دۇشەنبە 12 زۇل قەئەدە 1445 - 20 ماي 2024
Uygur

زاكات بىلەن پىتىر سەدىقىسىنىڭ ئارىسىدىكى پەرق توغرىسىدا

سۇئال

   مۇسۇلمانغا ئىسلامنىڭ بەش ئاساسىدىن بىرى بولغان پەرز زاكاتتىن باشقىمۇ رامىزاندا ئادا قىلىدىغان پەرز زاكات بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

   بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    زاكات بولسا ئىسلامدىكى بەش ئاساسىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ رامىزاننىڭ ئاخىرىدا ئادا قىلىش ۋاجىپ بولغان پىتىر سەدىقىسىدىن ئايرىمدۇر.

   -زاكات مالنىڭ مەلۇم تۈرلىرىدە پەرز بولىدۇ، ئۇ تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت:

          1-تۆگە، كالا ۋە قوي قاتارلىق چارۋا ماللار.

  2-ئالتۇن، كۈمۈش ۋە ئۇنىڭغا ئوخشاش ھازىرقى قەغەز پۇللار.

  3-تىجارەت ماللىرى.

  4-زېمىندىن چىققان مەھسۇلاتلار. بۇ ئىككى نەرسىنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ:

  بىرىنچى: زىرائەت ۋە مېۋە-چېۋىلەر. ئالىملار بۇنىڭدىن: بۇغداي، ئارپا، خورما ۋە قۇرۇق ئۈزۈمدىن ئىبارەت تۆت تۈرلۈك نەرسىگە زاكات پەرز بولىدىغانلىقىغا بىرلىككە كەلدى. بۇ تۆت تۈرلۈكتىن باشقا نەرسىلەرگە زاكاتنىڭ پەرز بولىشىدا پەرقلىق قاراشلاردا بولدى.

   ئىككىنچى: يەرگە كۆمۈلگەن ماللار، يەنى كاپىر زېمىنغا كۆمۈپ قويۇپ، كىيىن مۇسۇلمان تېپىۋالغان ماللار.

    ئىسلام پېشۋاسى ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ "پەتىۋالار مەجمۇئەسى" 10-توم 25-بەتتە ئىبنى مۇنزىر رەھىمەھۇللاھدىن بۇ سۆزلەرنى نەقىل قىلدى: "ئالىملار توققۇز تۈرلۈك نەرسىگە زاكاتنىڭ پەرز بولىدىغانلىقىغا بىرلىككە كەلدى: تۆگە، كالا، قوي، ئالتۇن، كۈمۈش، بۇغداي، ئارپا، خورما ۋە قۇرۇق ئۈزۈم قاتارلىقلاردىن ئىبارەتتۇر. بۇنىڭدىن ھەر بىر تۈر زاكات بېرىش ئۆلچىمىگە يەتسە، زاكات بېرىلىدۇ". بۇنىڭدىن باشقا ماللاردا زاكاتنىڭ پەرز بولىدىغانلىقىدا پەرقلىق قاراشتا بولدى.

    يۇقىرىدا بايان قىلىنغان تۈرلەردە زاكات مۇئەييەن شەرتلەر بىلەن پەرز بولىدۇ، مالدىن شەرىئەتتە بېكىتكەن مىقدارنى ئايرىش ۋاجىپ بولىدۇ. يەنىمۇ تەپسىلى مەلۇمات ھاسىل قىلىش ئۈچۈن تور سەھىپىمىزدىكى زاكات قىسمىدىكى سوئاللىرىغا مۇراجىئەت قىلىنسۇن.

   يۇقىرىدا بايان قىلىنغان مالنىڭ زاكىتى ئىسلامنىڭ بەش ئاساسىنىڭ بىرىدۇر. بۇنى ئىنكار قىلغان كىشى كاپىر بولىدۇ، بۇنى ئادا قىلىشتىن باش تارتقان كىشى كەسكىن پاسىق بولىدۇ، مۇسۇلمان رەھبەرلەر ئۇنداق كىشىدىن زاكاتنى بېسىم بىلەن ئالىدۇ، ئەگەر ئۆزىنىڭ قەبىلىلىرى بىلەن قوغدىلىپ زاكات ئادا قىلماسلىقنى داۋاملاشتۇرسا، زاكاتنى ئادا قىلغانغا قەدەر ئۇنىڭغا قارشى ئۇرۇش قىلىنىدۇ.

    ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ، مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان دەيدۇ: «ئىسلام بەش ئاساسنىڭ ئۈستىگە قۇرۇلغان: ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ ھەق مەبۇد يوق ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ ئەلچىسى دەپ گۇۋاھلىق بېرىش، نامازنى تولۇق ئادا قىلىش، زاكات بېرىش، ھەج قىلىش ۋە رامىزاندا روزا تۇتۇشتىن ئىبارەت». [بۇخارى رىۋايىتى 8-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 16-ھەدىس].

   ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مەن ئىنسانلار بىلەن ئۇلار: ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ ھەق مەبۇد يوق ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ ئەلچىسى دەپ گۇۋاھلىق بېرىپ، نامازنى تولۇق ئادا قىلىپ، زاكاتنى ئادا قىلغانغا قەدەر ئۇرۇش قىلىشقا بۇيرۇلدۇم، ئەگەر ئۇلار شۇنداق قىلسا، مەندىن ئۆزلىرىنىڭ جانلىرى، ماللىرىنى ساقلاپ قالىدۇ، ئىچكى ھېسابى ئاللاھقا بولىدۇ، لېكىن ئىسلامنىڭ ھەققى بىلەن بولسا ساقلاپ قالالمايدۇ». [بۇخارى رىۋايىتى 25-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 22-ھەدىس].

    ساھابىلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولسۇن، زاكات بەرمىگەنلەرگە قارشى ئۇرۇش قىلىشقا بىرلىككە كەلگەن. ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئەبۇ بەكىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ خەلىپە بولغاندا، ئەرەبلەردىن كاپىر بولغانلار كاپىر بولدى. ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مەن ئەبۇ بەكرىگە: ئۇلار بىلەن قانداق ئۇرۇش قىلىسەن؟، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «مەن ئىنسانلار بىلەن ئۇلار: ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ ھەق مەبۇد يوق دەپ شاھادەت كەلتۈرگەنگە قەدەر ئۇرۇش قىلىشقا بۇيرۇلدۇم، ئەگەر ئۇلار شۇنداق قىلسا، مەندىن ئۆزلىرىنىڭ جانلىرى، ماللىرىنى ساقلاپ قالىدۇ، ئىچكى ھېسابى ئاللاھقا بولىدۇ، لېكىن ئىسلامنىڭ ھەققى بىلەن بولسا ساقلاپ قالالمايدۇ»دېگەن تۇرسا دېسەم، ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: ئاللاھ بىلەن قەسەم! ناماز بىلەن زاكاتنىڭ ئارىسىنى ئايرىۋەتكەن كىشىگە قارشى ئۇرۇش قىلىمەن، زاكات دېگەن مالنىڭ ھەققى، ئاللاھ بىلەن قەسەم! ئۇلار پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ئادا قىلغان نەرسىدىن بىر ئوغلاق ياكى ئارغامچا چاغلىق بىر نەرسىنى ماڭا ئادا قىلىشتىن باش تارتسا، ئەلۋەتتە ئۇنىڭغا قارشى ئۇرۇش قىلىمەن دېدى. ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: ئاللاھ بىلەن قەسەم! ئاللاھ تائالا بۇ ئىشتا ئەبۇ بەكرىنىڭ دىلىنى ئېچىۋىتىپتۇ، مەن ئۇنىڭ پىكرىنىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى بىلدىم». [بۇخارى رىۋايىتى 1400-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى20-ھەدىس].

    رامىزاننىڭ ئاخىرىدا ۋاجىپ بولىدىغىنى پىتىر سەدىقىسى بولۇپ، ئاز بىر قىسىم كىشىلەردىن باشقا كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ ئۇنىڭ ۋاجىپ ئىكەنلىكىگە بىرلىككە كەلدى. " ["تەرھىت تەسرىيب" 4-توم 46-بەت].

    پىتىر سەدىقىسى ۋاجىپلىقتا ۋە مەرتىۋىدە پەرز زاكاتتىن تۆۋەنرەك ئورۇندا بولىدۇ، پىتىر سەدىقىسى بولسا ئۇنى ئىنكار قىلغان كىشى كاپىر بولىدىغان ئىسلامنىڭ بەش ئاساسلىرىدىن بىرى ئەمەس.

    ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ، مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «پىتىر سەدىقىسىنى خورمىدىن ياكى ئارپىدىن ئۈچ كىلۇ ئەتراپىدا ئادا قىلىشنى بېكىتتى، بۇنى ھەر بىر مۇسۇلمان چوڭ بولسۇن كېچىك بولسۇن، ئەر بولسۇن ئايال بولسۇن، ھۆر بولسۇن قۇل بولسۇن روزا ھېيت كۈنى كىشىلەر ناماز ئادا قىلىدىغان جايغا بېرىپ نامازنى ئادا قىلىشتىن بۇرۇن بېرىشكە بۇيرۇلدى». [بۇخارى رىۋايىتى 1503-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى984-ھەدىس].

   ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ، مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «پىتىر سەدىقىسىنى روزىدارنى ناچار سۆز-ھەرىكەتلەردىن پاكلاش، پەقىر-مىسكىنلەرگە يېمەكلىك قىلىپ بېرىش ئۈچۈن كىشىلەر نامازنى ئادا قىلىشتىن بۇرۇن بېرىشنى بېكىتتى، ھېيت نامىزىدىن ئىلگىرى ئادا قىلسا قۇبول قىلىنىدىغان پىتىر سەدىقىسى بولىدۇ، نامازدىن كېيىن ئادا قىلسا ئادەتتىكى سەدىقىلەردىن بىر سەدىقە بولىدۇ». [شەيخ ئەلبانى ھەسەن دەپ، ئەبۇ داۋۇدنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرى توپلىمىدا كەلتۈرگەن].

   بۇ ھەقتە تېخىمۇ زىيادە مەلۇمات ھاسىل قىلىش ئۈچۈن 12459 - نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا مۇراجىئەت قىلىنسۇن.

  ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى