سەيشەنبە 9 رامىزان 1445 - 19 مارت 2024
Uygur

قەي قىلىپ قەينىڭ بەزىسى مەقسەتسىز ئاشقازانغا قايتسا بۇنىڭ بىلەن روزىسى بۇزۇلمايدۇ

سۇئال

مەن ھامىلدارلىقنىڭ ئىككىنچى ئېيىدا، رامىزان ئېيىدا كۆپ قەي قىلدىم، بەزى ۋاقىتتا شام نامىزىغا ئاز قالغاندا قەي قىلىمەن، بەزى ۋاقىتتا قەينىڭ ئاشقازىنىمغا قايتقانلىقىنى ھېس قىلىمەن، بۇنىڭ ھۆكمى قانداق بولىدۇ؟.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    بىرىنچى: قەستەن قەي قىلسا روزىنىڭ بۇزىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ئۆلىمالارنىڭ ئارىسىدا ھېچ ئىختىلاپ يوق، ئەگەر ئىختىيارسىز قەي قىلسا بۇنىڭ بىلەن روزا بۇزۇلمايدۇ. [ئىبنى مۇنزىر ۋە خەتتابى  زىكىر قىلغان. "ئەلمۇغنى"ناملىق ئەسەر 4-توم 368-بەت].

    بۇنىڭ ھەدىستىن بولغان دەلىلى: ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ئىختىيارسىز قەي قىلغان كىشىنىڭ روزىسى بۇزۇلمايدۇ، قەستەن قەي قىلغان كىشى روزىسىنىڭ قازاسىنى قىلىدۇ. [تىرمىزى رىۋايىتى 720-ھەدىس]. شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ بۇ ھەدىسنى تىرمىزىنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا كەلتۈرگەن].

    ئىسلام پېشىۋاسى ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ پەتىۋالار توپلىمى 20-توم 266-بەتتە قەي توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ: "قەستەن قەي قىلسا روزىسى بۇزۇلىدۇ، ئىختىيارسىز قەي قىلسا روزىسى بۇزۇلمايدۇ".

    شەيخ ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھدىن: روزىدار كىشى ئىختىيارسىز قەي قىلغان بولسا ئۇ كىشى شۇ كۈنلۈك روزىسىنىڭ قازاسىنى قىلامدۇ ياكى قىلمامدۇ؟ دەپ سورالغاندا، مۇنداق جاۋاپ بەرگەن: "ئۇ كىشى ئىختىيارسىز قەي قىلغان بولسا قازاسىنى قىلىش كېرەك بولمايدۇ، ئەمما قەستەن قەي قىلغان بولسا قازاسىنى قىلىدۇ"، دەپ يۇقىرىقى ھەدىسنى دەلىل قىلغان.

    شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ روزا توغرىسىدىكى پەتىۋالار ناملىق ئەسىرىنىڭ 231-بىتىدە: رامزاندا قەي قىلسا روزىسى بۇزۇلامدۇ؟ دەپ سورالغاندا، شەيخ جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېگەن: "ئەگەر قەستەن قەي قىلسا روزىسى بۇزۇلىدۇ، ئىختىيارسىز قەي قىلغان بولسا روزىسى بۇزۇلمايدۇ" دەپ بۇنىڭغا يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ھەدىس بىلەن ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىسنى دەلىل قىلغان.

    ئەگەر ئىختىيارلىقىڭىزسىز قەي قىلغان بولسىڭىز روزىڭىز بۇزۇلمايدۇ، ئەگەر بىر كىشى ئاشقازىنىنىڭ كۆپتۈرىلىۋاتقانلىقى ۋە بىر ئازدىن كېيىن قەي قىلىدىغانلىقىنى ھېس قىلسا، ئۇ كىشىگە: قەي قىلماسلىقىڭىز كېرەك دەيمىزمۇ؟ ياق، ياكى چېقىرىۋەتمەسلىكىڭىز كېرەك دەيمىزمۇ؟ياق، لېكىن بىز: سىز نورمال تۇرۇڭ، قەي قىلماڭ ۋە قەينىمۇ چەكلەپ قويماڭ، ئەگەر سىز قەستەن قەي قىلسىڭىز روزىڭىزنى بۇزىسىز، قەي قىلىشنى چەكلەپ قويسىڭىز سالامەتلىكىڭىزگە زىيان يېتىدۇ، ئىختىيارىغا قويۇڭ، تەبىئىي چىقسا روزىمۇ بۇزۇلمايدۇ، سالامەتلىككە زىيانمۇ يەتمەيدۇ، دەيمىز.

    ئىككىنچى: ئىنسان قەي قىلىپ ئىختىيارلىقىسىز ئاشقازىنىغا قايتىپ كەتسە، ئۇ كىشىنىڭ روزىسى توغرا بولىدۇ، چۈنكى قەي ئۇ كىشىنىڭ ئىختىيارلىقىسىز قايتتى.

    دائىمىي كومىتېتى ئۆلىمالىرى 10/ 254-نومۇرلۇق سوئالدا: روزا تۇتقۇچى قەي قىلىپ، ئاندىن ئىختىيارسىز قەينى يۇتۇۋەتسە روزىسى بۇزۇلامدۇ؟ دەپ سورالغاندا، ئۇلار جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېگەن: "ئەگەر قەستەن قەي قىلغان بولسا روزىسى بۇزۇلىدۇ، ئىختىيارسىز قەي قىلغان بولسا روزىسى بۇزۇلمايدۇ، شۇنىڭغا ئوخشاش ئىختىيارسىز يۇتىۋەتكەن بولسا ئۇنىڭ بىلەنمۇ روزىسى بۇزۇلمايدۇ".

       ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى