يەكشەنبە 19 شەۋۋال 1445 - 28 ئاپرىل 2024
Uygur

رامىزاننىڭ كۈندۈزدە سۈرمە تارتسا ۋە چېچىنى مايلىسا بولىدىغانلىقى توغرىسىدا

سۇئال

  رامىزاننىڭ كۈندۈزىدە سۈرمە تارتىش ۋە چېچىنى مايلاشنىڭ ھۆكمى قانداق بولىدۇ؟.  بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    رامىزاننىڭ كۈندۈزدە سۈرمە تارتسا ۋە چېچىنى مايلىسا بولىدۇ ، بۇنىڭ روزىغا تەسىرى بولمايدۇ.

     شەيخ بىن باز رەھىمەھۇللاھدىن:  ئاياللار رامزاننىڭ كۈندۈزدە سۈرمە تارتسا ۋە بەزى گىرىم بۇيۇملىرىنى ئىشلەتسە قانداق بولىدۇ؟ بۇنىڭ روزىغا تەسىرى بولامدۇ؟ دەپ سورالغاندا، شەيخ جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېگەن: "ئۆلىمالارنىڭ مۇتلەق توغرا قارىشىغا كۆرە، رامىزاننىڭ كۈندۈزدە ئەر ياكى ئايال بولسۇن سۈرمە تارتسا بۇنىڭ روزىغا تەسىرى بولمايدۇ، لېكىن روزىدار كېچىدە ئىشلەتسە ياخشى بولىدۇ. سوپۇن، ماي ياكى باشقا تېرىگە ئالاقىدار چىراينى گۈزەللەشتۈرىدىغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى مۇشۇنىڭغا ئوخشاشتۇر. خېنە ۋە باشقا گىرىم بۇيۇملىرىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش .  روزىدار بۇنىڭ ھەممىسىنى قىلسا بولىدۇ، لېكىن يۈزىگە زىيان قىلىدىغان گىرىم بۇيۇملىرىنى ئىشلەتمەسلىك تەلەپ قىلىنىدۇ.  ["شەيخ بىن باز پەتىۋالىرى"  15 -توم 295- بەت].

  شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ  "رامىزان پەتىۋاسى"  228 -بەتتە مۇنداق دەيدۇ: " ھەر تۈرلۈك مايلار بىلەن يۈزىنى ياكى دۈمبىسىنى ياكى ھەرقانداق بىر ئورۇننى مايلىسا، بۇنىڭ روزىغا تەسىرى بولمايدۇ ۋە روزا بۇزۇلمايدۇ.

    دائىمىي كومىتېت ئۆلىمالىرىدىن:  ئايال رامزاننىڭ كۈندۈزدە مايلانسا ۋە سۈرمە تارتسا روزىسى بۇزۇلامدۇ ياكى بۇزۇلمامدۇ؟ دەپ سورالغاندا، ئۇلار مۇنداق جاۋاپ بەرگەن: " رامزاننىڭ كۈندۈزدە سۈرمە تارتسا بۇنىڭ روزىغا تەسىرى بولمايدۇ، شۇنىڭدەك، رامىزاننىڭ كۈندۈزدە روزىدار ھالەتتە مايلانسا ۋە بېشىنى مايلىسا بۇنىڭ روزىغا تەسىرى بولمايدۇ". ["دائىمىي كومىتېت پەتىۋاسى"  10 -توم 253 -بەت.]

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى