بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەدئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.
ھەممەيلەنگە مەلۇمكى، ھەر بىر مۇسۇلمان ئەر-ئايال ئۈچۈن لىۋاتە قىلىش
ۋە سىھاق (Lesbianism) قىلىش ھارام بولىدۇ.
ئىبنى مۇنزىر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دېگەن: أَتَأْتُونَ الذُّكْرَانَ مِنَ الْعَالَمِينَ * وَتَذَرُونَ مَا خَلَقَ لَكُمْ رَبُّكُمْ مِنْ أَزْوَاجِكُمْ بَلْ أَنْتُمْ قَوْمٌ عَادُونَ تەرجىمىسى: «سىلەر ئەھلى جاھان ئىچىدىن لىۋاتە قىلىپ پەرۋەردىگارىڭلار سىلەر ئۈچۈن ياراتقان ئاياللىرىڭلارنى تاشلاپ قويامسىلەر؟. سىلەر ھەقىقەتەن (بۇزۇقچىلىقتا) ھەددىدىن ئاشقۇچى قەۋمسىلەر» [سۈرە شۇئەرا 165-ئايەت].
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: «كىمكى لىۋاتە (لۇت ئەلەيھىسسالامنىڭ قوۋمىنىڭ قىلمىشى) قىلسا، ئاللاھ ئۇنىڭغا لەنەت قىلدى». بۇ قىلمىشنىڭ كەسكىن ھارام ئىكەنلىكىگە ئالىملار بىرلىككە كەلگەندىن كېيىن، لىۋاتە (لۇت ئەلەيھىسسالام قوۋمىنىڭ ئەمىلىنى) قىلغان كىشىگە قانداق جازا بېرىش مەسىلىسىدە پەرقلىق قاراشتا بولدى. ["ئەلئىشراپ"7-توم 286-287-بەتلەر].
ئىبنى قەتتان پاسى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئالىملار: ئەر كىشىنىڭ ئەر كىشى بىلەن لىۋاتە قىلىشىنىڭ ئېغىر جىنايەت ئىكەنلىكى شۇنداقلا ئايالنىڭ ئايال بىلەن سىھاق (Lesbianism) قىلىش ھارام بولىدۇ دېگەن قاراشتا ئىتتىپاققا كەلدى. ["ئەلئىقنا پىمەسائىلىل ئىجما" 2-توم 253-بەت].
مۇسۇلمان بۇنداق ناچار ئىش قىلىدىغان كىشىلەرنى تەرك قىلىشى لازىم. شەرىئەت يولغا قويغان ئۆزىنى تۈزەش-ئىسلاھ قىلىش ۋاسىتىلىرىدىن بىرى؛ پاسىق-پاجىر، ناچار-پەسكەش كىشىلەرنى تەرك قىلىشتۇر. ئىمام بۇخارى سەھى كىتابىدا "يېقىنلاشسا گۇناھدىن خالى بولالمايدىغان، سالام قىلسا جاۋاپ قايتۇرمايدىغان كىشىلەرنىڭ ھەقىقى تەۋبە قىلغانلىقى ئېنىق بولغىچە ئۇلارغا ئارىلاشماسلىق ۋە گۇناھ ئىشلىگەن كىشىنىڭ تەۋبە قىلغانلىقى قاچان ئېنىق بولىدۇ" دەپ باپ كەلتۈرگەن، بۇ بابتا ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ھاراقكەشكە سالام قىلماڭلار».
ئۇلار بىلەن ئارىلىشىش ۋە دوستلىشىش ئىنساننىڭ تەبىئىتىنى بۇزىدۇ، ھايانى يوق قىلىدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار بىلەن ھەر قانداق پەسكەشلىك، ئەخلاقسىزلىق ۋە رەسۋالىق قىلىشتىن ھايا قىلمايدۇ.
مۇسۇلمان كىشى ئىمانلىق، تەقۋادار كىشىلەر بىلەن ھەم-سۆھبەت بولۇشقا بۇيرۇلىدۇ.
ئەبى سەئىدىل خۇدەرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «ھەم-سۆھبەتداشلىرىڭ مۆمىن بولسۇن، تامىقىڭنى بىرگە يەيدىغانلار تەقۋا بولسۇن» [تىرمىزى رىۋايىتى2395-ھەدىس. ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى 4832-ھەدىس].
خەتتابى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ھەدىستە سۆزلەنگىنى، دەۋەت قىلىنغان-چاقىرىلغان ئورۇنلاردا يېيىلىدىغان تاماقلار بولۇپ، قورسىقى ئېچىپ ئېھتىياجلىق بولغان تاماق ئەمەس. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَيُطْعِمُونَ الطَّعَامَ عَلَى حُبِّهِ مِسْكِينًا وَيَتِيمًا وَأَسِيرًا تەرجىمىسى: «ئۆزى موھتاج تۇرۇقلۇق، مىسكىنگە، يېتىمگە ۋە ئەسىرگە تائام بېرىدۇ». [سۈرە ئىنسان 8-ئايەت].
ھەممەيلەنگە مەلۇم، ئەسىرگە چۈشكەنلەر كاپىرلار، ئۇلار مۆمىن ئەمەس ۋە تەقۋامۇ ئەمەس.
تەقۋادار بولمىغانلارغا ھەم-سۆھبەت بولۇشتىن چەكلەندى، ئۇلار بىلەن ئارىلىشىش، بىرگە تاماق يېيىش چەكلەندى، كۆپ ۋاقىت بىرگە ئولتۇرۇپ تاماق يېگەندە، دىلىدا دوستلۇق ۋە ئۈلپەتداشلىق پەيدا بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بەزى ئالىملار: "ھەقىقى تەقۋادار بولمىغانلار بىلەن ئۈلپەتداش بولما، بىرگە تاماق يەيدىغان، چاقىرىلىدىغان يېقىنلاردىن قىلما" دەيدۇ. ["ھەدىس كۆرسەتمىلىرى"4-توم 115-بەت].
بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ناچار-پاسكىنا ئىشلارغا ۋاسىتە بولىدىغانلار بولۇپ قالسا ياكى ئۇلارنىڭ بىرى يېقىنى بىلەن پاھىشە سورۇنلىرىغا ماڭغان بولسا، مۇسۇلمان كىشىنى ئۇنداق كىشى بىلەن ئارىلىشىشنى تەرك قىلىشى تەكىتلىنىدۇ لېكىن ئۇلارغا نەسىھەت قىلىپ، خاتالىقتىن قايتۇرۇپ توغرا يولغا قايتۇرالىسا ھەمراھ بولسا بولىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَإِذَا رَأَيْتَ الَّذِينَ يَخُوضُونَ فِي آيَاتِنَا فَأَعْرِضْ عَنْهُمْ حَتَّى يَخُوضُوا فِي حَدِيثٍ غَيْرِهِ وَإِمَّا يُنْسِيَنَّكَ الشَّيْطَانُ فَلَا تَقْعُدْ بَعْدَ الذِّكْرَى مَعَ الْقَوْمِ الظَّالِمِينَ*وَمَا عَلَى الَّذِينَ يَتَّقُونَ مِنْ حِسَابِهِم مِّن شَيْءٍ وَلَكِن ذِكْرَى لَعَلَّهُمْ يَتَّقُونَ تەرجىمىسى: «بىزنىڭ ئايەتلىرىمىز توغرىسىدا (تەنە ۋە مەسخىرە قىلىپ) پاراڭ سېلىشىۋاتقان كىشىلەرنى كۆرگىنىڭدە، ئۇلار بۇنىڭدىن باشقا پاراڭغا چۈشمىگۈچە ئۇلار بىلەن بىللە ئولتۇرمىغىن. ئۇلار بىلەن بىللە ئولتۇرماسلىقنى شەيتان ساڭا ئۇنتۇلدۇرغان بولسا، ئېسىڭگە كەلگەندىن كېيىن، زالىم قەۋم بىلەن بىللە ئولتۇرمىغىن، تەقۋادارلارغا (قۇرئاننى مەسخىرە قىلغۇچى) كاپىرلارنىڭ ھېسابىدىن ھېچ نەرسە يۈكلەنمەيدۇ، لېكىن تەقۋادارلار ئۇلارغا ۋەز ـ نەسىھەت قىلىشلىرى كېرەك. (شۇنداق قىلغاندا) ئۇلار (قۇرئاننى مەسخىرە قىلىشتىن) ساقلىنىشلىرى مۇمكىن» [سۈرە ئەنئام 68-69-ئايەتلەر].
شەيخ سەئدىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئايەتتىكى چەكلىمە ۋە ھاراملىق بىر كىشى ئۇلار بىلەن ئولتۇرۇپ ئۆزىنىڭ تەقۋادارلىقىنى ئىشلەتمىسە، ئۇلارغا ھارام بولغان سۆز-ھەرىكەتلەردە شېرىك بولسا ياكى ئۇلارنىڭ توغرا بولمىغان سۆزىگە قارشىلىق بىلدۈرمەي سۈكۈت قىلسا دېگەن بولىدۇ، ئەگەر ئۆزىنىڭ ئاللاھ تائالاغا بولغان تەقۋادارلىقىنى ئىشلەتسە، ئۇلارنى ياخشىلىققا بۇيرۇپ، ئۇلاردىن سادىر بولغان يامان سۆز-ھەرىكەتلەردىن چەكلىسە، بۇنىڭ بىلەن يامانلىق يوق بولسا ياكى ئازايسا بۇنىڭدا گۇناھ بولمايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ تائالا ئايەتنىڭ ئاخىرىدا: «تەقۋادارلارغا (قۇرئاننى مەسخىرە قىلغۇچى) كاپىرلارنىڭ ھېسابىدىن ھېچ نەرسە يۈكلەنمەيدۇ، لېكىن تەقۋادارلار ئۇلارغا ۋەز ـ نەسىھەت قىلىشى كېرەك. (شۇنداق قىلغاندا) ئۇلارنىڭ (قۇرئاننى مەسخىرە قىلىشلىرىدىن) ساقلانغىلى بولۇشى مۇمكىن» دەيدۇ. ["تەپسىر سەئدى" 260-بەت].
ئەگەر سۆھبەتداشلار كاپىر بولسا ياكى شۇنداق پاھىشە ئىشلارنى توغرا دەپ قارايدىغانلاردىن بولسا، ئۇلار قايسى مىللەتتىن بولسۇن ئۇلارنىڭ ئىددىلوگىيسى بۇزۇق، قىلمىشى ناچار-پاھىشە، ئەھۋالى بەك يامان كىشىلەر بولۇپ ئۇلار بىلەن ئارىلىشىشنى تەرك قىلىش، پۈتۈن ئالاقىلارنى ئۈزۈش ئالاھىدە تەكىتلىنىدۇ.
ئىككىنچى: مۇسۇلمان كىشى دۇنيالىق ئىشلىرى ئۈچۈن ئاشۇ ھەمجىنىسلار، بۇزۇقلار بىلەن مۇئامىلە قىلىشقا مەجبۇر بولۇپ قالسا، ئۇلار بىلەن مۇئامىلە قىلمىغاندا يوللۇق بولغان ئىشلىرى بىرتەرەپ بولمىسا مۇسۇلمان ئۇلارنىڭ شەھىرىدە تۇرغان بولسا بۇنداق ھالەتتە ئۇلار بىلەن ئېلىم-سېتىم، خىزمەت دېگەندەك ئۆزىنىڭ ھاجىتىنى ئادا قىلىپ بولغىچە مۇئامىلە قىلىشسا بولىدۇ.
شاتىبى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئەسلىدە شەرئى قائىدىدە: ئېلىم-سېتىم، ئارىلىشىش، تۇرالغۇ جايلارغا مۇنكەر ئىشلار كىرسە، زېمىندا بۇزۇقچىلىق كۆپ بولسا، چەكلەنگەن ئىشلار تونۇشلۇق بولۇپ كەتسە، ئىنسان ئۆزىنىڭ كۈندىلىك ھاجىتى، ئىش-ھەرىكەتلىرىدە چەكلەنگەن ئىشلاردىن يىراق بولالمىسا، ئەگەر ئۇنىڭدىن يىراق بولىمەن دېسە، سىقىلىش، قىيىنچىلىق ۋە زور تەكلىپاتلارغا ئۇچرىسا، بۇنداق قىيىنچىلىقلار ئۈممەتتىن كۆتۈرۈۋېتىلگەن، ئىنسان شۇنى قىلىشى كېرەك، لېكىن كۈچىنىڭ يېتىشچە ساقلىنىشقا ۋە يىراق تۇرۇشقا تېرىشىشى كېرەك، قالغانلىرى ئەپۇ قىلىنىدۇ، چۈنكى ئۇ ئەسلىنىڭ ھۆكمى ئەمەس بەلكى ئۇنىڭغا بىقنغاننىڭ ھۆكمىدۇر. "ئەل مۇۋاپىقات"3-توم 526-527-بەت.
مۇشۇنداق ھالەتتە ئۇ كىشلەر بىلەن ھاجەت مىقدارى ئارىلىشىپ، ئۇلارنىڭ توغرا بولمىغان ئىشلىرىنى قولى بىلەن ۋە تىلى بىلەن ئىنكار قىلىشتىن ئاجىز كەلسە، ئۇنى دىلىدا ئىنكار قىلىشى كېرەك.
ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.