چارشەنبە 15 زۇل قەئەدە 1440 - 17 ئىيۇل 2019
Uygur

ئاياللارنىڭ مەسچىتكە چىقىشىنىڭ شەرتلىرى

سۇئال

    ئاياللارنىڭ مەھرەمسىز تەھەججۈت نامىزى ئوقۇش ئۈچۈن كېچىدە مەسچىتكە بېرىشى توغرا بولامدۇ؟. ئۆينىڭ يىنىدا مەسجىد تۇرۇپ تەھەججۇد نامىزىغا چىقماسلىق توغرا بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    ئايالنىڭ مەلۇم شەرتلەر بىلەن ناماز ئوقۇش ئۈچۈن مەسچىتكە بېرىشى توغرا بولىدۇ، مەھرىمى بولۇش بۇ شەرتلەردىن ھېسابلانمايدۇ، مەھرەمسىز مەسچىتكە بېرىپ كەلسە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ.

     "دائىمىي كومىتېت پەتىۋاسى" 7-توم 332-بەتتە بۇ سوئالغا جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېگەن: "قىز-خانىملارنىڭ مەسچىتتە ناماز ئوقۇشى توغرا بولىدۇ. ئەگەر ئۇ ئايال تولۇق ئورۇنۇپ، بەدىنىدىن كۆرۈنۈپ قىلىش چەكلىنىدىغان يەرلەرنى ئاشكارا قىلماي، يولدىشىدىن مەسچىتكە بېرىش توغرىسىدا رۇخسەت سورىسا، يولدىشىنىڭ چەكلەپ قويۇشى توغرا بولمايدۇ. بۇ توغرىدا ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ كىشى مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان دەيدۇ: «سىلەردىن ئاياللىرىڭلار مەسچىتكە بېرىش توغرىسىدا رۇخسەت سورىسا، ئۇلارغا رۇخسەت بېرىڭلار». يەنە بىر رىۋايەتتە: «ئاياللار سىلەردىن مەسچىتكە بېرىش توغرىسىدا رۇخسەت سورىسا، ئۇلارنى مەسچىتتە ناماز ئوقۇش نېسىۋىسىدىن چەكلىمەڭلەر».

   ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەرنىڭ ئوغلى بىلال: ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئۇلارنى مەسچىتكە بېرىشتىن مەن توسىمەن دېگەندە، ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇنىڭغا: مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام توسماڭلار دېگەن دېسەم، سەن مەن توسىمەن دەمسەن دەپ كايىدى". [بۇ ھەدىسلەرنى مۇسلىم رىۋايەت قىلغان].

ئەگەر ئايال تولۇق ئورانماي، يات كىشىلەر قارىسا توغرا بولمايدىغان جايلىرى ئوچۇق بولسا ياكى خۇشبۇي نەرسىلەرنى ئىشلەتكەن بولسا، بۇنداق ھالەتتە ناماز ئوقۇش ئۈچۈن مەسچىتكە بېرىشى ئەمەس بەلكى ئۆيىدىن سىرتقا چىقىشىمۇ توغرا بولمايدۇ، چۈنكى بۇنداق ھالەتتە سىرتقا چېقىش پىتنىگە سەۋەپ بولىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَقُلْ لِلْمُؤْمِنَاتِ يَغْضُضْنَ مِنْ أَبْصَارِهِنَّ وَيَحْفَظْنَ فُرُوجَهُنَّ وَلا يُبْدِينَ زِينَتَهُنَّ إِلا مَا ظَهَرَ مِنْهَا وَلْيَضْرِبْنَ بِخُمُرِهِنَّ عَلَى جُيُوبِهِنَّ وَلا يُبْدِينَ زِينَتَهُنَّ إِلا لِبُعُولَتِهِنَّ  تەرجىمىسى: «مۇئمىنەلەرگە ئېيتقىنكى، نامەھرەملەرگە تىكىلىپ قارىمىسۇن، ئەۋرەتلىرىنى ياپسۇن. تاشقى زىننەتلىرىدىن باشقا زىننەتلىرىنى ئاشكارىلىمىسۇن. لېچەكلىرى بىلەن كۆكرەكلىرىنى ياپسۇن. (تاشقى زىننەتلىرىدىن باشقا) زىننەتلىرىنى ئاشكارىلىمىسۇن.» [سۈرە نۇر 31-ئايەت].

    ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: يَا أَيُّهَا النَّبِيُّ قُلْ لِأَزْوَاجِكَ وَبَنَاتِكَ وَنِسَاءِ الْمُؤْمِنِينَ يُدْنِينَ عَلَيْهِنَّ مِنْ جَلابِيبِهِنَّ ذَلِكَ أَدْنَى أَنْ يُعْرَفْنَ فَلا يُؤْذَيْنَ وَكَانَ اللَّهُ غَفُوراً رَحِيماً  تەرجىمىسى: «ئى پەيغەمبەر! ئاياللىرىڭغا، قىزلىرىڭغا ۋە مۆمىنلەرنىڭ ئاياللىرىغا ئېيتقىنكى، پۈركەنجى بىلەن بەدىنىنى ئورىۋالسۇن، بۇنداق قىلغاندا ئۇلارنىڭ (ھۆر ئاياللار ئىكەنلىكى) ئەڭ ئوڭاي تونۇلىدۇ ـ دە، باشقىلار ئۇلارغا چېقىلمايدۇ. ئاللاھ (بەندىلىرىگە) ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر.» [سۈرە ئەھزاب 59-ئايەت].

    زەينەپ سەقەپىيەدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھسسالام مۇنداق دېگەن: «سىلەرنىڭ بىرىڭلار خۇپتەن نامىزىغا ھازىر بولسا، شۇ كېچىدە خۇشبۇي نەرسىلەرنى ئىشلەتمىسۇن». يەنە بىر رىۋايەتتە: «سىلەرنىڭ بىرىڭلار مەسچىتكە ھازىر بولغاندا خۇشبۇي نەرسىلەرنى سۈرمىسۇن» دېگەن.

    سەھىھ ھەدىسلەردە ئىسپاتلىنىشچە ساھابى ئاياللار يۈزلىرىنى ۋە بەدەنلىرى تولۇق ئوراپ بامدات نامىزى ئۈچۈن جامائەتكە ھازىر بولاتتى، كىشىلەرنىڭ ھېچ بىرى ئۇلارنى تونۇمايتتى. ئۆمرەتە بىنتى ئابدۇرەھماندىن ئىسپاتلانغان ھەدىستە، ئۇ ئايال پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئايالى بولغان ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان دەيدۇ: «ئەگەر پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئاياللارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى كۆرسە بەنى ئىسرائىلنىڭ ئاياللىرى مەسچىتتىن چەكلەنگەندەك، بۇ ئاياللارنىمۇ مەسچىتكە بېرىشتىن چەكلەيتتى دېگەن. راۋى مۇنداق دەيدۇ: مەن ئەمرەدىن: بەنى ئىسرائىلنىڭ ئاياللىرى مەسچىتكە بېرىشتىن چەكلىنىپتىكەنمۇ؟ دەپ سورىسام، ئۇ: ھەئە دېدى». مۇسلىم ئۆزىنىڭ سەھىھ كىتابىدا رىۋايەت قىلغان.

    بۇ تېكىستلەر مۇسۇلمان ئايالنىڭ كىيىم-كىچەكلىرىدە ئىسلامى ئەدەپ-ئەخلاققا رىئايە قىلسا، پىتنە پەيدا قىلىشتىن يىراق بولسا، تۈرلۈك زىنەتلەر بىلەن ئىمانى ئاجىز كىشىلەرنى مەپتۈن قىلىشتىن ساقلانسا، ئۇلارنى مەسچىتكە بېرىپ ناماز ئوقۇشتىن چەكلىمەسلىكنى روشەن ئىپادىلەيدۇ، ئەمما ئايالنىڭ ھالىتى ناچار كىشىلەرنى مەپتۇن قىلىدىغان، دىلىدا شەك بار كىشىلەرنى پىتنىگە تاشلايدىغان بولسا، ئۇ ۋاقىتتا مەسچىتكە كېرىشتىن چەكلىنىدۇ، بەلكى بۇنداق ھالەتتە ئۆيىدىن سىرتقا چېقىشتىن ۋە ئومۇمى جامائەت سورۇنلىرىغا بېرىشتىن قاتتىق چەكلىنىدۇ.

    شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ "پەتىۋالار توپلىمى"14-توم 211-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "ئاياللار تولۇق ئورۇنۇپ، خۇشبۇي نەرسىلەرنى ئىشلەتمەي، زىنەتلىرىنى ئاشكارىلىماستىن، پىتنە-پاساتتىن خاتىرجەم بولغان ھالەتتە تەراۋىھ نامىزىغا ھازىر بولسا بولىدۇ".

    شەيخ بەكىر ئەبۇ زەيد ئۆزىنىڭ"پەزىلەتنى قوغداش" ناملىق ئەسىرى 86-بەتتە: ئاياللارنىڭ مەسچىتكە بېرىشتا دىققەت قىلىدىغان شەرتلىرىنى توپلاپ مۇنداق دەيدۇ: تۆۋەندىكى شەرتلەرگە مۇۋاپىق كەلسە، ئاياللارنىڭ مەسچىتكە بېرىشىغا رۇخسەت بېرىلىدۇ دېگەن:

   1-باشقىلارنى پىتنىگە سېلىش ۋە ئۆزىمۇ پىتنىگە چۈشۈپ قىلىشتىن خاتىرجەم بولۇش.

   2-مەسچىتكە بېرىشىغا شەرىئەتتە چەكلەنگەن ئىشلار شەكىللەنمەسلىك.

   3-يوللاردا ۋە مەسچىتتە ئەرلەر بىلەن قىستالماسلىق.

   4-خۇشبۇي نەرسىلەرنى ئىشلەتمەستىن ئاددى چىقىش.

   5-تولۇق ئورۇنۇپ چىقىش.

   6-مەسچىتنىڭ پەقەت ئاياللار كىرىپ-چىقىدىغان ئايرىم ئېشىكى بولىشى ۋە شۇنىڭدىن كېرىپ-چىقىشى كېرەك. بۇ توغرىدىكى ھەدىس ئەبۇ داۋۇت ۋە باشقا ھەدىس توپلاملىرىدا بايان قىلىنغان.

   7-ئاياللارنىڭ تۇرىدىغان ئورنى ئەرلەرنىڭ ئاخىرقى سەپلىرىدىن كېيىن بولۇش.

   8-ئەرلەرنىڭ ئەكسىچە ئاياللارنىڭ سېپىنىڭ ئەڭ ياخشىسى سەپنىڭ ئەڭ ئاخىرىدۇر.

   9-ئەگەر نامازدا ئىمامدىن بىرەر كەمچىللىك سادىر بولسا، ئەرلەر تەسبىھ ئېيتىدۇ، ئاياللار چاۋاك چالىدۇ.

   10- ئاياللار مەسچىتتىن ئەرلەردىن ئىلگىرى چىقىدۇ، ئەرلەر بولسا ئاياللار مەسچىتتىن چىقىپ ئۆيلىرىگە قايتىپ بولغۇچە كۈتۈپ تۇرىدۇ. بۇخارى ۋە باشقا ھەدىس توپلاملىرىدا ئۇممۇ سەلىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن بۇ توغرىدا ھەدىس بايان قىلىنغان.

   ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

كۆز قاراش ئەۋەتىش