شەنبە 18 شەۋۋال 1445 - 27 ئاپرىل 2024
Uygur

ۋاستىچىلىك قىلىشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا

سۇئال

   ۋاستىچىلىك قىلىشنىڭ ھۆكمى قانداق بولىدۇ؟، ۋاستىچىلىك قىلىپ ئالغان مال ھالال بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

قىسقىچە جاۋاپ

ۋاستىچىلىك دېگەن: ساتقۇچى بىلەن سېتىۋالغۇچى ئارىسىغا كېرىپ سودىنى كېلىشتۈرۈش بولۇپ، بۇ دەللال دەپمۇ ئاتىلىدۇ، چۈنكى سېتىۋالغۇچىنى تاۋارغا، ساتقۇچىنى پۇلغا باشلايدۇ، مەزھەپ ئىماملىرىنىڭ ھەممىسى ۋاستىچىلىك قىلىشنىڭ دۇرۇس ئىكەنلىكى، ئۇنىڭدىن ئالغان پايدىنىڭ ھالال ئىكەنلىكىگە بىرلىككە كەلدى.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

     ۋاستىچىلىك دېگەن: ساتقۇچى بىلەن سېتىۋالغۇچى ئارىسىغا كېرىپ سودىنى كېلىشتۈرۈش بولۇپ، بۇ دەللال دەپمۇ ئاتىلىدۇ، چۈنكى سېتىۋالغۇچىنى تاۋارغا، ساتقۇچىنى پۇلغا باشلايدۇ. ["پىقھى توپلاملىرى" 10-توم 151-بەت].

    ۋاستىچىلىك دېگەن كىشىلەرنىڭ بەك ئېھتىياجى چۈشىدىغان بىر ئىش، نۇرغۇن كىشىلەر ئېلىم-سېتىمدىكى باھانى بىلمەيدۇ، بەزى كىشىلەرنىڭ سېتىۋالىدىغان نەرسىنىڭ ئەيىب-نۇقسانلىرىنى بىلىپ ئېلىشتىن ئىبارەت بولغان تەجرىبە يوق، بەزىلەرنىڭ ئۆزى بىۋاستە بېرىپ ئېلىم-سېتىم قىلىدىغانغا ۋاقتى يوق. شۇنىڭدىن ۋاستىچىلىقنىڭ پايدىلىق ئىش ئىكەنلىكى، بۇنىڭدىن ئالغۇچى، ساتقۇچى ۋە ۋاستىچى قاتارلىقلارنىڭ مەنپەئەتلىنىدىغانلىقى ئىپادىلىنىدۇ.

    ۋاستىچى ساتقۇچى بىلەن سېتىۋالغۇچى ئارىسىدا سودا بولىۋاتقان نەرسىنى ياخشى بىلىدىغان بولىشى كېرەك، دەللاللىقنى بىلمىسىمۇ، مەن ھەممىنى بىلىمەن، تەجرىبەم بار دەپ يالغاننى داۋا قىلماسلىق كېرەك.

    ۋاستىچى ئىشەنچىلىك، راستچىل، سەمىمىي بولىشى، بىرىنىڭ پايدىسى ھېسابىغا يەنە بىرىنى زىيانغا ئۇچراتماسلىقى بەلكى تاۋارنىڭ ئەيىب-نۇقسانلىرى ۋە ئالاھىدىلىكلىرىنى تولۇق بايان قىلىپ بېرىشى كېرەك. ئۆزىنىڭ سەمىمىيىتى ۋە ئىشەنچىلىكى بىلەن ئالغۇچى ۋە ساتقۇچى تەرەپنى ئالدىماسلىقى لازىم. 

     مەزھەپ ئىماملىرىنىڭ ھەممىسى ۋاستىچىلىك قىلىشنىڭ دۇرۇس ئىكەنلىكى، ئۇنىڭدىن ئالغان پايدىنىڭ ھالال ئىكەنلىكىگە بىرلىككە كەلدى. 

ئىمام مالىك رەھىمەھۇللاھدىن: ۋاستىچىلىقنىڭ ھەققى توغرىسىدا سورالغاندا، "دۇرۇس بولىدۇ" دېگەن. ["مۇدەۋۋەنە" 3-توم 466-بەت].

     ئىمام بۇخارى ئۆزىنىڭ سەھىھ كىتابىدا: "ۋاستىچىنىڭ ئىش ھەققى" دەپ باب كەلتۈردى. ئىبنى سىيرىن ۋە ئەتا ۋاستىچىنىڭ ئىش ھەققى خاتا ئەمەس دەپ قارىدى. ئىبراھىم نەخەئى، ھەسەن بەسەرى ۋاستىچىنىڭ ئىش ھەققى بىر ئاز مەسىلە بار دەپ قارىدى.

    ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ۋاستىچىنىڭ ئىش ھەققى خاتا ئەمەس، ئۇ كىشىگە: بۇ رەختنى مۇنچىگە ساتقىن، ئۇنىڭدىن ئارتۇق ساتساڭ ئارتۇقى سېنىڭ دېگەندەكتۇر. 

    ئىبنى سىيرىن: ۋاستىچىغا: بۇنى مۇنچىگە ساتقىن، پايدىسى سېنىڭ ياكى پايدىنى تەڭ ئالىمىز دېگەن بولسا بولىدۇ دەيدۇ.

    پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مۇسۇلمانلار قىلىشقان شەرتلىرىگە ئەمەل قىلىدۇ»". ئىمام بۇخارىنىڭ سۆزى تۈگىدى.

     ئىبنى قۇدامە "ئەلمۇغنى" 8-توم 42-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: " ۋاستىچىلىك قىلىش دۇرۇس بولىدۇ، خېرىدارغا مال ئىلىپ بېرىدۇ، ئىبنى سىيرىن، ئەتا، ئىبراھىم نەخەئى قاتارلىقلار بۇنىڭغا رۇخسەت قىلغان، بۇ مەلۇم مۇددەتتە دۇرۇس بولىدۇ، خۇددى ئون كۈن مال ئېلىپ-سېتىپ بەرگەنگە ئوخشاش، ۋاقتى ئېنىق بولىشى ۋە قىلىدىغان خىزمەت ئېنىق بولىشى كېرەك، ئەگەر خىزمەتنى بېكىتىپ ۋاقىتنى بېكىتمەي، ھەر مىڭ دىرھەمدىن مەلۇم مىقدارنى ئايرىسا شۇنىڭدەك ئەگەر مەلۇم رەختنى سېتىش ئۈچۈن ياللىغان بولسا، توغرا بولىدۇ. ئىمام شاپىئىيمۇ شۇنداق دېگەن، چۈنكى ئۇ دۇرۇس ئىش، ئۇنىڭدا ئورۇنباسار بولسا بولىدۇ، بۇ ئېنىق، شۇنىڭدەك، رەخت سېتىۋېلىش ئۈچۈن ياللىغان بولسىمۇ دۇرۇس بولىدۇ".

    دائىمىي كومىتېتى ئالىملىرىدىن: بىر تىجارەت ئىشخانىسى بەزى شىركەتلەرنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى سېتىپ بېرىش ئۈچۈن ۋاستىچىلىك قىلىدۇ، شىركەت ئۇلارغا نەمۇنە ئەۋەتىدۇ، ئۇلار نەمۇنەنى بازارغا سالىدۇ، ئۇنى ئۆزلىرى شىركەت بىلەن كېلىشكەن كومسسىيون ئېلىش باراۋېرىدە خېرىدارلارغا شىركەت باھاسىدا ساتىدۇ، بۇنىڭدا گۇناھ بولامدۇ؟. دەپ سورالغاندا، ئۇلار مۇنداق جاۋاپ بەرگەن: «ئىش سىز يۇقىرىدا زىكىر قىلغاندەك بولسا، سىزنىڭ كومسسىيون ھەققى ئىلىشىڭىز دۇرۇس بولىدۇ، گۇناھ بولمايدۇ». ["دائىمىي كومىتېتى پەتىۋاسى" 13-توم 125-بەت].

    شەيخ بىن باز رەھىمەھۇللاھدىن: دۇكان ۋە ئۆيلەرنى ئىجارىگە بېرىش ئۈچۈن  خېرىدار ئىزدەپ ئۇنىڭ بەدىلىگە ھەق ئىلىش توغرىسىدا سورالغاندا، شەيخ جاۋاپ بېرىپ: بۇنىڭدا گۇناھ يوق، بۇ خىزمەت قىلغانلىق ھەققىدۇر، سىز ئۆي ياكى دۇكان ئىجارە ئالماقچى بولغان كىشىگە مۇناسىپ كېلىدىغان جاينى ئىزدەپ تىرىشچانلىق قىلىسىز، ئىجارە ئالغۇچى بىلەن ساھىبنى كېلىشتۈرۈشكە ياردەم قىلىسىز، بۇنىڭ ھەممىسى ئاللاھ خالىسا توغرا ئىش، لېكىن ئارىدا ئالدامچىلىق ۋە خىيانەت بولماسلىقى بەلكى سەمىمىيلىك ۋە ئامانەت بىلەن بولىشى كېرەك، سىز خېرىدارغا ۋە زېمىن ئىگىسىگە ئالدامچىلىق قىلماي، زۇلۇم قىلماي، تەلەپ قىلىنغان ئىشنى سەمىمىيلىك ۋە ئىشەنچ بىلەن ئادا قىلسىڭىز ئاللاھ خالىسا ياخشىلىقتا بولىسىز.  ["شەيخ بىن باز پەتىۋالىرى"19-توم 358-بەت].

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى