پەيشەنبە 9 شەۋۋال 1445 - 18 ئاپرىل 2024
Uygur

ئۈچ مەسچىتتىن باشقا جايدا ئېتىكاپ قىلىشقا بولمايدۇ دېگەن ھەدىس توغرىسىدا

سۇئال

مەن ھەرەم مەسچىتى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەسچىتى ۋە پەلەستىندىكى ئەقسا مەسچىتىدىن ئىبارەت ئۈچ مەسچىتتىن باشقا مەسچىتتە ئېتىكاپ قىلسا بولمايدۇ دېگەن مەزمۇندىكى بىر ھەدىسنى ئاڭلىدىم، بۇ ھەدىس سەھىمۇ؟ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

بىرىنچى: سۇئال سورىغۇچى قېرىندىشىم سورىغان ھەدىسنى ئىمام بەيھەقىي (4/315) رەھىمەھۇللاھ ھۇزەيپە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلغان بولۇپ، ھۇزەيپە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا: "سېنىڭ ئۆيۇڭ بىلەن ئەبۇ مۇسا رەزىيەللاھۇئەنھۇنىڭ ئۆيىنىڭ ئارىسىدا (يەنى مەسچىتتە) ئېتىكاپ قىلىۋاتقان كىشىلەرنىڭ يېنىدىن ئۆتتۈم، مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ:ئۈچ مەسچىتتىن باشقا مەسچىتتە ئېتىكاپ قىلىش توغرا بولمايدۇ يەنى ھەرەم مەسچىتى، قاتارلىقلار دېگەنلىكىنى بىلىمەندەيدۇ، ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇنىڭغا: ئىھتىمال سەن ئۇنتۇپ قالغان بولۇشىڭ مۇمكىن، ئۇلار ئىسىدە تۇتقان، سەن خاتالاشقان، ئۇلار توغرا قىلغان بولىشى مۇمكىن دېدى. [بۇ ھەدىسنى شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى 2876-ھەدىستە كەلتۈرگەن].

ئىككىنچى: كۆپچىلىك ئالىملار بۇ مەسىلىگە قارىتا، ئىېتىكاپنى ئۈچ مەسچىتنىڭ بىرىدە قىلىش شەرت قىلىنمايدۇ دەپ قارايدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَلا تُبَاشِرُوهُنَّ وَأَنْتُمْ عَاكِفُونَ فِي الْمَسَاجِدِتەرجىمىسى: سىلەر مەسجىدتە ئېتىكاپتا ئولتۇرغان چېغىڭلاردا (كۈندۈز بولسۇن كېچە بولسۇن)، ئۇلارغا يېقىنچىلىق قىلماڭلار.[سۈرە بەقەرە 187-ئايەت].

ئايەتتە بايان قىلىنغان مەسچىت دېگەن سۆز ئومۇمى سۆز بولۇپ، بۇ ھەممە مەسچىتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئەمما جامائەت توپلىشپ ناماز ئوقۇمايدىغان مەسچىتتە، نامازنى جامائەت بىلەن ئوقۇشى ۋاجىپ بولغان كىشىلەرنىڭ ئېتىكاپ قىلىشى توغرا بولمايدۇ. بۇ ھەقتە تېخىمۇ كۆپ مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن 48985- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا مۇراجىئەت قلىنسۇن.

ئىمام بۇخارى رەھىمەھۇللاھ ئايەتنىڭ ھەممە مەسچىتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دەيدۇ: "رامزاننىڭ ئاخىرىقى ئون كۈنىدە ۋە بارلىق مەسچىتلەردە ئېتىكاپ قىلىش توغرىسىدا" دەپ ئايرىم باب تۇرغۇزىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَلا تُبَاشِرُوهُنَّ وَأَنْتُمْ عَاكِفُونَ فِي الْمَسَاجِدِ تِلْكَ حُدُودُ اللَّهِ فَلا تَقْرَبُوهَا كَذَلِكَ يُبَيِّنُ اللَّهُ آيَاتِهِ لِلنَّاس ِ لَعَلَّهُمْ يَتَّقُونَتەرجىمىسى: سىلەر مەسجىدتە ئېتىكاپتا ئولتۇرغان چېغىڭلاردا كۈندۈز بولسۇن كېچە بولسۇن، ئۇلارغا يېقىنچىلىق قىلماڭلار، ئەنە شۇلار ئاللاھ بەلگىلىگەن چېگرىلاردۇر (يەنى مەنئى قىلغان ئىشلاردۇر)، ئۇنىڭغا يېقىنلاشماڭلار. كىشىلەرنىڭ ھارام قىلىنغان ئىشلاردىن ساقلىنىشلىرى ئۈچۈن، ئاللاھ ئايەتلىرىنى ئۇلارغا مۇشۇنداق بايان قىلىدۇ. [سۈرە بەقەرە 187-ئايەت].

ئىمام تاھاۋىي رەھىمەھۇللاھ ئۆزىنىڭ: "مۇشكىلىل ئاسار ناملىق ئەسىرى 4-توم 205-بىتىدە بايان قىلغىنىدەك، ئىنسانلار پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدىن تارتىپ ھازىرغىچە ئۆز ئەتراپىدىكى مەسچىتلەردە ئېتىكاپ قىلىپ كەلمەكتە.

شەيخ ئىبنى ئۈسەيمىن رەھىمەھۇللاھدىن: "ھەرەم مەسچىتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەسچىتى ۋە پەلەستىندىكى ئەقسا مەسچىتىدە ئېتىكاپ قىلىشنىڭ ھۆكمى؟ توغرىسىدا سورالغاندا، شەيخ جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دەيدۇ: "ھەرەم مەسچىتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەسچىتى ۋە پەلەستىندىكى ئەقسا مەسچىتى قاتارلىق ئۈچ مەسچىتتىن باشقا مەسچىتلەردە ئېتىكاپ قىلىشنىڭ يوللۇق ئىكەنلىكى، ئېتىكاپ قىلىش پەقەت بۇ ئۈچ مەسچىتكىلا خاس بولماستىن بەلكى، بۇ ئۈچ مەسچىتتە ۋە باشقا بارلىق مەسچىتلەردە دۇرۇس بولىدۇ، بۇ ئىسلامدىكى مەشھۇر ئىماملارنىڭ ۋە ئىمام ئەبۇ ھەنىپە، ئىمام مالىك، ئىمام شافىئىي ۋە ئىمام ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل قاتارلىق مەزھەپ پېشۋالىرىنىڭ بىرلىككە كەلگەن قارىشىدۇر. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَلا تُبَاشِرُوهُنَّ وَأَنْتُمْ عَاكِفُونَ فِي الْمَسَاجِدِ تِلْكَ حُدُودُ اللَّهِ فَلا تَقْرَبُوهَا كَذَلِكَ يُبَيِّنُ اللَّهُ آيَاتِهِ لِلنَّاس ِ لَعَلَّهُمْ يَتَّقُونَتەرجىمىسى: سىلەر مەسجىدتە ئېتىكاپتا ئولتۇرغان چېغىڭلاردا كۈندۈز بولسۇن كېچە بولسۇن، ئۇلارغا يېقىنچىلىق قىلماڭلار، ئەنە شۇلار ئاللاھ بەلگىلىگەن چېگرىلاردۇر (يەنى مەنئى قىلغان ئىشلاردۇر)، ئۇنىڭغا يېقىنلاشماڭلار. كىشىلەرنىڭ ھارام قىلىنغان ئىشلاردىن ساقلىنىشلىرى ئۈچۈن، ئاللاھ ئايەتلىرىنى ئۇلارغا مۇشۇنداق بايان قىلىدۇ. [سۈرە بەقەرە 187-ئايەت].

ئايەتتىكى مەسچىت دېگەن سۆز زېمىندىكى بارلىق مەسچىتلەرنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ، بۇ سۆز زېمىننىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى بارلىق ئىسلام ئۇممىتى ئۈچۈن رامىزان روزىسىنىڭ ھۆكمى تولۇق بايان قىلىنغان ئايەتنىڭ ئاخىرىدا كەلتۈرۈلدى، بۇ روزا تۇتۇشقا بۇيرۇلغان ھەممە كىشىلەرگە قىلىنغان خىتاب بولۇپ، خىتاب قىلىنىش ۋە بايان قىلىنىش شەكلى بىر بولغان بۇ ئايەت، ئاللاھ تائالانىڭ تۆۋەندىكى سۆزى بىلەن ئاخىرلاشتۇرۇلدى: تِلْكَ حُدُودُ ٱللَّهِ فَلاَ تَقْرَبُوهَا كَذٰلِكَ يُبَيِّنُ ٱللَّهُ آيَاتِهِ لِلنَّاسِ لَعَلَّهُمْ يَتَّقُونَتەرجىمىسى: ئەنە شۇلار ئاللاھ بەلگىلىگەن چېگرىلاردۇر (يەنى مەنئى قىلغان ئىشلاردۇر)، ئۇنىڭغا يېقىنلاشماڭلار. كىشىلەرنىڭ ھارام قىلىنغان ئىشلاردىن ساقلىنىشلىرى ئۈچۈن، ئاللاھ ئايەتلىرىنى ئۇلارغا مۇشۇنداق بايان قىلىدۇ. [سۈرە بەقەرە 187-ئايەت].

ئاللاھ تائالا ئۈممەتكە خىتاب قىلغاندا، ئۈممەتنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالماستىن ئۇلارنىڭ ئاز بىر قىسمىغا خىتاب قىلىشى ئەمەلىيەتتىن بەك يىراق، ھۇزەيپە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان: ئۈچ مەسچىتتىن باشقا مەسچىتتە ئېتىكاپ قىلىشقا بولمايدۇ دېگەن ھەدىس، سەھىھ بولغان تەقدىردە، ئۈچ مەسچىتنىڭ باشقا مەسچىتلەردىن شەرەپلىك ۋە پەزىلەتلىك بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇ ئۈچ مەسچىتتە قىلىنغان ئېتىكاپ ئەڭ مۇكەممەل ۋە تولۇق بولىدۇ دەپ باشقا مەسچىتلەردە قىلىنغان ئىېتىكاپنىڭ كامىللىقىنى چەكلىگەنلىكتىن ئىبارەتتۇر. بۇنداق قۇرۇلما ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، بۇنىڭدا ئىشنىڭ سەھىھ بولىشى ۋە ھەقىقىتىنى چەكلەش ئەمەس بەلكى مۇكەممەل بولمايدىغانلىقىنى چەكلەشتىن ئىبارەت، بۇنىڭ مىسالى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: تائام ھازىر بولغاندا ناماز يوق دېگەن، بۇنىڭدىن باشقىمۇ نۇرغۇن ھەدىسلەر بايان قىلىنغان، چەكلىمە دېگەن ئەسلى شەرىئەتتە ياكى ئەمەلىيەتتە بىر نەرسىنىڭ ھەقىقىتىنى چەكلەشتىن ئىبارەت بولۇپ، ئەگەر بۇنىڭدىن چەكلەيدىغان ئىسپات تېپىلسا، ھۇزەيپە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھەدىسىدە بايان قىلىنغاندەك، بۇ ھەدىسنى ئىللەتلەردىن خالى دېگەن ۋاقتىدا، شۇ كۈچكە ئىگە بولىدۇ. ھەممىدىن توغرىنى بىلگۈچى ئاللاھ تائالادۇر. "رامىزان پەتىۋالىرى493 -بەت".

شەيخ ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھدىن: ئۈچ مەسچىتتىن باشقا مەسچىتتە ئېتىكاپ قىلىشقا يوق دېگەن ھەدىس سەھىمۇ؟ ئەگەر ئۇ ھەدىس سەھىھ بولسا، ئۈچ مەسچىتتىن باشقا مەسچىتتە ئېتىكاپ قىلسا بولمامدۇ؟ دەپ سورالغاندا، شەيخ جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېگەن: "ئېتىكاپ ئۇ ئۈچ مەسچىتتىن باشقا مەسچىتلەردىمۇ دۇرۇس بولىدۇ، مۇھىمى جامائەت ناماز ئوقۇيدىغان مەسچىت بولىشى كېرەك، جامائەت توپلىشپ ناماز ئوقۇلمايدىغان مەسچىت بولسا ئۇنىڭدا ئېتىكاپ قىلىش توغرا بولمايدۇ، ئەگەر بىر كىشى ئۈچ مەسچىتنىڭ بىرىدە ئېتىكاپ قىلىشنى ئۆزىگە لازىم تۇتقان بولسا، قىلغان ۋەدىسىگە ۋاپا قىلىش ئۈچۈن ئۇ ئۈچ مەسچىتنىڭ بىرىدە ئېتىكاپ قىلىشى كېرەك بولىدۇ". [شەيخ ئىبنى باز پەتىۋالار توپلىمى 15-توم 444-بەت]..

ئاللاھ ياخشىلىققا مۇۋەپپەق قىلغۇچىدۇر

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى