىن ياكى بەرەڭگىدىن بەرسەك توغرا بولامدۇ؟ بىلىشىمچە بەرەڭگە بىزنىڭ ئاساسلىق يىمەكلىكىمىز ھېسابلىنىدۇ، ئۇنىڭدىن قانچىلىك مىقداردا بېرىمىز؟.  بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

   پىتىر سەدىقىسىگە يېمەكتىن بىر سادىن چىقىرىش ۋاجىپ بولىدۇ، بۇ يىمەكلىك بولۇپ، شۇ يۇرتتىكى كۆپچىلىك كىشىلەر تايىنىدىغان ۋە ساقلىغىلى بولىدىغان دانلىقلار ۋە قۇرۇق مېۋىلەرگە ئوخشاش ئاساسلىق يىمەكلىك بولۇش كېرەك. بۇنىڭ تەپسىلاتى ئىلگىرى 312346 - نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىدا بايان قىلىندى.

   پىتىر سەدىقىسىدە كىلۇلانمايدىغان ۋە ساقلانمايدىغان بەرەڭگە ياكى سەي-كۆكتاتلارنى بېرىش توغرا بولمايدۇ.

    كىلۇنىڭ شەرت ئىكەنلىكىگە  ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن بايان قىلىنغان بۇ ھەدىس دەلىل بولىدۇ: «پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام پىتىر سەدىقىسىنى مۇسۇلمانلاردىن قۇلغا، ھۆرگە، ئەرگە، ئايالغا، كېچىككە، چوڭغا خورمىدىن بىر سا ياكى ئارپىدىن بىر سا پەرز قىلدى، بۇنى كىشىلەر ھېيت نامىزىغا چىقىشتىن بۇرۇن ئادا قىلىشقا بۇيرىدى». [بۇخارى رىۋايىتى1503 -ھەدىس. مۇسلىم984 -ھەدىس].

    ئەبۇ سەئىد ئەل خۇدەرىي رەزىيەللاھۇئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ:  «بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدە پىتىر سەدىقىسىنى ھېيت كۈنى يېمەكتىن بىر سادىن چىقىراتتۇق».

    ئەبۇ سەئىد مۇنداق دەيدۇ:  بىزنىڭ ئۇ ۋاقىتتىكى يىمەكلىكىمىز:  ئارپا، ئۈزۈم، پىشلاق ۋە خورمىدىن ئىبارەت ئىدى.[ بۇخارى رىۋايىتى 1510-ھەدىس].

"رەۋزىل مۇرەببىي" 215 -بەتتە مۇنداق كەلگەن: "پىتىر سەدىقىسىدە بۇغداي، ئارپا ۋە ئۇ ئىككىسىنىڭ ئۇنىدىن ۋە تالقىنىدىن يەنى پىتىر سەدىقىسى بۇ تۆت تۈرلۈك نەرسىدىن دانلىق مىقداردا چىقىرىش ۋاجىپ بولىدۇ، ياكى خورمىدىن ياكى ئۈزۈمدىن ياكى پىشلاقتىن بىر سادىن چىقىرىش كېرەك بولىدۇ. چۈنكى ئەبۇ سەئىدىل خۇدەرى رەزىيەللاھۇئەنھۇ ھەدىستە:  «بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدە پىتىر سەدىقىسىنى يېمەكتىن بىر سادىن ياكى ئارپىدىن ياكى خورمىدىن ياكى ئۈزۈمدىن ياكى پىشلاقتىن بىر سادىن چىقىراتتۇق». [بىرلىككە كەلگەن ھەدىس].

    ياخشىسى:  خورما، ئۈزۈم، بۇغداي مەنپەئەتلىك، ئارپا بىلەن بۇغداينىڭ ئۇنى ۋە ئۇنىڭ تالقىنى، ئاندىن پىشلاق، يۇقىرىدا زىكىر قىلىنغان نەرسىلەر بولمىسا، ھەر قانداق يىمەكلىك قىلىنىدىغان دانلىقلار ۋە مېۋىلەر كۇپايە قىلىدۇ. مەسىلەن:  قوناق، بۇلغۇر، گۈرۈچ، ماش، قۇرۇق ئەنجۈر قاتارلىقلار.

       ئەيىپلىك نەرسىلەر يەنى قۇرۇتلاپ قالغان، نەملىشىپ قالغان، كونىراپ تەمى ئۆزگىرىپ كەتكەن نەرسىلەرنى بېرىش دۇرۇس بولمايدۇ.

نان، كىلولاش ۋە ئۇزۇن مۇددەت ساقلاش دائىرىسىدىن چىقىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن نانمۇ دۇرۇس بولمايدۇ.

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى