بۇرۇتىنى قىسقارتىش بولسا ئىسپاتلانغان تەبىئىي خۇسۇسىيەتتىن(يەنى پىترەتتىن).
ئىبنى مۇنزىر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن بايان قىلىنغان سەھىھ ھەدىسلەر: بۇرۇتنى قىسقارتىش ۋە تىرناقنى ئېلىش قاتارلىق ئىشلارنىڭ تەبىئىي خۇسۇسىيەت(پىترەت) ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «بۇرۇتنى قىسقارتىپ، ساقالنى قويۇشقا بۇيرىغان». [ئەلئەۋسەت 2 -توم 238 -بەت].
لېكىن ئۆلىمالار بۇنىڭ يولغا قويۇلۇش دەرىجىسى سۇننەتمۇ ياكى ۋاجىبمۇ؟ دېگەن قاراشتا پەرقلىق بولدى.
بەزى ئۆلىمالار يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئىككى ھەدىسنىڭ كۆرۈنۈشىگە قاراپ ۋاجىپ دېگەن قاراشتا بولدى.
ئىبنى مۇپلىھ رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "بۇرۇت پۈتۈن ئېلىنىدۇ ياكى بەزى تەرىپى قىسقارتىلىنىدۇ. ئىبنى ھەزمى: بۇرۇتىنى قىسقارتىش ۋە ساقالنى قويۇش دېگەنگە ئۆلىمالارنىڭ بىرلىككە كەلگەنلىكىنى بايان قىلدى.
مالىكى مەزھەپ ئالىملىرى ۋە باشقا ئۆلىمالار بۇنى مۇتلەق سۈننەت ئەمەللەردىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ شۇنداق بۇيرىغان دېگەن قاراشتا بولدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مۇشرىكلارنىڭ ئەكسىچە ئىش قىلىڭلار». [بۇخارى ۋە مۇسلىم بايان قىلغان].
ئىمام مۇسلىم بايان قىلغان ھەدىستە: «مەجۇسىلارغا (ئاتەشپەرەسلەرگە) قارشى ئىش قىلىڭلار(يەنى ئۇلارنىڭ خىلاپىدا قىلىڭلار). « زەيد ئىبنى ئەرقەم رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە مۇنداق دېگەن: «بۇرۇتىنى ئالمىغان(قىسقارتىمىغان) كىشى بىزدىن ئەمەس». ئەھمەد، نىسائىي ۋە تىرمىزى بايان قىلىپ سەھىھ دېگەن، بۇ ئاتالغۇلار بىزنىڭ مالىكى مەزھەپ قارىشىدا ھاراملىقنى بىلدۈرىدۇ" . [ئەل پۇرۇ 1 -توم 151-152 -بەت].
ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: " دەلىللەر بۇرۇت ئۇزۇن بولۇپ كەتسە ئۇنى قىسقارتىشنىڭ ۋاجىپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇنىڭغا بۇيرۇغانلىقى ئۈچۈن بۇنىڭ ۋاجىپ ئىكەنلىكى مۇئەييەنلىشىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «بۇرۇتىنى ئالمىغان(قىسقارتىمىغان)كىشى بىزدىن ئەمەس». [تۆھپەتۇل مەۋدۇد 257 -بەت].
شەيخ مۇھەممەد بىن ئەلى ئادەم ئىسيۇبىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: " يۇقىرىدا بايان قىلغان ھەدىس ۋە «بۇرۇتىنى ئىلىڭلار(قىسقارتىڭلار » دېگەن ھەدىس ۋە باشقا ھەدىسلەر بۇرۇتىنى قىسقارتىشنىڭ ۋاجىپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. ئىبنى ھەزمى رەھىمەھۇللاھ "ئەل پەتھ"دىمۇ شۇنداق بايان قىلغان. "ئەل مەنھەل"دە بۇ سۆز زىيادە كەلگەن: ھەنەفى مەزھەپ ئۆلىمالىرىنىڭ بەزىسى ۋە كۆپچىلىك ئالىملار بۇرۇتنى قىسقارتىشنى مۇستەھەب دەپ قارىغان.
ئاندىن مۇنداق دېدى: بىرىنچى قاراش ئېنىقتۇر. ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر". [زەخىرەتۇل ئۇقبا 1 -توم 380 -بەت].
كۆپچىلىك ئالىم-ئۆلىمالار بۇرۇتنى ئېلىش-قىسقارتىشنى سۈننەت دەپ ، يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئىككى ھەدىس بۇرۇتنى ئېلىش ياكى قىسقارتىشنىڭ ۋاجىپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەيدۇ ، دېگەن قاراشتا بولدى.
زەيد ئىبنى ئەرقەم رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «بۇرۇتنى ئالمىغان(يەنى قىسقارتمىغان)كىشى بىزدىن ئەمەس». بۇ ھەدىسنى تىرمىزى 2761-ھەدىستە ۋە باشقا ھەدىس ئالىملىرى بايان قىلغان. نۇرغۇن ئالىملار بۇ ھەدىسنى سەھىھ دېگەن. بۇنىڭ جۈملىسىدىن، ئىمام تىرمىزىمۇ ھەدىسنى بايان قىلىپ بولۇپ: بۇ ھەدىس ھەسەن سەھىھ دېگەن". «بىزدىن ئەمەس» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى: بىزنىڭ پىرىنسىپىمىزدا ۋە بىزنىڭ يولىمىزدا ۋە بىزنىڭ ئەخلاقىمىزدا ئەمەس دېگەنلىكتۇر.
ئىراقىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "بەنى غىپار قەبىلىسىدىن بىر كىشىنىڭ بايان قىلغان ھەدىسىدىكى: «ئەۋرىتىنىڭ تۈكىنى ئالمىغان، تىرناقلىرىنى ئالمىغان ۋە بۇرۇتىنى قىسقارتىمىغان كىشى بىزدىن ئەمەس» دېگەن سۆز بۇنىڭ ۋاجىپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
بۇنىڭغا بېرىلىدىغان جاۋاپ ئىككى يولدىن بولىدۇ:
بىرىنچىسى: بۇ ھەدىس سابىت ئەمەس، چۈنكى بۇ ھەدىسنىڭ ئسنادىدا ئىبنى لۇھەيئە بولۇپ، ئۇنىڭ ھەققىدە سۆز بارلىقى ھەممەيلەنگە مەلۇم. ئۇنىڭدىن پەقەت ھەدىسنىڭ: «بۇرۇتىنى ئېلىش» دېگەن قىسمى سابىت، بۇنى ئىمام تىرمىزى بايان قىلىپ سەھىھ دېگەن.
نىسائى زەيد ئىبنى ئەرقەم رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە، ئۇ كىشى مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغانىدىم: «بۇرۇتىنى ئالمىغان(قىسقارتىمىغان)كىشى بىزدىن ئەمەس» دېگەن.
ئىككىنچىسى: بۇ ھەدىسنى سابىت دېگەندىمۇ، بۇنىڭدىن بولغان مەقسەت: بىزنىڭ پىرىسىپىمىزدا ۋە بىزنىڭ يولىمىزدا ۋە بىزنىڭ ئەخلاقىمىزدا ئەمەس دېگەنلىكتۇر.
بۇ خۇددى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «قۇرئاننى تەجۋىد بىلەن ئوقۇمىغان كىشى بىزدىن ئەمەس» دېگەن ھەدىسىگە ئوخشايدۇ. بۇنىڭدىن: بىزنىڭ پىرىسىپىمىزدا ۋە بىزنىڭ يولىمىزدا ئەمەس دېگەنلىك مەقسەت قېلىنىدۇ. "[تەرھىت تەسرىيب" 2 -توم82 -بەت.]
ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر". "
ئەمما ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مۇشرىكلارنىڭ قارشىسىدا ئىش قىلىڭلار، ساقالنى قويۇڭلار، بۇرۇتنى ئىلىڭلار(قىسقارتىڭلار) » [بۇخارى رىۋايىتى 5892 -ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى259 -ھەدىس].
ئۆلىمالارنىڭ قارىشىغا كۆرە، "ساقالنى قويۇشنىڭ ۋاجىپلىقى، ئۇنى ئالدۈرىۋېتىشنىڭ ھارام ئىكەنلىكىدىن، بۇرۇتىنى قىسقارتىش ۋاجىپ، ئالماي قويۇش ھارام دېگەنلىك لازىم كەلمەيدۇ، چۈنكى ئۇ ئىككىسىنىڭ بىر بۇيرۇقتا جۇغلىنىپ كەلگەنلىكى، ئۇ بۇيرۇقنىڭ دەرىجىدە باراۋەر بولىشى لازىم كەلمەيدۇ، بۇ بارلىق ئۇسۇل پىقھى ئالىملىرىنىڭ قارىشىدۇر.
زەركىشىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "لەپزىدە ئىككى جۈملىنىڭ ئارىسىنى بىرگە كەلتۈرۈش زىكىر قىلىنمىغان ھۆكۈمدە باراۋەر قىلىشنى تەقەززا قىلمايدۇ. ئەبۇ يۈسۈپ ۋە مۇزەنىينىڭ قارىشى بۇنىڭ خىلاپىدىدۇر.
بۇنىڭ ئىزاھى: لەۋزىدە ئىككى نەرسىنىڭ ئارىسىنى جۈپلەپ كەلتۈرۈش، باشقا ھۆكۈملەردە ئۇلارنىڭ ئارىسىنى باراۋەر قىلىشنى تەلەپ قىلمايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ۋاجىپ سۈننەتكە چېتىلىپ كېلىدۇ، بۇ خۇددى بۇ ئايەتنىڭ سىياقىغا ئوخشايدۇ: كُلُوا مِن ثَمَرِهِ إِذَا أَثْمَرَ وَآتُوا حَقَّهُ يَوْمَ حَصَادِهِ »تەرجىمىسى: «مېۋىسى پىشقاندا، ئۇلاردىن يەڭلار، مېۋە (نىڭ ھوسۇلى) نى يىغقان كۈندە (يەنى يىغقان ۋاقىتتا)، ئۇنىڭ ھەققىنى ئادا قىلىڭلار». [سۈرە ئەنئام 141 -ئايەت.]
ھەنەفى مەزھىبىدىن ئىمام ئەبۇ يۈسۈپ ۋە شافىئى مەزھىبىدىن مۇزەنىي مۇنداق دەيدۇ: "لەۋزىدە ئىككى نەرسىنىڭ ئارىسىنى جۈپلەپ كەلتۈرۈش، باشقا ھۆكۈملەردە ئۇلارنىڭ ئارىسىنى باراۋەر قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ، چۈنكى باغلىنىش ئورتاقلىقىنى تەقەززا قىلىدۇ" . [تەشرىپ ئەل مەتسالى 2 -توم 266 -بەت].
تەپسىرشۇناس ئالىم شەيخ مۇھەممەد ئەمىين شەنقىتىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئۇسۇل ئالىملىرىنىڭ كۆپ قىسمى "بىرگە كەلتۈرۈشنىڭ دەلىلىنى" ئاجىز دەپ قارىدى، بەزى ئالىملار ئۇنى دەلىل قىلسا توغرا بولىدۇ دەپ قارىغان". [ئەزۋائۇل بايان 3 -توم 266 -بەت].
شۇنىڭغا ئاساسەن: ھەر بىر جۈملە ئۈچۈن ئۇنىڭ بىرگە كەلگەنلىرى ۋە باشقا دەلىللىرىگە كۆرە ئايرىم خاس ھۆكۈم بولىدۇ.
«بۇرۇتىنى ئىلىڭلار(قىسقارتىڭلار) » دېگەن سۆز توغرىسىدا مۇنداق دېيىلگەن: بۇنىڭدىن بولغان مەقسەت، يۈزىنىڭ گۈزەللىكى ۋە پاكىزلىققا بەك ئەھمىيەت بېرىشتۇر، بۇنىڭغا سۈننەت دېگەن ھۆكۈم مۇۋاپىق كېلىدۇ، مىسۋاك ئىشلىتىش، جۈمە كۈنىدە خۇشبۇي نەرسىلەرنى سۈرتۈش قاتارلىق ھۆكۈملەرمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشايدۇ.
ئىبنى ھەجەر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: " قازى ئەبۇ بەكىر ئىبنىل ئەرەبىينىڭ دېگەن مۇنۇ سۆزى بەك ئەجەبلىنەرلىك سۆزدۇر: مېنىڭ قارىشىمچە: ھەدىستە زىكىر قىلىنغان بەش تۈرلۈك ئىشنىڭ ھەممىسى ۋاجىپتۇر، ئەگەر ئىنسان ئۇنىڭدىن بىرەرنى تەرك قىلسا، ئۇنىڭ شەكلى ئادەمنىڭ شەكلىدە قالمايدۇ، بۇنى بىر قىسىم مۇسۇلمانلار تەرك قىلسا قانداق بولۇپ كېتەر؟!.
مۇئەتتانىڭ شەرھىسىدىمۇ مۇشۇنداق دېگەن. ئەبۇ شامە بۇنىڭغا ئەگەشتۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ: "يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئىشلاردىن مەقسەت قىلىنغىنى كۆرۈنىشى، شەكلىنىڭ گۈزەل بولىشىنى تەلەپ قىلىدۇ، ئۇ بولسىمۇ پاكىزلىقتىن ئىبارەتتۇر. بۇ شەرىئەتنىڭ بۇ توغرىدا ۋاجىپ قىلىدىغان بۇيرۇقىغا ئېھتىياجلىق بولمايدۇ، ئۆزلىكىدىن ئىنتىلىش كۇپايە قىلىدۇ. بۇنى پەقەت سۈننەت دېسەكلا كۇپايە بولىدۇ". [پەتھۇل بارى 10 -توم 339-340 -بەت].
ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.