سوئال سورىغۇچى ھەمشىرەم! سىزنىڭ ئىسلام دىنىغا كىرىشكە بۇ قەدەر رىغبىتىڭىز بولغانلىقى بىزنى خۇرسەن قىلدى، ئىسلام دىنى بولسا ئىبادەت ۋە تەۋھىد يولى ئارقىلىق بەندىنى بىۋاستە رەببىگە ئۇلاشتۇرىدىغان، ئىنساننىڭ كۆڭلىگە خاتىرجەملىك، بەخت-سائادەت ئېلىپ كېلىدىغان، ھەق دىندۇر، بەندىنى رەببىگە ئۇلاشتۇرىدىغان مۇشۇ ئۆزگىچە ئالاقە بولسا، بۇ ئاللاھ ئۈچۈن ياخشى كۆرۈش، ئۆچ كۆرۈش، قورقۇش، ئۈمىد قىلىش ۋە ئاللاھقىلا بويسۇنۇشنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ، بۇ قەلب ئەمىلى بىلەن زىكىردىن ئىبارەت بولغان تىلنىڭ ئەمىلى، ئۇنىڭغا قېتىپ ئەزالارنىڭ ئەمىلى جۇغلاشقان ئىبادەتنىڭ توغرا بولغان مەنىسىدۇر. بۇ ناماز، روزا، زاكات، قۇرئان تىلاۋېتى ۋە ئۇنىڭدىن باشقا ئاللاھ خالىسا سىزدە تەسىرى كۆرۈلىدىغان نۇرغۇن ئىبادەتلەردە نامايەندە بولىدۇ.
مانا بۇ ئاللاھ تائالانىڭ مۇۋەپپەق قىلىشى ۋە توغرا ئەقىل ئارقىلىق يەتكەن ئىشنىڭ نەتىجىسىدۇر.
ئەمما ئىسلام دىنىغا كېرىش بولسا، بۇ بەك ئاسان ئىش بولۇپ، سىزنىڭ ئىككى شاھادەت كەلىمىسىنى ئاغزاكى ئېلان قىلىشىڭىز بىلەن شەكىللىنىدۇ. ئۇ بولسىمۇ: «أشهد أن لا إله إلا الله وأشهد أنّ محمدا رسول الله» ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ ھەق مەبۇد يوقتۇر ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ۋە بەندىسى دەپ گۇۋاھلىق بېرىمەن دېيىشتىن ئىبارەتتۇر.
ئاخىرىدا بىزنىڭ سىزگە دەيدىغىنىمىز: ھۆرمەتلىك ھەمشىرەم! ئىسلام دىنىغا كېرگەنلىكىڭىزنى تەبرىكلەيمىز، بىز سىزگە مۇمكىن بولغان ھەر قانداق خىزمەتنى تەقدىم قىلىشقا تەييارمىز، ئاللاھ تائالادىن سىزگە ئۆزىنىڭ نېمىتىنى مۇكەممەل قىلىپ بېرىشنى ۋە سىزنى ھەق ئۈستىدە مۇستەھكەم قىلىشنى سورايمىز. ئاللاھ تائالا توغرا يولغا باشلىغۇچىدۇر.