سەيشەنبە 9 رامىزان 1445 - 19 مارت 2024
Uygur

رامزاندا شەيتانلار باغلىنىدۇ دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى

سۇئال

رامزاندا شەيتانلارنىڭ باغلىنىشى توغرىسىدا قانداق قارايسىلەر؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: رامىزان ئېيى كىرسە جەننەتنىڭ ئىشىكلىرى ئېچىلىپ، دوزاخنىڭ ئىشىكلىرى تاقىلىدۇ، شەيتانلار زەنجىرلەر بىلەن باغلىنىدۇ. [بۇخارى رىۋايىتى 1899-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى1079-ھەدىس].

رامىزان كىرگەندە شەيتانلارنىڭ زەنجىرلەر بىلەن باغلىنىشى توغرىسىدا ئالىملار بىرقانچە خىل قاراشتا بولغان.

ھاپىز ئىبنى ھەجەر رەھىمەھۇللاھ ئەلھۇلمىيدىن نەقىل قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: "بۇنىڭدىن بولغان مەقسەت، مۇسۇلمانلار رامزاندا نەپسى-شەھۋەتلىرىنى يوق قىلىپ، روزا تۇتۇپ، قۇرئان تىلاۋەت قىلىش، ئاللاھنى ياد ئېتىش قاتارلىق ئەمەل-ئىبادەتلەر بىلەن مەشغۇل بولغانلىقى ئۈچۈن، شەيتانلار ئۇلارنى باشقا ئايلاردا ئازدۇرۇپ-پىتنىگە سالغاندەك ۋەسۋەسە قىلالمايدۇ.

بەزى ئالىملار: رامزاندا شەيتانلار ئۇلاردىن يىراق قېلىنىدۇ، دەيدۇ. شەيتانلار باغلىنىدۇ دېگەنلىك: ئۇلار رامزاندا زەنجىر-تاقاقلار بىلەن چەمبەر-چەس باغلىنىدۇ، دېمەكتۇر.

قازى ئىياز رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "بەلكىم ھەقىقەتتە مۇشۇ مۇبارەك ئاينىڭ ئۇلۇغلىقى-ھۆرمىتىنى ساقلاش،شەيتانلارنى مۆمىنلەرگە ئازار-كۈلپەت يەتكۈزۈشتىن چەكلەش ئۈچۈن ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن پەرىشتىلەر ئۇلارنى چەمبەر-چەس باغلاپ قويىدۇ".

يەنە بىر مەنادا: رامزاندا شەيتاننىڭ ئىغۋالىرى ئاز بولىدۇ، مۇسۇلمانلارنىڭ خاتالىقلىرى ئەپۇ قىلىنىپ، ئۇلارغا ساۋاپ كۆپ بېرىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن خۇددى شەيتانلار باغلانغاندەك بولىدۇ، دەيدۇ.

ئىمام مۇسلىميۈنۈسنىڭ ئىبنى شىھابتىن بايان قىلغان رىۋايىتىدە: رامزاندا رەھمەت ئىشىكلىرى ئېچىلىدۇ دەپ بايان قىلىنغان. بۇنىڭدىن قارىغاندا شەيتانلارنى باغلاشتىن بولغان مەقسەت، ئۇلارنىڭ مۇسۇلمانلارغا پىتنە-ئىغۋا تارقىتىشتىن ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ نەپسىگە گۇناھ-مەسىيەتنى چىرايلىق كۆرسىتىشتىن ئاجىز كەلگەنلىكىدىن ئىبارەتتۇر.

ئەلزەيىن ئىبنى ئەلمۇنىر: ھەدىستە شەيتانلار باغلىنىدۇ دەپ ئوچۇق بايان قىلىنغاندىن كېيىن، ئۇنى باشقا مەنىلەرگە ئۆزگەرتىشنىڭ ھېچ زۆرۈرىيىتى يوق، دەيدۇ." [پەتھۇل بارى 4-توم 114-بەت].

شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىين رەھىمەھۇللاھدىن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: شەيتانلار باغلىنىدۇ دېگەن سۆزى توغرىسىدا سوراپ، شەيتانلار باغلانغان بولسىمۇ ئەمما بىز بەزى كىشىلەرنىڭ رامىزاننىڭ كۈندۈزىدە تۈرلۈك ناشايان ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولۇپ يۈرگىنىنى كۆرىمىز، بۇنداق ئەھۋالدا شەيتانلارنىڭ باغلانغانلىقىنى قانداق چۇشۇنىمىز؟ دېگەندە، شەيخ جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېگەن: "پەيغەمبىرىمىزدىن بۇ ھەقتە بايان قىلىنغان بەزى ھەدىسلەردە: رامزاندا ھەددىدىن ئاشقۇچى شەيتانلارغا زەنجىر-تاقاق سېلىنىدۇ دەپ زىكىر قىلىنغان. ئىمام نەسائىيمۇ بۇ ھەدىسنى يۇقىرىدىكى لەپزى بىلەنبايان قىلغان. بۇ شەكىلدىكى ھەدىسلەردە بايان قىلىنغان ئىشلار غەيبى ئىشلاردىن بولۇپ، بىز بۇنىڭغا ئىشىنىمىز ۋە بويسۇنىمىز، ئۇنىڭدىن باشقا سۆز قىلمايمىز، بۇنداق قىلغان كىشى دىنىنى ساقلاپ قالالايدۇ ۋە ئاقىۋىتى ياخشى بولىدۇ. ئىمام ئەھمەدنىڭ ئوغلى ئابدۇللاھ دادىسىدىن: شەيتانلار باغلانسا، رامزاندا بەزى ئىنسانلار ناشايان ئىشلارنى قىلىدۇغۇ؟ دەپ سورىغاندا، ئىمام ئەھمەد: ھەدىستە شۇنداق بايان قىلىنغان، بىز ئارتۇق بىر نەرسە دېمەيمىز، دەيدۇ.

رامزاندا كىشىلەرنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ تەرىپىگە قايتىشى ۋە ياخشى ئەمەللەرنى كۆپ قىلىشىنىڭ دەلىلى، شەيتانلار مۆمىنلەرنى گۇناھ-مەسىيەتكە ۋەسۋەسە قىلىشتىن چەكلەنگەنلىكىدىن ئىبارەتتۇر". تۈگىدى. [پەتىۋالار توپلىمى 20-توم].

يۇقىرىدا بايان قىلىغان دەلىللەرگە ئاساسەن، رامىزاندا شەيتانلارغا زەنجىر-تاقاق سىلىنىشى ھەقىقەت بولۇپ، بۇنىڭ قانداقلىقىنى ئاللاھ تائالا بىلگۈچىدۇر. بۇنىڭدىن يەنە رامزاندا كىشىلەر ئارىسىدا گۇناھ-مەسىيەت ۋە يامانلىق سادىر بولمايدۇ دېگەنلىك چىقمايدۇ.

ھەممىدىن توغرىنى بىلگۈچى ئاللاھ تائالادۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى