جۈمە 19 رامىزان 1445 - 29 مارت 2024
Uygur

ئايال ھەيز كۈنلىرىدە ئېھتىلام بولۇپ قالغان بولسا، قۇرئان تىلاۋېتى قىلىش ئۈچۈن يۇيۇنسا بولامدۇ؟

سۇئال

   بىر قىزچاق رامىزاننىڭ كۈندۈزدە ئېھتىلام بولۇپ قالدى، ئۆزىدىن مەنىي كەلگەن ياكى كەلمىگەنلىكىنى بىلەلمىدى، بۇ ئۇ قىزچاقنىڭ ئايلىق ئادەت كۈنلىرى ئېدى، نېمە قىلىشىنى بىلەلمىدى، قۇرئان تىلاۋەت قىلىش ئۈچۈن يۇيۇنىشى كېرەكمۇ ياكى يۇيۇنۇش كېرەك بولمامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

   بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    بىرىنچى: ھەيزدار ئايال جۇنۇپ بولۇپ قالسا ياكى ئېھتىلام بولۇپ قالسا ياكى جۇنۇپ ھالىتىدە ئادەت كۆرۈپ قالغان بولسا، ئۇ ئايالغا جۇنابەتتىن يۇيۇنۇش يولغا قويۇلغان، شۇنىڭ بىلەن قۇرئاننى تۇتماستىن تىلاۋەت قىلىشتىن پايدىلىنىدۇ، چۈنكى جۈنۈپنىڭ قۇرئاننى تۇتماستىن تىلاۋەت قىلىشى چەكلىنىدۇ، لېكىن ھەيزدار ئايال بۇنىڭغا ئوخشىمايدۇ. بۇ توغرىدا 2564 - نومۇرلۇق سوئاللارنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

    ئىبنى قۇدامە رەھىمەھۇللاھ "ئەلمۇغنى" 1-توم 134-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "ئادەت ۋاقتىدا جۇنابەتتىن يۇيۇنسا، توغرا بولىدۇ، جۇنابەتنىڭ ھۆكمى يوقىلىدۇ، بۇ توغرىدا ئىمام ئەھمەد دەلىل بايان  قىلىپ مۇنداق دېگەن: "بۇنىڭ بىلەن جۇنابەت يوق بولىدۇ، ھەيز بولسا قان ئۈزۈلگەندە يوق بولىدۇ، بۇ مەسىلىدە يۇيۇنسا بولمايدۇ دەيدىغان ئالىم يوق، لېكىن ئەتا ئىبنى ئەبۇ رەباھ يۇيۇنمايدۇ دېگەن، ئۇنىڭ يەنە يۇيىنىدۇ دېگەن قارىشىمۇ بار". 

    ئىككىنچى: بىر كىشى ئېھتىلام بولۇپ چۈش كۆرۈپ، ئويغانغاندىن كېيىن نەملىكنى تاپالمىسا، ياكى ئېنىق بىلەلمىسە، ئۇ كىشىگە يۇيۇنۇش كېرەك بولمايدۇ، لېكىن ئۇ كىشى ئېھتىياتەن يۇيىنىۋەتسە ياخشى بولىدۇ. شۇنىڭغا ئاساسەن: ئىشەنچىلىك ھالەتتە قۇرئان تىلاۋەت قىلىش ئۈچۈن يۇيۇنىۋېتىش تەلەپ قىلىنىدۇ.

   ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى