بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.
كىيىم-كېچەك دېگەن ئاللاھ تائالانىڭ بەندىلىرىگە ئاتا قىلغان نېمەتلىرى بولۇپ، ئەۋرەتنى ياپىدۇ، ئىسسىق-سوغۇقتىن ساقلايدۇ، ئاللاھ بۇنى بەندىلىرىگە نېمەت قىلىپ بەردى. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: يَا بَنِي آَدَمَ قَدْ أَنْزَلْنَا عَلَيْكُمْ لِبَاسًا يُوَارِي سَوْآَتِكُمْ وَرِيشًا وَلِبَاسُ التَّقْوَى ذَلِكَ خَيْرٌ ذَلِكَ مِنْ آَيَاتِ اللَّهِ لَعَلَّهُمْ يَذَّكَّرُونَ تەرجىمىسى: «ئى ئادەم بالىلىرى! سىلەرگە بىز ھەقىقەتەن ئەۋرىتىڭلارنى ياپىدىغان لىباسنى ۋە زىننەتلىنىدىغان لىباسنى چۈشۈردۇق، تەقۋادارلىق لىباسى ئەڭ ياخشىدۇر، ئەنە شۇلار (يەنى ئىنسان بالىلىرىغا سەترى ئەۋرەت ئۈچۈن لىباس ياراتماق) ئۇلارنىڭ ئىبرەت ئېلىشى ئۈچۈن ئاللاھنىڭ (بەندىلىرىگە بولغان پەزلى ـ مەرھەمىتىنى كۆرسىتىدىغان) ئالامەتلىرىدىندۇر». [سۈرە ئەراپ 26 -ئايەت.]
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَجَعَلَ لَكُمْ سَرَابِيلَ تَقِيكُمُ الْحَرَّ وَسَرَابِيلَ تَقِيكُمْ بَأْسَكُمْ كَذَلِكَ يُتِمُّ نِعْمَتَهُ عَلَيْكُمْ لَعَلَّكُمْ تُسْلِمُونَ تەرجىمىسى: «ئاللاھ سىلەرگە ئىسسىقتىن (ۋە سوغۇقتىن) ساقلىنىدىغان كىيىملەرنى، ئۇرۇشتا سىلەرنى (زىيان ـ زەخمەتتىن) ساقلايدىغان تۆمۈر كىيىملەرنى تەييار قىلدى. ئاللاھ سىلەرنى ئىتائەت قىلسۇن دەپ، سىلەرگە ئەنە شۇنداق مۇكەممەل نېمەتلەرنى بېرىدۇ». [سۈرە نەھىل 81 -ئايەت].
ئەسلىدە كىيىم-كېچەكنىڭ ھەممىسى دۇرۇس، مۇسۇلمان ئۆزى ئىشلەپ چىقارغان ياكى مۇسۇلمان بولسۇن ياكى مۇسۇلمان بولمىسۇن باشقىلار تەرىپىدىن ئىشلەپ چىقىرىلغان كىيىملەرنى كىيسە بولىدۇ، مەككىدە ۋە باشقا جايلاردىكى ساھابىلارنىڭ ئەھۋالىمۇ مۇشۇنداق ئېدى، ئۇلارغا خاس بولغان ئايرىم كىيىم تىكىپ بېرىدىغان كىشى يوق ئېدى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالاممۇ شامدا، يەمەندە ۋە باشقا جايلاردا توقۇلغان رەختلەردىن قىلىنغان كىيىملەرنى كىيەتتى. ئۇ ۋاقىتلاردا مۇسۇلمانلارنىڭ رەخت توقۇش سانائىتى يوق ئېدى، كىيىمنىڭ شەرئى شەرتلەرگە مۇۋاپىق كېلىشى ئېتىبارغا ئېلىنىدۇ. ئەرلەرگە خاس بولغان كىيىملەرنىڭ قىسقىچە ھۆكمىنى36891 -نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىدىن تەپسىلى كۆرەلەيسىز.
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام كىيىم-كىچىكتە بولسۇن ياكى باشقا تەرەپتىن بولسۇن ئومۇمەن كاپىرلارغا ئوخشاپ قىلىشتىن چەكلىگەن، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى باشقا دىندىكى كىشىلەرگە ئوخشىۋالسا، ئۇ كىشى شۇلاردىن ھېسابلىنىدۇ». [ئەبۇ داۋۇد رىۋايتى4031-ھەدىس. ئىراقى سەھىھ دەپ "ئىھيا ئۇلۇمىددىننىڭ تەخرىجى" 1-توم 342-بەتتە كەلتۈرگەن. شەيخ ئەلبانى "ئىرۋائۇل غەلىيل" 5 -توم 109 -بەتتە كەلتۈرگەن. ]
يەنە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام خۇسۇسىي قىلىپ كىيىم-كىچىكتە كاپىرلارغا ئوخشاپ قىلىشتىن چەكلىگەن. ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمىر ئىبنى ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: «پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ كىشىنىڭ ئۈستىدە سېرىق بويالغان بىر قۇر كىيىمنى كۆرۈپ ئۇنىڭغا: بۇ رەڭ كاپىرلارنىڭ كىيىمىنىڭ رەڭگى، بۇنى كىيمىگىن دېگەن». [مۇسلىم رىۋايىتى2077-ھەدىس].
ئۆمەر ئىبنى خەتتاپ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئەزەربەيجاندىكى مۇسۇلمانلارغا: «نازۇ-نېمەت، كىيىم-كىچەكلەردە مۇشرىكلارغا ئوخشاپ قىلىشتىن ساقلىنىڭلار» دەپ مەكتۇپ ئەۋەتكەن. [مۇسلىم رىۋايىتى2069-ھەدىس].
كاپىرلارنىڭ كىيىمىدىن مۇسۇلمانلارغا كىيىش ھارام بولغىنى پەقەت كاپىرلارنىڭ ئۆزىگە خاس بولغان ئۇلاردىن باشقىلار كىيمەيدىغان كىيىملەردۇر، ئەمما كاپىرلارمۇ ۋە مۇسۇلمانلارمۇ كىيىدىغان ئورتاق كىيىملەر بولسا بۇ كاپىرلارغا خاس كىيىم بولمىغانلىقى ئۈچۈن بۇنى كىيسە بولىدۇ.
سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات، دىنى تەشۋىقات پەتىۋا كومىتېتى ئالىملىرىدىن: كاپىرلارغا ئوخشاپ قىلىشتىكى چەكلەنگەن ئىشلاردىن سورالغاندا؟ ئۇلار مۇنداق جاۋاپ بەرگەن: "ئادەتتە ئۇلارغا خاس بولغان ئىشلاردا ئوخشاپ قىلىش چەكلىنىدۇ، دىنى ئېتىقاد، ئىبادەتلەردە بىدئەت-خۇراپاتلار ۋە ئۇلارغا ئوخشاش ساقاللىرىنى ئالدۇرىۋېتىش، چېچىنىڭ بىر يېرىنى قويۇپ يەنە بىر يېرىنى ئالدۇرىۋېىتش قاتارلىق ئىشلاردا ئوخشاپ قىلىشتىن چەكلىنىدۇ.
ئىشتان ۋە كاستۇم-بۇرۇلكا قاتارلىق كىيىملەرنى كىيىش بولسا، بۇ ئادەتتىكى ئىشلاردىن بولۇپ (بۇ تۈردىكى كىيىملارنى كاپىرمۇ مۇسۇلمانمۇ ئورتاق قوللىنىشى ئومۇملىشىپ كەتكەندۇر)، كىيىمنىڭ قايسى تۈرىنى كىيسە بولىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: قل من حرَّم زينة الله التي أخرج لعباده والطيبات من الرزق تەرجىمىسى: «ئېيتقىنكى، ئاللاھ بەندىلىرى ئۈچۈن ياراتقان لىباسلارنى، شېرىن، پاك رىزىقلارنى كىم ھارام قىلدى؟». [سۈرە ئەراپ 32 -ئايەت].
يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئومۇمى ھۆكۈمدىن ئىسلام شەرىئىتى ھارام ياكى مەكرۇھ دەپ قارىغان بەزى كىيىملەر بۇنىڭدىن ئىستىسنادۇر. ئەرلەرنىڭ يىپەك كىيىم كىيىشى، بەك نىپىز قارىسا تېرىنىڭ رەڭگىنى ئېنىق كۆرسىتىدىغان كىيىملەر، بەك تار بولۇپ بەدەن شەكلى، ئەۋرەت ئەزالىرىنى ئېنىق سۈپەتلەپ بېرىدىغان كىيىملەرنى خۇددى كىيىم كەيمىگەندەك ۋە ئەۋرەتنى ياپمىغاندەك ھالەتنى ئىپادىلەيدۇ، بۇنداق كىيىملەرنى كىيىشمۇ توغرا بولمايدۇ. كاپىرلارنىڭ بەلگىلىك كىيىملىرىنى ئەر-ئايال مۇسۇلمانلارنىڭ كىيىشى توغرا بولمايدۇ. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام باشقا دىندىكى كىشىلەرنىڭ خاس كىيىملىرىنى كىيىشتىن چەكلىگەن، ئەرلەرنىڭ ئاياللارنىڭ كىيىمىنى، ئاياللارنىڭ ئەرلەرنىڭ كىيىمىنى كىيىشى چەكلىنىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەرلەرنىڭ ئاياللارغا ئوخشىۋېلىشىنى، ئاياللارنىڭ ئەرلەرگە ئوخشىۋېلىشىنى چەكلىگەن.
پادىجى ئىشتان ياكى باشقا كاستۇم-بۇرۇلكىلار كاپىرلارغا خاس كىيىم ئەمەس، بەلكى ئۇ نۇرغۇن شەھەر، دۆلەتلەردە مۇسۇلمانلار ۋە كاپىرلار ئورتاق كىيىدىغان كىيىم بولۇپ قالدى. بەزى رايونلاردىكى كىشىلەر بۇنى ئۆزلىرىنىڭ كىيىپ ئادەتلەنگەن كىيىملىرىگە ئوخشىمىغانلىقى ئۈچۈن باشقا مۇسۇلمانلار كىيىپ ئادەتلەنگەن بولسىمۇ ئۇلار كىيمەيدۇ، مۇسۇلمان ئۈچۈن مۇھىم بولغىنى: ئۆز شەھىرىدە ئادەت بولمىغان كىيىمنى نامازدا، جامائەت سورۇنلىرىدا ۋە كوچىلاردا كىيمەسلىكى ياخشىدۇر". ["دائىمىي كومىتېت پەتىۋاسى" 3 -توم 307-309 -بەتلەر].
ئۇلار يەنە مۇنداق دەيدۇ: "مۇسۇلمان ئەر-ئاياللارغا: ئىسلامى ئەدەپ-ئەخلاقلارغا رىئايە قىلىش، توي-تۈكۈن، نەزىر-چىراق، كىيىم-كېچەك، يېمەك-ئىچمەك قاتارلىق جەھەتلەردە ئىسلامى پرىنسىپ بىلەن يۈرۈشى ۋاجىپ بولىدۇ.
ئۇلارنىڭ كىيىم-كىچەكتە كاپىرلارغا ئوخشىۋېلىشى توغرا بولمايدۇ، بەدەن شەكلى، ئەۋرەتلىرىنى ئىپادىلەيدىغان بەك تار كىيىملەرنى ياكى بەدەن تېرىلىرىنى ئىپادىلەيدىغان بەك نىپىز كىيىملەرنى ياكى بەدىنىنى تولۇق ئورىمايدىغان كۆكسى، ئىككى بىلىكى، بوينى، چېچى ۋە باشقا ئورۇنلىرى ئوچۇق بولغان كىيىملەرنى كەيمەسلىكى كېرەك." ["دائىمىي كومىتېت پەتىۋاسى" 3-توم 306 -307-بەت].
شەيخ مۇھەممەد ئىبنى سالىھ ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھدىن: كاپىرلارغا ئوخشاش بولۇپ قىلىشنىڭ ئۆلچىمى توغرىسىدا سورالغاندا؟، مۇنداق جاۋاپ بەرگەن:" ئۇلارغا ئوخشاش بولۇپ قىلىشنىڭ ئۆلچىمى: ئوخشىغۇچى ئوخشىۋالغۇچىغا خاس بولغان ئىشلارنى قىلماسلىق، كاپىرلارغا ئوخشاپ قىلىش دېگەن: مۇسۇلمان ئۇلارغا خاس بولغان ئىشلارنى قىلسا ئوخشاپ قالىدۇ.
ئەمما مۇسۇلمانلار ئارىسىدا كەڭ تارقالغان، ئۇنىڭ بىلەن كاپىرلاردىن پەرقلەنمەيدىغان ھالەتكە كەلگەن ئىش بولسا، ئۇنىڭ بىلەن كاپىرغا ئوخشاپ قالغان بولمايدۇ، ئۇ ئىشمۇ باشقا بىر تەرەپتىن ھارام بولمىسا، ئوخشاپ قالغانلىق تەرەپتىن ھارام بولمايدۇ.
بىزنىڭ دېگەن بۇ سۆزىمىز، بۇ سۆز بىلدۈرگەن نەرسىنىڭ تەقەززاسىدۇر، بۇ سۆزنىڭ ئوخشىشىنى : "پەتھۇل بارى"نىڭ ساھىبى 10 -توم 272 -بەتتە مۇنداق دېگەن: "سەلەپ ئالىملىرىنىڭ بەزىسى راھىپلارنىڭ كىيىمى بولغان باش كىيىمى بولغان كىيىمنى كىيىشنى ياقتۇرمىغان. ئىمام مالىكتىن بۇ توغرىدا سورالغاندا: كىيسە بولىدۇ دېگەن. بۇ خرىستىئانلارنىڭ كىيىمى؟ دېيىلگەندە، ئىلگىرى بۇ يەردە كىيىلگەن دېدى. مەن دەيمەنكى: ئىمام مالىك بۇنىڭغا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «ئېھراملىق كىشى قانداق كىيىملەرنى كىيىدۇ؟ دەپ سورالغاندا، ئېھراملىق كىشى: كۆينەك كىيمەيدۇ، ئىشتان كىيمەيدۇ ۋە باش كىيىمى كىيمەيدۇ...» دېگەن ھەدىسنى دەلىل قىلغان بولسا ئەڭ ياخشى بولاتتى.
"پەتھۇل بارى"نىڭ ساھىبى 10 -توم 317 -بەتتە مۇنداق بايان قىلغان: "بەزى كىيىملەردىن چەكلىنىش شۇ دەۋرىدىكى مۇسۇلمان بولمىغان ئەجەملەرنىڭ كىيىمى ۋە شۇئارى بولغانلىقى ئۈچۈن دىنى جەھەتتىن ئۇلارغا ئوخشاپ قالماسلىقتىن چەكلەنگەن، ھازىر ئۇلارنىڭ شۇئارى بولىدىغان ئىش يوق، كىراھىيەت يوقالدى(ئىللەت يوقالدى)، كىيسە بولىدۇ.
ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر". [ "شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن پەتىۋالار مەجمۇئەسى" 12 -توم 290 -بەت.]
شەيخ سالىھ پەۋزان مۇنداق دەيدۇ: " نىجىس بولمىسا كاپىرنىڭ كىيىمىنى كىيىشمۇ دۇرۇس بولىدۇ، چۈنكى ئەسلى پاكتۇر، پاكلىق شەك بىلەن يوقالمايدۇ، ئۇلارنىڭ توقۇغان ۋە بويىغان نەرسىلىرىمۇ پاكتۇر، چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ۋە ساھابىلارمۇ كاپىرلار توقۇغان ۋە بويىغان كىيىملەرنى كىيەتتى". [ "مۇلەخخەس پىقھى" 1 -توم 20 -بەت].
جاۋابنىڭ خۇلاسىسى: مۇسۇلمانلارغا كىيىم-كىچەكتە ۋە باشقا ئىشلاردا كاپىرلارغا ئوخشىۋېلىش ھارام بولىدۇ، ئەمما كاپىرلارغا خاس بولمىغان نەرسىلەردە ھېچ گەپ بولمايدۇ.
ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.