سەيشەنبە 9 رامىزان 1445 - 19 مارت 2024
Uygur

روزا تۇتۇپ يالغان سۆزلەش توغرىسىدا

37989

تارقاتقان ۋاقىت : 30-07-2013

كۆرگۈچىلەر : 4328

سۇئال

بالىلىق دەۋرىدىن تەرتىپ يالغان سۆزلەشكە ئادەتلەنگەن بىر كىشى ھازىر بۇ ناچار ئادىتىنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنۇۋاتقان بولسىمۇ، يەنىلا سەۋەنلىكتىن يالغان سۆزلەپ قويىدۇ، ئاندىن قىلمىشىغا پۇشايمان قىلىپ ئاللاھدىن كەچۈرۈم سورايدۇ. بۇ قىلمىشىنىڭ رامىزان روزىسىغا تەسىرى بولامدۇ؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگار بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: يالغانچلىقنى تەرك قىلمىغان (يەنى يالغان سۆزلەش، غەيۋەت قىلىش، گەپ توشۇش ۋە يالغان گۇۋاھلىق بېرىش قاتارلىق چەكلەنگەن ئىشلارنى تەرك قىلمىغان) ئاللاھ تائالاغا ئاسىيلىق قىلىپ، گۇناھ، پاھىشە، مۇنكىر ئىشلارنى تەرك قىلماستىن روزا تۇتقان كىشىنىڭ يېمەك-ئىچمەكنى تەرك قىلىپ تۇتقان روزىسىنىڭ ئاللاھ تائالاغا ھېچقانداق ھاجىتى يوقتۇر. (يەنى ئۇنداق ھالەتتە تۇتقان روزىنىڭ ھېچنېمىگە پايدىسى بولمايدۇ). [بۇخارى رىۋايىتى 1903- 6057- نومۇرلۇق ھەدىسلەر].

ئىمام ھاپىز ئىبنى ھەجەر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "يېمەك-ئىچمەكنى تەرك قىلىپ روزا تۇتۇشىنىڭ ئاللاھ تائالاغا ھېچقانداق ھاجىتى بولمايدۇ» دېگەن سۆزنى ئىبنى بەتتال چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ: بۇ سۆزدىن ئۇ كىشىنى روزا تۇتمىسۇن دېگەنلىك ئەمەس بەلكى روزا تۇتقان ۋاقتىدا يۇقىرىدا بايان قىلىنغان مۇنكەر ئىشلارنىڭ سادىر بولۇپ قىلىشىدىن ھەزەر قىلسۇن دېگەنلىكتۇر. بۇ ئۇنداق ھالەتتە تۇتقان روزىنىڭ قوبۇل بولمايدىغانلىقىدىن كىنايىدۇر. بۇنىڭدىن مەقسەت: گۇناھ-مەسىيەتتىن ساغلام بولغان روزا قوبۇل قىلىنىدۇ، گۇناھ-مەسىيەت ئارىلاشقان روزا قوبۇل بولمايدۇ دېگەنلىكتۇر".

ئىبنى ئەرەبىي مۇنداق دەيدۇ: "بۇ ھەدىستىن يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئىشلارنى سادىر قىلغان كىشىنىڭ تۇتقان روزىسىغا ساۋاپ بېرىلمەيدۇ دېگەنلىك چىقىدۇ. يەنى تۇتقان روزىسىنىڭ ساۋابىنى سادىر قىلغان خاتالىقىنىڭ جازاسىغا سېلىشتۇرغاندا، ساۋابى يەڭگىل بولۇپ خاتالىقى ئېغىر كېلىدۇ .

سۆزنىڭ خۇلاسىسى: ھەرقانداق گۇناھ-مەسىيەت تۇتقان روزىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن روزىنىڭ ساۋابى كېمىيىپ كېتىدۇ، بەزى ۋاقىتتا خاتالىق كۆپ بولۇپ كەتسە تۇتقان روزىنىڭ ساۋابىمۇ تولۇق يوقاپكېتىدۇ.

ھۆرمەتلىك قېرىندىشىم! يۇقىرىقىدەك ناچار ئادەتنى تاشلاش ئۈچۈن ئۆز نەپسىڭىزگە قارشى كۆرەش قىلىشنى داۋاملاشتۇرىشىڭىز لازىم. ھەر ۋاقىت خاتالىق سادىر قىلغاندا، دەرھال تۆۋە قىلىپ ئاللاھ تائالادىن كەچۈرۈم سورىشىڭىز كېرەك. چۈنكى خاتالىقتىن قايتقۇچى خۇددى خاتالىق سادىر قىلمىغان كىشىگە ئوخشاشتۇر.

ئاللاھ تائالا ھەممەيلەننى ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان ۋە رازى بولىدىغان ئىشلارنى قىلىشقا مۇۋەپپەق قىلسۇن.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى