بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئاللاھغا خاستۇر.
ئاللاھ تائالا ئۆزرىلىك ھالەتتە رامزاندا روزا تۇتمىغانلار ئۈچۈن روزىسىنىڭ قازاسىنى قىلىشنىڭ ۋاقتىنى كەڭرى قىلدى . لېكىن مۇسۇلمان كىشى بۇنىڭغا سەل قارىماستىن تۇتمىغان روزىنىڭ قازاسىنى قىلىش كېرەك. چۈنكى ئىنساننىڭ ئەھۋالىدا مەلۇم ئۆزگىرىشلەرنىڭ پەيدا بولىشى بىلەن قازا روزىنى ئادا قىلىشى قېيىن بولىدۇ ياكى مەزكۇر ئىبادەتتىن چەكلىنىپ قالىدۇ . بولۇپمۇ قىز-خانىملار بۇ مەسىلىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىشى لازىم، چۈنكى ئۇلار رامزاندا ھامىلدارلىق، ھەيز ۋە نىپاسلىق، بالا ئېمىتىشكە ئوخشاش ھالەتلەرگە دۇچ كېلىدۇ.
تۇتالمىغان روزىسىنىڭ قازاسىنى قىلىشنى سەۋەبسىز كېچىكتۈرۈپ، ۋاقىت يار بەرمەي، شەئبان ئېيى ئاخىرلىشىپ قالسا، ئۇ كىشى سەۋەبسىز كېچىكتۈرگەن بولسا گۇناھكار بولىدۇ . شۇنداقتىمۇ ئىككىنچى رامزاننىڭ روزىسىنى تۇتۇپ بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭ قازاسىنى قىلىدۇ . بەزى ئالىملار: "قازاسىنى قىلىش بىلەن بىرگە ئىمكانىيەت بولسا ھەر كۈنلۈك ئۈچۈن بىر كەمبەغەلگە تائام بېرىشى كېرەك، بۇنداق قىلىش تەقۋادارلىققا ئەڭ يېقىن دەپ قارايدۇ. ئەگەر ئىمكانىيەت بولمىسا قازاسىنى قىلىشنىڭ ئۆزى كۇپايە قىلىدۇ".
پەزىلەتلىك شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئىبنى ئۇسەيمىندىن، بۇ يىل رامزان كىرگىچە ئۆتكەن يىللىق رامزان روزىسىنىڭ قازاسىنى قىلماي كېچىكتۈرگەن كىشى توغرىسىدا سورالغاندا؟ شەيخ مۇنداق جاۋاپ بەرگەن: " ئالىملارنىڭ مەشھۇر قارىشىدا ئۆتكەن يىلقى رامزان روزىسىنىڭ قازاسىنى بۇ يىل رامىزانغىچە ئادا قىلماستىن كېچىكتۈرۈش توغرا بولمايدۇ، چۈنكى ئائىشە رەزىيەللاھۇئەنھا: مەن رامزانلىق روزامنىڭ قازاسىنى پەقەت شەئبان ئېيىدىلا ئادا قىلالايتتىم دېگەن. بۇ ھەدىس ئىككىنچى رامزاندىن كىيىن قازاسىنى قىلىشنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى بىلدۈرىدۇ، ئەگەر قازا روزىنى سەۋەبسىز كىچىكتۈرىدىكەن، ئۇ كىشى گۇناھكار بولىدۇ . ئىككىنچى رامزاندىن كېيىن تىزدىن قازاسىنى قىلىشى كېرەك . ئالىملار شۇنداق قىلسا قازاسىنى قىلىش بىلەن بىرگە كەمبەغەللەرگە تائام بېرىش كېرەكمۇ ياكى كېرەك ئەمەسمۇ؟ دېگەن قاراشتا ئىختىلاپ قىلىشتى، توغرا قاراشتا: كەمبەغەللەرگە تائام بېرىش كېرەك ئەمەس، چۈنكى ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: سىلەردىن كىمكى كېسەل ياكى سەپەر ئۈستىدە بولۇپ(روزا تۇتمىغان بولسا)، تۇتمىغان كۈنلەرنى(يەنى قازاسىنى)باشقا كۈنلەردە تۇتسۇن، بۇ ئايەتتە ئاللاھ قازاسىنى قىلىشتىن باشقىغا بۇيرۇمىغان." ئىبنى ئۇسەيمىن پەتىۋالار توپلىمى(19 357-نومۇرلۇق سۇئال).
شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىندىن: بىر ئايالنىڭ ئۆتكەن يىللىق رامزاننىڭ قازا روزىسى بولۇپ، بۇنى شەئبان ئېيىدا ئادا قىلىشقا باشلىغان، قازا روزىسىنى تۇتىۋاتقاندا ھەيزدار بولغان ۋە ھەيزدىن پاكىزلانغۇچە يەنە بىر رامىزان باشلىنىپ، بىر كۈنلۈك روزىسىنىڭ قازاسى قالغان، بۇنىڭ ئۈچۈن قانداق قىلىدۇ؟ دەپ سورالغاندا، بۇ سوئالغا جاۋاپ بېرىپ: " بۇ يىلقى رامزان ئاخىرلاشقاندىن كېيىن كېچىكتۈرمەستىن ئۆتكەن يىل رامزاندىن قالغان روزىسىنىڭ قازاسىنى قېلىشى كېرەك" دېگەن. ئىبنى ئۇسەيمىن پەتىۋالار توپلىمى(19 358-نومۇرلۇق سۇئال).
شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىندىن: بىر ئايال نىپاسدار سەۋەبلىك رامزاندا روزا تۇتالمىغان، كېيىن بالىسىنى ئېمىتىش سەۋەبىدىن يەنە بىر رامزان كىرگىچە بۇنىڭ قازاسىنى قىلالمىغان، بۇنىڭ ئۈچۈن قانداق قىلىدۇ؟ دەپ سورالغاندا، بۇنىڭغا جاۋاپ بېرىپ: "بۇ ئايال ئىككىنچى رامزان ئاخىرلاشقاندىن كېيىن تىزدىن ئۆتكەنكى رامزاندىكى روزىسىنىڭ قازاسىنى قىلىشى كېرەك، چۈنكى ئۇ ئايال يوللۇق سەۋەبلەر بىلەن ئىككى رامزاننىڭ ئارىلىقىدا قالغان روزىسىنىڭ قازاسىنى قىلالمىدى، ئامال قىلىپ بالا ئېمىتىۋاتقان بولسىمۇ قالغان روزىسىنىڭ قازاسىنى قىلىۋېلىشى كېرەك. مۇمكىن بولسا يەنە بىر رامزان كېلىشتىن بۇرۇن تولۇقلىشى، ئەگەر مۇمكىن بولمىسا ئىككىنچى رامزاندىن كىيىن بولسىمۇ تولۇقلىشى كېرەك. ئىبنى ئۇسەيمىن پەتىۋالار توپلىمى(19 360-نومۇرلۇق سۇئال).
سۆزنىڭ خۇلاسىسى: تۇتالمىغان رامزان كۈنلىرىنىڭ قازاسىنى قىلىش ئايالىڭىزنىڭ زىممىسىدە قەرز بولۇپ تۇرىدۇ، قازا روزىنى تۇتۇشقا قاچان قادىر بولالىسا شۇ ۋاقىتتا قازاسىنى قىلىدۇ.