قازا ۋە قەدەرگە ئىشىنىش بولسا ئىماننىڭ ئەسلى ئاساسىدىندۇر، ئۇ بولسىمۇ، ئاللاھ تائالا ھەممە نەرسىنى بىلگۈچىدۇر، ھەممە نەرسىنى ياراتقۇچىدۇر، ھېچ قانداق بىر نەرسە ئاللاھنىڭ ئىرادىسى ۋە تەقدىرىدىن چىقىپ كەتمەيدۇ، ئاللاھ تائالا ھەممە نەرسىنى ئاسمانلار ۋە زېمىننى يارىتىشتىن ئەللىك مىڭ يىل ئىلگىرى لەۋھۇل مەھپۇزغا يېزىۋەتكەن، كائىناتتىكى ھەممە نەرسە ۋە ئۇلارنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرى ئاللاھنىڭ يارىتىشى بىلەندۇر، ئاللاھ تائالا ئىرادە قىلغان نەرسە بولىدۇ، خالىمىغان نەرسە بولمايدۇ، ئىنسانغا يەتكەن ھەرقانداق بىر نەرسە خاتا يەتكەن بولمايدۇ، يەتمىگەن نەرسە خاتا بولۇپ ئۆتۈپ كەتكەن بولمايدۇ، ئىنسان تائەت-ئىبادەت ۋە گۇناھ-مەسىيەت قىلىشقا مەجبۇر ئەمەس، بەلكى ئۇ ئىنساننىڭ ئەھۋالىغا مۇۋاپىق ئىرادە-خالىشى بولىدۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئىرادىسى ۋە خالىشىمۇ ئاللاھ تائالانىڭ ئىرادىسى ۋە خالىشى ئاستىدا بولىدۇ.
ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.