رامىزان ۋە باشقا ۋاقىتلاردا يولغا قويۇلغان ئېتىكاپ توغرىسىدا

سوئال 50024

ئېتىكاپ قانداق ۋاقىتتا بولسا بولامدۇ ياكى چوقۇم رامىزاندا قىلىش كېرەكمۇ؟.  بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تېكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئاللاھقا خاستۇر، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

رامىزاندا ۋە رامىزاندىن باشقا ھەرقانداق ۋاقىتتا ئېتىكاپ قىلىش سۈننەتتۇر، لېكىن ئېتىكاپنى رامىزاندا قىلىش ئەۋزەل بولىدۇ، بولۇپمۇ رامزاننىڭ ئاخىرقى ئون كۈنىدە قىلىش ئالاھىدە تەكىتلەنگەن.

ئېتىكاپ قىلىشنىڭ مۇستەھەپ ئىكەنلىكى توغرىسىدا كەلگەن دەلىللەرنىڭ ھەممىسى بۇنى ئىپادىلەيدۇ، چۈنكى ئۇ رامىزان ۋە باشقا ۋاقىتلارنىمۇ ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ.  بۇ توغرىدا 48999 - نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا مۇراجىئەت قىلىنسۇن.

ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ "ئەل مەجمۇ"  6 -توم 501 -بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "ئېتىكاپ قىلىش كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىغا كۆرە سۈننەتتۇر، پەقەت ئېتىكاپ قىلىشنى نەزىر قىلغان بولسا، ئۇنى ئادا قىلىش ۋاجىپ بولىدۇ، ئېتىكاپنى كۆپ قىلىش مۇستەھەپ بولۇپ، بۇنىڭ مۇستەھەپ ئىكەنلىكى رامزاننىڭ ئاخىرىقى ئون كۈنىدە ئالاھىدە تەكىتلىنىدۇ" .

يەنە "ئەل مەجمۇ"  6 -توم 514 -بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "ئېتىكاپنىڭ ئەۋزەل بولغىنى روزا تۇتۇپ قىلغان ئېتىكاپتۇر، بولۇپمۇ رامىزان ئېيىدا ۋە رامزاننىڭ ئاخىرقى ئون كۈنىدە قېلىنغان ئېتىكاپ ھەممىدىن ئەۋزەلدۇر.

شەيخ ئەلبانى : " رامىزاندا قىيام"  ناملىق ئەسىرىدە مۇنداق دەيدۇ: " رامىزاندا ۋە يىللىق ھەممە ۋاقىتلىرىدا ئېتىكاپ قىلىش سۈننەتتۇر، بۇنىڭ ئاساسى ئاللاھ تائالانىڭ مۇنۇ سۆزىدۇر: وَأَنتُمْ عَاكِفُونَ فِي الْمَسَاجِدِ‏ تەرجىمىسى: «سىلەر مەسچىتتە ئېتىكاپ قىلىۋاتقاندا...»، بۇنىڭ بىلەن بىرگە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئېتىكاپ قىلغانلىقى توغرىسىدا كەلگەن سەھىھ ھەدىسلەر ۋە سەلەپ ئالىملىرىدىن بۇ توغرىدا بايان قىلىنغان ئەسەرلەردۇر.

«پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ شەۋۋال ئېيىدا ئون كۈن ئېتىكاپ قىلغانلىقى بايان قىلىنغان». [بۇخارى ۋە مۇسلىم بايان قىلغان].

ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا:  مەن جاھىلىيەت دەۋرىدە ھەرەم مەسچىتىدە بىر كېچە ئېتىكاپ قىلىشنى نەزىر قىلغان ئېدىم، قانداق قىلىمەن؟ دېگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام : «قىلغان نەزىرىڭگە ۋاپا قىلغىن»دېگەن.  شۇنىڭ بىلەن ئۆمەر رەزىيەللاھۇئەنھۇ ھەرەم مەسچىتىدە بىر كېچە ئېتىكاپ قىلغان.  [بۇخارى ۋە مۇسلىم بايان قىلغان].

رامىزاندا ئېتىكاپ قىلىشنى تەكىتلەيدىغان ھەدىسلەردىن: ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەر يىلى رامىزاندا ئون كۈن ئېتىكاپ قىلاتتى، ۋاپات بولۇپ كېتىدىغان يىلى يىگىرمە كۈن ئېتىكاپ قىلغان». [بۇخارى بايان قىلغان].

ئېتىكاپنىڭ ئەۋزىلى رامزاننىڭ ئاخىرقى ئون كۈنىدە قىلىنغان ئېتىكاپتۇر، چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ ئاللاھ تائالا ئۇنى ۋاپات تاپتۇرغانغا قەدەر رامزاننىڭ ئاخىرىقى ئون كۈنىدە ئېتىكاپ قىلاتتى. [بۇخارى ۋە مۇسلىم بايان قىلغان].

شەيخ ئىبنى" باز پەتىۋالار مەجمۇئەسى" 15 -توم 437-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: " شەكسىزكى، مەسچىتتە ئېتىكاپ قىلىش ئاللاھ تائالاغا يېقىنلاشتۇرىدىغان ئەمەللەردىندۇر، بۇنى رامىزاندا قىلىش باشقا ۋاقىتتا قىلغاندىن ئەۋزەلدۇر....  ئېتىكاپ قىلىش رامىزاندا ۋە باشقا ۋاقىتلاردىمۇ يولغا قويۇلغان".  [خالىد مۇشەيقىھنىڭ "پىقھۇل ئېتىكاپ" ناملىق كىتابىنىڭ 41 -بەتكە قارالسۇن].

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەرجەلەر

ئېىتىكاپ توغىرسىدا

مەنبە

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

answer

مەزمۇنغا ئالاقىدار تىمىلار

at email

ئېلخەت خىزمىتى

ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىنىڭ ئېلخەت خىزمىىتىگە ئىشتىراك قىلىڭ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

سەھىپىنى ئىنتىرنىتسىز كۆرۈش ۋە مەزمۇنلارغا ئەڭ تىز سۈرئەتتە ئۈلىشىش

download iosdownload android