پەيشەنبە 23 شەۋۋال 1445 - 2 ماي 2024
Uygur

قەغەز پۇلنىڭ زاكات ئۆلچىمى كۈمۈش ياكى ئالتۇنغا قىياس قىلىنامدۇ؟

سۇئال

مەن ئۆزبېكىستاندا ياشايمەن، ئۆزبېكىستان مۇسۇلمانلار جەمئىيىتى زاكاتنىڭ مىقدارىنى ئىككى مىڭ يەتتە يۈز(2700$) دوللار دەپ ئېلان قىلدى، لېكىن سەكسەن بەش گىرام (85 گىرام)ساپ ئالتۇننىڭ باھاسى بەش مىڭ بىر يۈز (5100$)دوللار بولىدۇ، مەن بۇ مەسىلىدە ئۆزبېكىستان مۇسۇلمانلار جەمئىيىتىنىڭ بېكىتكەن  زاكات ئۆلچىمىگە ئەگىشىمەنمۇ ياكى باشقا بىر يول بىلەن ھېسابلاپ ئايرىيمەنمۇ؟، مېلىمنىڭ زاكىتىنى ساپ ئالتۇننىڭ باھاسىنى ھېسابلاپ ئايرىمەنمۇ ياكى ئۆزبېكىستان مۇسۇلمانلار جەمئىيىتىنىڭ پەتىۋاسىغا ئەگىشىمەنمۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

   بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    قەغەز پۇللارنىڭ زاكات مىقدارىنى بېكىتىش.

   قەغەز پۇللارنىڭ زاكات مىقدارىنى بېكىتىشتىكى توغرا قائىدە: ئۇنى ئالتۇنغا سېلىشتۇرماي، كۈمۈشكە سېلىشتۇرۇشتۇر، چۈنكى بۇنداق قىلىشتا بولسا كەمبەغەلنىڭ مەنپەئەتى كۆزدە تۇتىلىدۇ.

    كۈمۈشنىڭ زاكات ئۆلچىمى بەش يۈز توقسان بەش گىرام(595 گىرام)، باشقا مالدىن مۇشۇ ئۆلچەمگە يەتكۈدەك بىر نەرسىگە ئىگە بولغان كىشىگە مىلنىڭ زاكىتىنى بېرىشى ۋاجىپ بولىدۇ.

    ئىلگىرىكى دەۋرىدىكى پىقھى ئالىملىرىمۇ يوقسۇللارنىڭ مەنپەئىتىگە ئەھمىيەت بېرىپ تىجارەت ماللىرىنىڭ زاكىتىنى كۈمۈش بىلەن ئۆلچىگەن.

"«روۋزۇل مۇرەبىئ‍» 211-بەتتە مۇنداق كەلگەن: "يىل توشقاندا تىجارەت ماللىرىنىڭ باھاسى بېكىتىلىدۇ، ئالتۇن ياكى كۈمۈشتىن قايسىسى كەمبەغەلنىڭ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن بولسا شۇ بويۇنچە ئومۇمى مالنىڭ قىممىتى ئىككىسىنىڭ قايسىسىنىڭ قىممىتىگە يەتسە، شۇ بويۇنچە زاكاتنى بېكىتىدۇ".

    دۇنيا ئىسلام بىرلىكىگە قاراشلىق ئىسلام پىقھى مەجمۇئەسى، سەئۇدى ئەرەبىستان بۈيۈك ئالىملار ھەيئىتى ۋە دائىمىي كومىتېت پەتىۋا بۆلىمى، شەيخ بىن باز رەھىمەھۇللاھ ۋە باشقا ئالىملار تەرىپىدىن مۇنداق قارار چىقىرىلغان: قەغەز پۇلنىڭ زاكات مىقدارى يوقسۇللارنىڭ مەنپەئەتىگە پايدىلىق بولىشى ئۈچۈن ئالتۇن-كۈمۈشتىن ئىبارەت ئىككى ئۆلچەمنىڭ ئەڭ تۆۋەن مىقدارى بىلەن بېكىتىلىدۇ.

    "دۇنيا ئىسلام بىرلىكىگە قاراشلىق ئىسلام پىقھى مەجمۇئەسى"قارارىدا مۇنداق كەلگەن:" قەغەز پۇلغا زاكاتنىڭ ۋاجىپ بولىشى، ئالتۇن ياكى كۈمۈشتىن ئىبارەت ئىككى ئۆلچەمنىڭ ئەڭ تۆۋەن مىقدارى بىلەن ياكى ئالتۇن-كۈمۈشتىن باشقا پۇللاردىن ۋە تىجارەتكە تەييارلىغان ماللاردىن بېكىتىلىدۇ". [6-قېتىملىق قارار 101-بەت].

    "دائىمىي كومىتېت پەتىۋاسى" 9-توم 257-بەتتە مۇنداق كەلگەن:

    سوئال: دوللارنىڭ زاكات مىقدارىنى بىلمەكچى ئىدۇق؟.

    جاۋاپ: دوللار ۋە ئۇنىڭدىن باشقا قەغەز پۇللارنىڭ زاكات ئۆلچىمىنىڭ مىقدارى ئالتۇندىن يىگىرمە مىسقالغا(85 گىرام ئەتراپىدا) باراۋەر كەلسە، كۈمۈشتىن بىر يۈز قىرىق مىسقالغا(595 گىرام ئەتراپىدا) باراۋەر كەلسە، ئىنساننىڭ قولىدىكى دوللار ۋە ئۇنىڭدىن غەيرىدىكى قەغەز پۇللارغا زاكات ئايرىش ۋاجىپ بولىدۇ. يوقسۇللارنىڭ مەنپەئەتىگە پايدىلىق بولىشى ئۈچۈن ئالتۇن-كۈمۈشتىن ئىبارەت ئىككى ئۆلچەمنىڭ ئەڭ تۆۋەن مىقدارى بىلەن بېكىتىلىدۇ، بۇنىڭدا باھانىڭ ئوخشىماسلىقى، ۋاقىتنىڭ ۋە شەھەرلەرنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراش كېرەك بولىدۇ.

    ئاللاھ تائالا ھەممەيلەننى توغرا يولغا مۇۋەپپەق قىلسۇن. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

   پەتىۋادا: ئابدۇللاھ بىن قەئۇد، ئابدۇللاھ بىن غۇدەييان، ئابدۇرەززاق ئەپىيپى، ئابدۇل ئەزىز بىن ئابدۇللاھ بىن باز" قاتارلىقلار. ["بىن باز پەتىۋالار مەجمۇئەسى" 14-توم 125-بەت].

    سوئال سورىغۇچىغا دەيدىغىنىمىز: 595 گىرام كۈمۈشنىڭ قىممىتى قانچىلىك بولىدۇ؟ شۇنىڭغا قاراش كېرەك، پۇلنىڭ مىقدارى 595 گىرام كۈمۈشنىڭ قىممىتىگە يەتسە، ئۇنىڭدا مالدىن 2.5% پىرسەنتنى زاكاتقا ئايرىيدۇ.

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلىدۇ.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى