قۇرئان ۋە ھەدىسنىڭ دەلىلىگە كۆرە، ئىنسانلار قىيامەت كۈنىدە نام-ئەمەل سەھىپىلىرىنى ئالىدۇ، بەزىلەر ئوڭ تەرەپتىن ئالىدۇ، بەزىلەر ئارقىسىدىن سول تەرەپتىن ئالىدۇ.
بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: فَأَمَّا مَنْ أُوتِيَ كِتَابَهُ بِيَمِينِهِ فَيَقُولُ هَاؤُمْ اقْرَءُوا كِتَابِيه * إِنِّي ظَنَنتُ أَنِّي مُلاقٍ حِسَابِيه * فَهُوَ فِي عِيشَةٍ رَاضِيَةٍ * فِي جَنَّةٍ عَالِيَةٍ * قُطُوفُهَا دَانِيَةٌ * كُلُوا وَاشْرَبُوا هَنِيئًا بِمَا أَسْلَفْتُمْ فِي الأَيَّامِ الْخَالِيَةِ * وَأَمَّا مَنْ أُوتِيَ كِتَابَهُ بِشِمَالِهِ فَيَقُولُ يَالَيْتَنِي لَمْ أُوتَ كِتَابِيه * وَلَمْ أَدْرِ مَا حِسَابِيه * يَالَيْتَهَا كَانَتْ الْقَاضِيَةَ، مَآ أَغنَىٰ عَنِّي مَالِيَه، هَلَكَ عَنِّي سُلطَٰنِيَه، خُذُوهُ فَغُلُّوهُ ، ثُمَّ ٱلجَحِيمَ صَلُّوهُ ، ثُمَّ فِي سِلسِلَةٖ ذَرعُهَا سَبعُونَ ذِرَاعٗا فَٱسلُكُوهُ إِنَّهُ كَانَ لا يُؤْمِنُ بِاللَّهِ الْعَظِيمِ تەرجىمىسى:«نامە ـ ئەمالى ئوڭ قولىغا بېرىلگەن ئادەم (خۇشاللىقتىن): «بۇ مېنىڭ نامە ـ ئەمالىمنى ئېلىپ ئوقۇپ بېقىڭلار، مەن ھېساباتىمغا مۇلاقات بولىدىغانلىقىمغا مۇقەررەر ئىشەنگەن ئىدىم» دەيدۇ، ئۇ كۆڭۈللۈك تۇرمۇشتا بولىدۇ، ئېسىل جەننەتتە بولىدۇ، ئۇنىڭ مېۋىلىرى (ئۆرە تۇرغاندىمۇ، ئولتۇرغاندىمۇ، ياتقاندىمۇ قولىنى سوزۇپلا ئالالايدىغان دەرىجىدە) يېقىن بولىدۇ، (ئۇلارغا) «ئۆتكەنكى كۈنلەردە (يەنى دۇنيادىكى چاغلاردا) ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلىقىڭلار ئۈچۈن، خۇشال ـ خۇرام يەڭلار، ئىچىڭلار» دېيىلىدۇ، نامە ـ ئەمالى سول قولىغا بېرىلگەن ئادەم ئېيتىدۇكى، «ماڭا نامە ـ ئەمالىم بېرىلمىگەن بولسىچۇ!، ھېسابىمنىڭ نېمە بولغانلىقىنى بىلمىسەم ئىدىم!، دۇنيادا ئۆلۈمىم ھاياتىمنى (ئاخىرەتتە قايتا تىرىلمەس قىلىپ) ئاخىرلاشتۇرسىچۇ، مېنىڭ مال ـ مۈلكۈم ماڭا ھېچ نەرسىگە ئەسقاتمىدى، مېنىڭ ھوقۇقۇم قولۇمدىن كەتتى، (ئاللاھ دوزاخقا مۇئەككەل پەرىشتىلەرگە) ئېيتىدۇ: «ئۇنى تۇتۇڭلار، ئۇنىڭغا تاقاق سېلىڭلار، ئاندىن ئۇنى دوزاخقا تاشلاڭلار، ئاندىن ئۇنى ئۇزۇنلۇقى 70 گەز كېلىدىغان زەنجىر بىلەن باغلاڭلار، (ئۇنىڭ بۇنداق ئازابلىنىشى شۇنىڭ ئۈچۈندۇركى) ئۇ ھەقىقەتەن ئۇلۇغ ئاللاھقا ئىمان ئېيتمىغان ئىدى» [سۈرە ھاققە 19-33-ئايەتكىچە].
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: فَأَمَّا مَنْ أُوتِيَ كِتَابَهُ بِيَمِينِهِ * فَسَوْفَ يُحَاسَبُ حِسَابًا يَسِيرًا * وَيَنقَلِبُ إِلَى أَهْلِهِ مَسْرُورًا * وَأَمَّا مَنْ أُوتِيَ كِتَابَهُ وَرَاءَ ظَهْرِهِ * فَسَوْفَ يَدْعُو ثُبُورًا * وَيَصْلَى سَعِيرًا * إِنَّهُ كَانَ فِي أَهْلِهِ مَسْرُورًا * إِنَّهُ ظَنَّ أَنْ لَنْ يَحُورَ تەرجىمىسى: «نامە ـ ئەمالى ئوڭ تەرىپىدىن بېرىلگەن ئادەمدىن ئاسان ھېساب ئېلىنىدۇ، (ئۇ جەننەتتىكى) ئائىلىسىگە خۇشال ـ خۇرام قايتىدۇ، نامە ـ ئەمالى ئارقا تەرىپىدىن بېرىلگەن ئادەم، ۋاي» دەپ توۋلايدۇ (يەنى ئۆلۈمنى ئارزۇ قىلىدۇ)، دوزاخقا كىرىدۇ، چۈنكى ئۇ (دۇنيادىكى چېغىدا) ئائىلىسىدە شاد ـ خۇرام ئىدى، ئۇ پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىغا قايتمايمەن دەپ گۇمان قىلدى». [سۈرە ئىنشىقاق 7-14-ئايەتكىچە].
يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئايەتلەر بەختلىك مۆمىننىڭ نامە-ئەمەل كىتابىنى ئوڭ تەرەپتىن ئالىدىغانلىقى، بەختسىز كاپىرنىڭ كەينى تەرىپىدىن سول قولى بىلەن ئالىدىغانلىقى بىلدۈرىدۇ.
يۇقىرىدا بايان قىلىنغان «ئۇ ھەقىقەتەن ئۇلۇغ ئاللاھقا ئىمان ئېيتمىغان ئىدى»، «ئۇ پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىغا قايتمايمەن دەپ گۇمان قىلدى» دېگەن ئايەت، شۇنداقلا وَالَّذِينَ كَفَرُوا بِآياتِنَا هُمْ أَصْحَابُ الْمَشْأَمَةِ تەرجىمىسى: «بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلار بەتبەختلەردۇر» دېگەن ئايەتلەر نامە-ئەمالىنى سول تەرىپىدىن ئالىدىغانلارنىڭ كاپىر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
ئىمام قۇرتۇبى رەھىمەھۇللاھ تەپسىرىنىڭ 20-توم 65-بەتتە: كاپىرلار نام-ئەمەل كىتابىنى سول تەرەپتىن ئالىدىغانلار كاپىرلاردۇر دېگەن".
بۇ ئايەتلەر نام-ئەمىلىنى سول تەرەپتىن ئالىدىغانلارنىڭ كاپىرلار ئىكەنلىكىنى ئوچۇق بايان قىلىدۇ.
ئاللاھ تائالاغا ئىتائەت قىلىدىغان مۆمىن شەكسىز ئازابتىن قۇتۇلىدۇ، نام-ئەمەلىنى ئوڭ تەرەپتىن ئالىدۇ. يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئايەتلەرنى بۇنى ئىپادىلەيدۇ. ئاسان ھېساب دېگەن ئىنچىكە تەكشۈرمەستىن پەقەت قىلغان ئەمەللىرىنى كۆرسىتىپ قويۇشتۇر. ئەمما ھېسابى ئىنچىكە تەكشۈرۈلگەن كىشى ئازابلىنىدۇ ياكى ھالاك بولىدۇ، بۇ توغرىدا بۇخارى رىۋايىتى 6172-ھەدىس، مۇسلىم رىۋايىتى 2876 - ھەدىسلەر بۇنى ئىپادىلەيدۇ.
يەنە بۇ توغرىدا بايان قىلىنغان ھەدىسلەردىن: سەپۋان ئىبنى مۇھرىزدىن بايان قىلىنىدۇكى، ئۇ كىشى مۇنداق دەيدۇ: مەن ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىلەن قول تۇتۇشۇپ كېتىۋاتاتتىم، تۇيۇقسىز بىر كىشى ئۇچراپ، ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن: سەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن قىيامەت كۈنىدە بەندە بىلەن رەببى ئارىسىدىكى "نەجۋا"(پىچىرلىشىش) توغرىسىدا قانداق ھەدىس ئاڭلىغان ئىدىڭ؟ دېدى، ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: مەن بۇ توغرىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم: «ئاللاھ تائالا مۆئمىنگە يېقىنلىشىپ ئۇنى ئوراپ، يوشۇرۇپ تۇرۇپ ئۇنىڭدىن: پالانى ۋاقىتتا، پالانى جايدا قىلغان گۇناھىڭنى ئېتىراپ قىلامسەن؟، يەنە پالانى ۋاقىتتا، پالانى جايدا قىلغان گۇناھىڭنى ئېتىراپ قىلامسەن؟ دەپ سورايدۇ، مۆمىن بەندە تىترەپ، خىجىل بولۇپ، شۇنداق ئى رەببىم! ئېتىراپ قىلىمەن دەيدۇ، ھەتتا بارلىق گۇناھلىرىنى ئېتىراپ قىلىپ ئەمدى مەن تۈگەشتىم دەپ ئويلايدۇ، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىگە: بۇ گۇناھلىرىڭنى دۇنيادا يۆگىگەنتىم، بۈگۈن بۇ گۇناھلىرىڭنى مەغپىرەت قىلدىم دەيدۇ، ئۇنىڭغا ئوڭ تەرىپىدىن ياخشىلىق كىتابى بېرىلىدۇ. ئەمما كاپىر، مۇناپىقلار خالايىقلارنىڭ ئالدىدا چاقىرىلىپ، ئۇلار ئاللاھنى ئىنكار قىلغانلاردۇر دېيىلىدۇ» [بۇخارى رىۋايىتى 2441-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى2768 -ھەدىس. ئىبنى ماجە رىۋايىتى 183 -ھەدىس].
ئەمما ئالدى بىلەن دوزاخقا كېرىپ ئاندىن دوزاختىن چېقىدىغان ئاللاھنىڭ بىرلىكىگە ئىشەنگەن ئاسى مۇسۇلمانلار ھەققىدە ئالىملارنىڭ قارىشى پەرىقلىقتۇر، بەزى ئالىملار بۇلارمۇ نام-ئەمەلىنى ئوڭ تەرىپىدىن ئالىدۇ دەيدۇ، بەزى ئالىملار: ئۇلار نام- ئەمەلىنى سول تەرىپىدىن ئالىدۇ دەيدۇ.
سەپارىينى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: " كاپىرغا نام-ئەمەلىي ئارقىسىدىن سول قولىغا بېرىلىدۇ، ئاسى مۆمىنگە بولسا ئالدىدىن سول قولىغا بېرىلىدۇ، ئىتائەتچان مۆئمىنگە بولسا ئالدىدىن ئوڭ قولىغا بېرىلىدۇ. ماۋەردى شۇنى كەسكىن ئېيتىدۇكى، مەشھۇر قاراشقا كۆرە، پاسىق مۇسۇلمان تەۋبە قىلماستىن پاسىقلىق ھالىتىدە ۋاپات بولغان بولسا، ئۇنىڭغىمۇ نام-ئەمىلى ئوڭ تەرەپتىن بېرىلىدۇ، ئاندىن بۇ مەسىلە ھەققىدە تەۋەققۇپ-سۆز قىلماسلىقنى بايان قىلىدۇ ۋە ھېچ كىشى پاسىق مۇسۇلمان نام-ئەمىلىنى سول قولىدىن ئالىدۇ دېمىگەن دەيدۇ".
مالىكى مەزھىپىدىكى مەشھۇر ئالىم يۇسۇپ ئىبنى ئۆمەر مۇنداق دەيدۇ: "ئاللاھنىڭ بىرلىكىگە ئىشەنگەن ئاسى مۇسۇلمانلار ھەققىدە ئالىملارنىڭ قارىشى پەرىقلىقتۇر، بەزىلەر ئۇلار نام-ئەمىلىنى ئوڭ قولى بىلەن ئالىدۇ دېسە، يەنە بەزىلەر سول قولى بىلەن ئالىدۇ دەيدۇ.
ئۇلارنى نام-ئەمىلىنى ئوڭ قولى بىلەن ئالىدۇ دېگەن قاراشقا كۆرە، ئۇلار بۇنى دوزاخقا كېرىشتىن بۇرۇن ئالىدۇ، بۇ ئۇلارنىڭ دوزاختا مەڭگۈ قالمايدىغانلىقىنىڭ ئالامىتى بولىدۇ دېيىلىدۇ. بەزىلەر بۇنى دوزاختىن چىققاندىن كېيىن ئالىدۇ دەيدۇ".
ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.
[لەۋامىئۇل ئەنۋار ئەل بەھىيئە 2-توم 183-بەت].
شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھدىن: ئاسى مۆمىن نام-ئەمىلىنى ئوڭ قولى بىلەن ئالامدۇ ياكى سول قولى بىلەنمۇ؟ دەپ سورالغاندا، شەيخ: ئوڭ قولى بىلەن ئالىدۇ دەپ جاۋاپ بەرگەن. [سەپارىينەيە شەرھىسىگە قېتىلغان سوئاللار 500-بەت].
يۇقىرىدىكى ئايەتلەرنىڭ مەزمۇنىغا كۆرە- ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر-نام-ئەمىلىنى پەقەت كاپىرنىڭ سول قولى بىلەن ئالىدىغانلىقى ئېنىق بولدى.
مۇسۇلمان كىشى نام-ئەمىلىنىڭ ئوڭ تەرەپتىن بېرىلىشى ئۈچۈن تائەت-ئىبادەت ۋە ياخشى ئىشلارنى كۆپ قىلىشى كېرەك. ئاللاھ تائالا بىزلەرنى نام-ئەمىلى ئوڭ تەرەپتىن بېرىلىدىغانلارنىڭ جۈملىسىدىن قىلسۇن.
ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.