جەننەتكە كېرىش ئۈچۈن توي قىلىش شەرتمۇ؟

سوئال 6254

مەن ئەگەر بىر مۇسۇلمان توي قىلماي ۋاپات بولسا جەننەتكە كىرەلمەيدۇ دەپ ئاڭلىدىم، بۇ توغرىمۇ؟، ئەگەر توغرا بولسا، ئۇنىڭ دەلىلى نېمە؟. مەنچە سەۋەبى كۆپىيىش (نەسل قالدۇرۇش) ۋە ھارام جىنسىي ئالاقىدىن ساقلىنىش سەۋەبىدىن بولۇشى مۇمكىن، بۇ بولسا باشقا دىنىلار بىلەنمۇ ئورتاق بولغان سەۋەبلەردۇر. ئەمما مەن ئەڭ ئاخىرىقى نۇقتىنى بىلىشنى خالايمەن، ئۇ بولسىمۇ: بىر ئادەم بىر ۋاقىتتا تەقۋادار بولۇش بىلەن بىرگە توي قىلماي ياشىشى مۇمكىنمۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تېكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئاللاھقا خاستۇر، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

ئىسلام دىنى مۇسۇلماننىڭ جەننەتكە كىرىشى ئۈچۈن توي قىلغان بولۇشنى شەرت قىلمايدۇ، لېكىن ئىنسان ئۆزىنىڭ چەكلەنگەن-ھارام ئىشقا چۈشۈپ قىلىشىدىن ئەنسىرىسە بۇ ۋاقىتتا چوقۇم توي قىلىشى كېرەك بولىدۇ، مۇشۇنداق ئەھۋالدىمۇ توي قىلماي ئۆتسە ئۇ كىشى خاتالاشقان بولىدۇ.

ئىككىنچى جۈملە ھەققىدە: بىر كىشى تەقۋادار بولۇپ، ئۆيلەنمىگەن بولۇشى مۇمكىن، ئەمما بۇ نادىر ھالەت. كۆپىنچە، توي قىلماسلىقنىڭ سەۋەبى ئادەتتە ئىككىسىدىن بىرى بولىدۇ: يا ئاجىزلىق، يا بۇزۇقلۇق-ئەخلاقسىزلىق. خۇددى ئۆمەر ئىبن خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ توي قىلمىغان بىر ئادەمگە مۇنداق دېگەندەك: «سىنى توي قىلىشتىن پەقەت ئاجىزلىق ياكى بۇزۇقلۇق چەكلەپ قويىدۇ»، ھەر قانداق ھالدا، ئىسلام توي قىلىشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ، ئۇنى پەيغەمبەرلەرنىڭ سۈننەتلىرىدىن ھېسابلايدۇ، شۇنداقلا توي قىلىشتىن ۋاز كېچىشنى چەكلەيدۇ، ھەتىتا ئىبادەت ئۈچۈن توي قىلماي بويتاق ئۆتۈشنىمۇ چەكلەيدۇ، چۈنكى «ئىسلامدا راھىبلىق يوقتۇر».

ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەرجەلەر

ئائىلە قانۇنشۇناسلىقى(فىقھىسى)

مەنبە

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

Previous
كېيىنكى
at email

ئېلخەت خىزمىتى

ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىنىڭ ئېلخەت خىزمىىتىگە ئىشتىراك قىلىڭ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

سەھىپىنى ئىنتىرنىتسىز كۆرۈش ۋە مەزمۇنلارغا ئەڭ تىز سۈرئەتتە ئۈلىشىش

download iosdownload android