جۈمە 19 رامىزان 1445 - 29 مارت 2024
Uygur

زەھەرلىك چېكىملىككە بېرىلگەن قېرىندىشىمغا قانداق مۇئامىلە قىلىمەن؟

سۇئال

قېرىندىشىم زەھەرلىك چېكىملىك چېكىدۇ، مەن ئۇنىڭغا مەزكۇر قىلمىشنىڭ ھاراملىقى توغرىسىدا كۆپ قېتىم نەسىھەت قىلغان بولساممۇ، لېكىن ئۇ نەسىھىتىمگە قۇلاق سالمىدى ۋە يەنە داۋاملاشتۇرىۋاتىدۇ. قانداق قىلىشىم كېرەك؟، بۇ ھەقتە مەسلىھەت بەرگەن بولساڭلار.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھغا خاستۇر.

1-ھەقىقەتەن سىزنىڭ قېرىندىشىڭىز چوڭ بىر بالا-مۇسىبەتكە مۇپتىلا بولۇپتۇ، ئاللاھ تائالادىن سىلەرنىڭ بۇ مۇسىبەتتىن قۇتۇلۇشىڭلارغا ياردەم بېرىشىنى سورايمىز.

2-سىز قېرىندىشىڭىزغا ياخشى مۇئامىلە قىلىپ، مېھرىبانلىق بىلەن نەسىھەت قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇڭ، چۈنكى ئۇمۇ باشقا بىمارلاردەك يەنى قەلبىدە ياكى بەدىنىدە كېسەللىك بولغان كىشىلەردەك ھالىدىن خەۋەر ئىلىشقا ئىھتىياجلىقتۇر.

3-ئۇنى زەھەرلىك چېكىملىكتىن چەكلەش ئۈچۈن مۇمكىن بولىدىغان بارلىق ۋاستىلارنى قوللىنىش لازىم. شۇنداقلا زەھەرلىك چېكىملىك ساتىدىغان ياكى بۇزۇقچىلىق ئىشلارغا قىزىقتۇرىدىغان ئەخلاقسىز ھەمراھلار بىلەن ئۇچرىشىشتىن چەكلەش كېرەك.

4-ھەرقانداق ھالەتتە، ئۇ ئۆزىنىڭ ناچار قىلمىشىدىن تولۇق يانمىغىچە ئۇنىڭ تەلىپىنى ئورۇندىشىڭلار توغرا بولمايدۇ.

5-زەھەرلىك چېكىملىككە ئادەتلەنگەنلەرنى داۋالايدىغان مەخسۇس دوختۇرلارغا تەكشۈرتۈپ،ئۇنى چېكىملىكتىن توسىدىغان ۋە تەل-تۆكۈس تەرك قىلىشىغا ئىلىپ بارىدىغان مۇۋاپىق دورا-ئىلاجلارنى قوللىنىش لازىم.

6-ئۇنىڭ كېچىك بالا-چاقىلىرى ياكى بىر تۇغقان قېرىنداشلىرى بولسا، ئۇنىڭغا نەسىھەت قىلغاندا ئۇلارنىڭ مەزكۇر قىلمىشنى ئىنكار قىلغانلىقىنىبىلدۈرۈپ قويۇش كېرەك، شۇنىڭ بىلەن ئۇ بالا-چاقىلىرى ياكى قېرىنداشلىرىنىڭ ئالدىدا خىجىللىق ھېس قىلىپ بۇ قىلمىشىدىن قول ئۈزۈشى مۇمكىن.

7-ئۇ زەھەرلىك چېكىملىك سەۋەبىدىن مەس بولۇپ ياكى ئەقلىنى يوقۇتۇپ قويغان ۋاقتىدا ئۇنىڭ قىلغان ئىشلىرىنى كۆپ كىشىلەرنىڭ كۆرگەنلىكىنى بايان قىلىپ بېرىش كېرەك. ئۇ ئەقلى-ھۇشى جايىغا كەلگەندىن كېيىن ئۆزىنىڭ قىلغان خاتالىقلىرىنى بىلىپ بۇ قىلمىشتىن قول ئۈزۈشى مۇمكىن.

8- ئۇنىڭ بۇ ئىشتىن قول ئۈزۈشى ئۈچۈن سەمىمىلىك بىلەن ئاللاھ تائالاغا دۇئا قىلىشتىن غاپىل قالماسلىقىڭلار كېرەك. بولۇپمۇ كېچىنىڭ ئاخىرقى ئۈچتىن بىرىدە دۇئا قىلىشقا تىرىشىڭلار. ئاللاھ تائالا چوقۇم سىلەرنىڭ قېيىنچىلىقىڭلارنى ئاسانلاشتۇرىدۇ. ئاللاھ تائالادىن ئۇنىڭغا ھىدايەت ۋە سىلەرگە سەۋىرچانلىق تىلەيمىز.

پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھنىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن. ئاللاھ ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەل مۇنەججىد