شەنبە 23 رەبىئۇسسانى 1446 - 26 ئۆكتەبىر 2024
Uygur

قۇرئاننى خاتا تىلاۋەت قىلىدىغان ئىمامنىڭ ئارقىسىدا ئوقۇغان ناماز توغرا بولامدۇ؟

سۇئال

مەن ناماز ئوقۇيدىغان مەسچىتنىڭ ئىمامى پاتىھە سۈرىسىنى خاتا ئوقۇيدۇ، پىچ ئوقۇيدىغان ھەرىپنى پەتھە ۋە كەسىر ئوقۇيدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئايەتنىڭ مەنىسى ئۆزگىرىپ كېتىدۇ، بۇ ئىمامغا ئەگىشىپ ئوقۇغان ناماز توغرا بولامدۇ؟.

بىزنىڭ مەسچىتىمىزدە نامازدىن كېيىن ھەممە جامائەت بىرلىكتە: “يا لەتىيپ” دەپ يۈز قېتىم دەيدىغان بىدئەت ئىشلارمۇ بار؟.  بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

كىمكى ئىمام بولسۇن ياكى يالغۇز ناماز ئوقۇسۇن ياكى ئىمامغا ئىقتىدا قىلسۇن پاتىھە سۈرىسىنىڭ مەنىسى ئۆزگىرىپ كېتىدىغان دەرىجىدە خاتا ئوقۇيدىكەن ئۇ كىشىنىڭ نامىزى باتىل بولىدۇ، چۈنكى پاتىھە سۈرىسى دېگەن نامازنىڭ ئاساسلىق رۇكنىدىن بىرى، بۇنداق كىشى پاتىھەنى توغرا ئوقۇشنى ئۆگىنىشى ۋاجىپ، ئەگەر شۇنچە تېرىشىپمۇ توغرا ئوقۇشنى ئۈگىنەلمەي قالسا ئاللاھ تائالا ئىنساننى تاقىتى يەتمەيدىغان ئىشقا تەكلىپ قىلمايدۇ، لېكىن ئۇ كىشى ئىمام بولۇپ قالسا ئۇ كىشىگە ئۆزىگە ئوخشاش ياكى ئۆزىدىنمۇ بەكرەك توغرا ئوقۇيالمايدىغان كىشى ئىقتىدا قىلسا بولىدۇ.

ئىمام  نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: “ئايەتنى توغرا ئوقۇيالمايدىغان كىشىنىڭ ئىمام بولىشى مەكروھ بولىدۇ، ئاندىن قىرائىتىگە قۇلاق سالىمىز، ئەگەر ھەرىكەتتە خاتالىق بولسىمۇ مەنا ئۆزگەرمەيدىغان ھالەتتە ئوقۇسا ئۆزىنىڭ ۋە ئۆزىگە ئىقتىدا قىلغان كىشىنىڭ نامىزى توغرا بولىدۇ، ئەمما مەنا ئۆزگىرىپ كېتىدىغان بولسا ناماز باتىل بولىدۇ، خۇددى” ئەنئەمتە دېگەننى ئەنئەمتۇ دەپ، سىراتەل مۇستەقىيمنى سىراتەل مۇستەقىين دېگەنگە ئوخشاش، ئەگەر ۋاقىت بولۇپ، تىلىنى بويسۇندۇرۇپ ئۆگىنىش ئىمكانىيىتى بولسا ئۆگىنىشى لازىم، ئەگەر نامازنىڭ ۋاقتى ئاز قالغان، ئۆگىنىپ بولالمايدىغان بولسا نامازنى شۇ بويۇنچە ئادا قىلىپ كېيىن قازاسىنى قىلىدۇ، ئۇ كىشىگە ئىقتىدا قىلغىلى بولمايدۇ. ئەگەر تىلىنى بويسۇندۇرۇپ بولالمىسا ياكى ئۇگەنگىدەك ئىمكانىيەت بولمىسا، مەسىلە پاتىھە سۈرىسىدىلا بولسا ئۇ كىشىگە ئۆزىگە ئوخشاش كىشى ئىقتىدا قىلىپ ئوقۇغان بولسا ئۇ كىشىنىڭ نامىزى توغرا بولىدۇ، ئەمما ئايەتنى توغرا ئوقۇيدىغان كىشى ئىقتىدا قىلغان بولسا ئۇ كىشىنىڭ نامىزى توغرا بولمايدۇ . (خۇددى قارىنىڭ بىلمەيدىغان كىشىگە ئىقتىدا قىلسا نامىزى دۇرۇس بولمىغانغا ئوخشاش).  ئەمما مەسىلە پاتىھە سۈرىسىدە بولماي باشقا سۈرىدە بولغان بولسا، ئۇ كىشىنىڭ ۋە ئۇنىڭغا ئىقتىدا قىلغان كىشىنىڭمۇ نامىزى توغرا بولىدۇ”. [ “رەۋزەتۇل تالىبىين”  1 -توم 350 -بەت.]

ئىبنى قۇدامە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: “ئەگەر باشقا سۈرىنى ياخشى ئوقۇسىمۇ پاتىھە سۈرىسىنى ياكى بەزى ئايەتلەرنى ياخشى ئوقۇيالمايدىغان كىشى ئۆزىگە ئوخشاش كىشىلەرگە ۋە ئوقۇغان كىشىلەرگە ئىمام بولغان بولسا، ئۆزىگە ئوخشاش كىشىلەرنىڭ نامىزى توغرا بولىدۇ، ئوقۇغان كىشى بولسا نامازنى قايتىدىن ئىئادە قىلىپ ئوقۇيدۇ”.

ئاندىن مۇنداق دېدى: “كىمكى پاتىھە سۈرىسىدىن بىر ھەرىپنى ئوقۇيالماي تاشلاپ قويسا ياكى باشقا بىر ھەرپكە ئالماشتۇرۇپ ئوقۇسا، كوماكلىقتىن رانى غەيىن ئوقۇسا، ھەرپنى ھەرپكە كىرگۈزىۋەتسە، ياكى مەنىسىگە تەسىر يېرىدىغان ھالەتتە خاتا ئوقۇسا، ئىيياكە دىكى كاپنى زىر ئوقۇسا، ئەنئەمتە دىكى تانى پىچ ئوقۇسا، تولۇق ئوقۇشقا قادىر بولالمىسا، ئۇ كىشى ساۋاتسىز ئادەمگە ئوخشاش بولۇپ، ساۋاتلىق كىشىنىڭ ئۇنىڭغا ئىقتىدا قىلىپ ناماز ئادا قىلىشى توغرا بولمايدۇ، پەقەت ئۆزىگە ئوخشاش ساۋاتسىز كىشىلەر ئىقتىدا قىلسا ئۇلارنىڭ نامىزى دۇرۇس بولىدۇ، چۈنكى ئۇلار ساۋاتسىزلىقتا ئوخشاش، ئىككىلىسى ياخشى قىلالمىغاندىن كېيىن بىر-بىرىنى تولۇقلايدۇ، ئەگەر تىرىشچانلىق قىلسا تۈزىتىپ ئوقۇيالايدىغان بولۇپ، بۇنىڭغا تىرىشمىسا نامىزى دۇرۇس بولمايدۇ ۋە ئىقتىدا قىلغان كىشىنىڭ نامىزىمۇ توغرا بولمايدۇ.

يەنە مۇنداق دەيدۇ: “ئايەتنىڭ مەنىسىگە تەسىر يەتمىسىمۇ غەلەت ئوقۇيدىغان ئىمامغا ئىقتىدا قىلىش مەكروھ بولىدۇ، ئىمام ئەھمەد بۇنىڭغا دەلىل بايان قىلغان، غەلەت ئوقۇمايدىغان كىشىنىڭ نامىزى دۇرۇس بولىدۇ، چۈنكى ئىمام پەرز بولغان قىرائەتنى ئادا قىلدى، ئەگەر پاتىھەدىن باشقا سۈرىنى غەلەت ئوقۇغان بولسا، بۇ ئۇ كىشىنىڭ ۋە ئۇنىڭغا ئىقتىدا قىلغان كىشىلەرنىڭ نامىزىنىڭ توغرا بولىشىنى چەكلىمەيدۇ، لېكىن قەستەن شۇنداق قىلغان بولسا، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ نامىزى باتىل بولىدۇ.

ئەمما غەلەت ئوقۇسىمۇ ئايەتنىڭ مەنىسى خاتا بولمىسا، ئۇ كىشىگە ئىقتىدا قىلىپ ناماز ئادا قىلىش دۇرۇس بولىدۇ، ئۇ كىشىنىڭ قىرائەتنى توغرا شەكىلدە قىلىشنى ئۆگىنىشى ۋاجىپ بولىدۇ، ئەگەر خاتالىق پاتىھە سۈرىسىنىڭ غەيرىدە بولسا بۇ نامازنى باتىل قىلمايدۇ ، لېكىن نامازنىڭ ساۋابنى كېمەيتىدۇ، قىرائەتنى توغرا-ياخشى قىلىدىغان كىشىگە ئىقتىدا قىلىپ ناماز ئوقۇش ئەلۋەتتە ياخشى بولىدۇ، رەھبەرلەرنىڭ ئوقۇمىغان بۇنداق كىشىلەرنى ئىماملىققا تەيىن قىلىپ قويۇشى توغرا بولمايدۇ، ئەگەر ئۇنداق بولمىغاندا ئۇلارغا گۇناھتا شېرىك بولىدۇ”. [ “ئەلمۇغنى”  3 – توم 29-32 -بەتلەر].

دائىمىي كومىتېت ئۆلىمالىرى مۇنداق دەيدۇ: ” قىرائەتتە خاتا كەتكۈچىنىڭ خاتالىقى ئايەتنىڭ مەنىسىنى ئۆزگەرتىۋەتمەيدىغان ھالەتتە بولغان تەقدىردە، مۇمكىن بولسا قىرائەتنى توغرا قىلىدىغان كىشىگە ئىقتىدا قىلىش ياخشىدۇر. ئەگەر غەلەت ئوقۇش پاتىھە سۈرىسىدە بولۇپ، ئايەتنىڭ مەنىسىنى ئۆزگەرتىۋېتىدىكەن، ئۇ كىشىگە ئىقتىدا قىلىپ ناماز ئادا قىلىش باتىلدۇر. بۇ ئۇ كىشىنىڭ قەستەنلىكىدىن ئەمەس بەلكى غەلەت ئوقۇغانلىقىدىندۇر، مەسىلەن: (ئىيياكە نەبۇدۇ) دېگەن ئايەتتە كاپ ھەرىپىنى زىر ئوقۇش، ( ئەنئەمتە ئەلەيھىم) دېگەن ئايەتتە تا ھەرىپىنى پىچ ياكى زىر ئوقۇش دېگەندەك، ئەگەر خاتالىقى ئېسىدە تۇتۇشىنىڭ ئاجىزلىقىدىن بولغان بولسا، ئۆزىدىن بەكرەك ئېسىدە تۇتىدىغان كىشىنىڭ ئىمام بولىشى بەك لايىقتۇر. ” سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات، دىنى تەشۋىقات، پەتىۋا كومىتېتى پەتىۋالىرى 2 -توم 527 -بەت.

شەيخ ئابدۇل ئەزىز ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھدىن قۇرئاننىڭ ئايەتلىرىنى غەلەت ئوقۇيدىغان ئىمام توغرىسىدا:  ئۇ ئىمام ئايەتنىڭ ھەرىپلىرىنى بەزىدە زىيادە قىلىدۇ، بەزىدە چالا ئوقۇيدۇ، بۇ كىشىگە ئىقتىدا قىلىپ ناماز ئوقۇساق قانداق بولىدۇ؟ دەپ سورالغاندا، شەيخ جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېگەن: ” ئەگەر رەببىل ئالەمىين دېگەن ئايەتنى رەببۇل ياكى رەببەل ئالەمىين دەپ غەلەت ئوقۇسىمۇ ئايەتنىڭ مەنىسىگە تەسىر يەتمىسە ئۇ كىشىگە ئىقتىدا قىلىپ ناماز ئوقۇسا بولىدۇ، ئەمما ئايەتنىڭ مەنىسى ئۆزگىرىپ كېتىدىغان دەرىجىدە غەلەت ئوقۇسا، ئۇ كىشىنى توغرىغا باشلاش ۋە تەلىم بېرىشنىڭ پايدىسى بولمىسا ئۇنىڭغا ئىقتىدا قىلىپ ناماز ئوقۇلمايدۇ، (ئىيياكە نەبۇدۇ) دېگەن ئايەتتە كاپ ھەرىپىنى زىر ئوقۇش، (ئەنئەمتە ئەلەيھىم) دېگەن ئايەتتە تا ھەرىپىنى پىچ ياكى زىر ئوقۇش دېگەندەك، ئەگەر تەلىمنى قوبۇل قىلىپ، قىرائىتىنى توغرىلاپ ئوقۇسا ئۇ كىشىنىڭ نامىزى ۋە قىرائىتى توغرا بولىدۇ، مۇسۇلمانغا ھەرقانداق ئەھۋالدا ئۆزىنىڭ مۇسۇلمان قىرىندىشىغا تەلىم بېرىشى يولغا قويۇلغان، چۈنكى مۇسۇلمان دېگەن مۇسۇلماننىڭ قېرىندىشى، خاتا كەتسە، توغرا يولغا باشلايدۇ، بىلمەي قالسا ئۆگىتىدۇ، قۇرئان ئوقۇشتا ئارىلىشىپ كېتىپ قالسا دەپ بېرىدۇ “. [ “ئىبنى باز پەتىۋالار مەجمۇئەسى”  12 -توم 98-99 -بەتلەر].

ئىككىنچى:  “يا لەتىپ” دېگەن سۆزنى تەكرار يۈز قېتىم دەيدىغان ئىشقا كەلسەك، گەرچە بۇنى مۇسۇلمان كىشى يالغۇز دېگەندىمۇ بۇنىڭ بىدئەت ئىكەنلىكىگە شەك يوق، چۈنكى بۇ تولۇق جۈملە ئەمەس، ئۇ پەقەت ئاللاھ تائالانى چاقىرىشتىن ئىبارەتتۇر، ئۇنىڭدىن كېيىن نېمە؟ ئۇ رەببىدىن نېمە تەلەپ قىلماقچى؟ رەببىنى ماختىماقچىمۇ؟ بۇنىڭدىنمۇ بىر نەرسە يوق، ئەگەر بۇ سۆزنى جامائەت شەكىلدە دېگەن بولسا ئېدى، بۇمۇ بىر بىدئەت بولاتتى. بۇ ھەقتە ئۆلىمالارنىڭ 22457 -ۋە 26867 – نومۇرلۇق سوئالدىكى سۆزلىرىگە قارالسۇن.

ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى