بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.
ئۇ ئايال پەرىز ھەجنى ئادا قىلغان بولسا، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئۆز يېنىدىن مال سەرپ قىلمىغان بولسا ياكى ئاز مىقداردا سەرىپ قىلغان بولسا، ھەج خىراجىتىنىڭ كۆپ قىسمىنى باشقىلار سەرىپ قىلغان بولسا، ھەجنىڭ ھەممە شەرتلىرىنى ۋە ۋاجىپلىرىنى تولۇق ئادا قىلغان بولسا، گەرچە ھەجنىڭ چىقىملىرىنى باشقىلار قىلىپ بەرگەن بولسىمۇ پەرىز ھەجنى ئادا قىلغان بولىدۇ، بۇ ئىشلارنىڭ ھەجنىڭ سەھىھ بولىشىغا تەسىر يەتكۈزمەيدۇ. ئاللاھ تائالا ھەممەيلەننى ياخشىلىققا مۇۋەپپەق قىلسۇن.