ئۇ كىشىنىڭ سىزگە دېگەن سۆزى توغرا ئەمەس، چۈنكى ھەج قىلىش دېگەن مۇسۇلمانغا ھاياتىدا بىر قېتىم پەرز بولىدۇ. بۇ توغرىدا ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، ئەقرە ئىبنى ھابىس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن: ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! ئاللاھ ھەجنى پەرز قىلدى، بىز ھەر يىلى ھەج قىلىمىزمۇ ياكى ھاياتىمىزدا بىر قېتىملا ھەج قىلساق بولامدۇ؟ دەپ سورىغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «بەلكى ھاياتىدا بىر قېتىم ھەج قىلسا بولىدۇ، بىر قېتىمدىن زىيادە قىلسا نەپلە بولىدۇ، دېدى». [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى 1721-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى سەھىھ دېگەن].
ئەگەر سىز ئىلگىرى ھەج قىلغان بولسىڭىز سىزگە يەنە بىر قېتىم ھەج قىلىش ۋاجىپ بولمايدۇ.
ھەج ئايلىرى ئۈچ ئاي بولۇپ، شەۋۋال، زۇلقەئەدە ۋە زۇلھەججە ئايلىرىدىن ئىبارەتتۇر، بەلكى ئۇ كىشى بۇ ئايلار ھەج ئايلىرى دەپ ئاتالغانلىقى ئۈچۈن بۇ ئايلاردا ئۆمرە قىلغان كىشىگە ھەج قىلىش ۋاجىپ بولىدۇ دەپ چۈشىنىپ قالغان بولىشى مۇمكىن، بۇ خاتا چۈشەنچىدۇر. بەلكى ئۇنىڭ مەنىسى: بۇ ئايلار ھەج ئايلىرى بولغانلىقى ئۈچۈن ھەج چوقۇم مۇشۇ ئايلاردا بولىدۇ، بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ ۋە كېيىنمۇ بولمايدۇ دېگەنلىكتۇر.
شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھدىن: بىر كىشى تەمەتتۇ ھەج قىلماقچى بولۇپ، ئۆمرە ئىبادىتىنى ئادا قىلىپ بولغاندىن كېيىن ھەج قىلماستىن ئۆز يۇرتىغا قايتىپ كەتكەن بولسا، ئۇ كىشىگە كاپارەت كېتەمدۇ؟ دەپ سورالغاندا، شەيخ مۇنداق جاۋاپ بەرگەن: "ئۇ كىشىگە ھېچ نەرسە كەتمەيدۇ، چۈنكى تەمەتتۇ ھەجنى مەقسەت قىلغان كىشى ئۆمرە قىلىپ بولۇپ ھەجگە ئېھرام كىيىشتىن ئىلگىرى ھەج قىلمايدىغان بولۇپ قالسا، ئۇ كىشىگە ھېچ كاپارەت كەتمەيدۇ، لېكىن بۇ يىل ھەج قىلىمەن دەپ ئۆزىگە نەزىر قىلغان بولسا، ئۇ ۋاقىتتا ئۇ كىشىنىڭ قىلغان نەزىرىگە ۋاپا قىلىشى ۋاجىپ بولىدۇ". "شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن پەتىۋالىرى" 2-توم 679-بەت.
ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.