سەيشەنبە 9 رامىزان 1445 - 19 مارت 2024
Uygur

رامىزان روزىسىنى ئاغزاكى نىيەت قىلىش بىدئەتتۇر

سۇئال

بىز ياشاۋاتقان رايوندا، رامىزان روزىسىنى تۇتقاندا:ئى ئاللاھ! مەن سەن ئۈچۈن روزا تۇتتۇم، مىنىڭ ئىلگىركى ۋە كىيىنكى گۇناھلىرىمنى كەچۈرۈم قىلغىن دەپ نىيەت قىلىمىز. بىز بۇ سۆزنىڭ ئەرەبچىسىنى بىلمەيمىز. بىزنىڭ بۇ شەكىلدە نىيەت قىلغىنىمىز توغرىمۇ؟ توغرا بولسا، بۇ سۆزنىڭ مەنىسىنى چۈشەندۈرۈپ قويۇڭلار، ئەگەر توغرا بولمىسا قۇرئان-ھەدىستە كۆرسىتىلگەن توغرا شەكىلدىكى نىيەت قىلىشنى تەلىم بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز؟.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر.

رامىزان روزىسى ياكى باشقا ئىبادەتلەر بولسۇن نىيەتسىز توغرا بولمايدۇ. بۇ ھەقتە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ھەقىقەتەن ئەمەللەر نىيەت بىلەن بولىدۇ، ھەربىر ئىنسان ئۈچۈن نىيەت قىلغىنى بولىدۇ...... [بۇخارىي ۋە مۇسلىم رىۋايىتى].

پەرز روزا تۇتۇشنىڭ نىيىتى تاڭ يورۇشتىن ئىلگىرى يەنى بامداتنىڭ ۋاقتى كېرىشتىن بۇرۇن بولىشى كېرەك، چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: كىمىكى بامداتتىن بۇرۇن نىيەت قىلمىسا، ئۇ كىشىنىڭ روزىسى روزا بولمايدۇ. [تىرمىزىي رىۋايىتى] نەسائىينىڭ رىۋايىتىدە: كېچىدە روزا تۇتۇشنى مەقسەت قىلمىغان كىشىنىڭ روزىسى روزا ئەمەس دېيىلگەن.[تىرمىزى رىۋايىتى، بۇ ھەدىسنى ئالبانى سەھىھ دەپ قارىغان].

ھەدىسنىڭ مەزمۇنى: كىمىكى روزا تۇتۇشنى نىيەت قىلىپ، كېچىدىن تارتىپ روزا تۇتۇشقا كەسكىن ئىرادە قىلمىغان كىشىنىڭ روزىسى روزا بولمايدۇ، دېگەننى ئىپادىلەيدۇ.

نىيەت قىلىش قەلبنىڭ ئىشى بولۇپ، مۇسۇلمان كىشى چىن قەلبىدىن، مەن ئەتە روزا تۇتىمەن دېگەننى ئىرادە قىلىدۇ. ساغلام كۆزقاراشلارغا ئاساسلانغاندا نىيەتنى ئاغزاكى دېيىش شەرىئەتتە يولغا قويۇلمىغان.

"روزا تۇتۇشنى نىيەت قىلىمەن" ياكى "مەن كەسكىن روزا تۇتىمەن" دېگەندەك ئاتالمىش نىيەت قىلىش ئۇسۇللىرى كىشىلەر تەرىپىدىنپەيدا بولغان ئەسلى يوق ئىشلاردۇر.

توغرا نىيەت ئۇسۇلى بولسا: مەن ئەتە روزا تۇتىمەن دەپ قەلبىدىن ئۆتكۈزۇش ۋە روزا تۇتۇشقا كەسكىن ئىرادە قىلىشتىن ئىبارەتتۇر.

شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ، ئىختىيارات ناملىق ئەسىرىنىڭ 191-بېتىدە مۇنداق دەيدۇ: "ئىنساننىڭ قەلبىگە مەن ئەتە روزا تۇتىمەن دېگەن تۇيغۇ كەلسە، ئۇ كىشى روزا تۇتۇشنى نىيەتقىلغان بولىدۇ.

سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات دىنى پەتىۋا تەشۋىقات كومىتېتى ئالىملىرىدىن، ئىنسان رامىزان روزىسى ئۈچۈن قانداق نىيەت قىلىدۇ؟ دەپ سورالغاندا، مۇنداق جاۋاب بەرگەن: رامىزاننىڭ ھەر كېچىسىدە روزا تۇتۇشنى كەسكىن ئىرادە قىلىدۇ، مانا بۇ ئۇ كىشىنىڭ روزا تۇتۇشنى نىيەت قىلىشىدۇر. دائىمىي كومىتېت پەتىۋالار توپلىمى 10-توم 246-بەت. توغرىنى ئاللاھ بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى