سەيشەنبە 7 شەۋۋال 1445 - 16 ئاپرىل 2024
Uygur

تەۋبىنىڭ دەسلىپىدە قىزغىن بولۇپ، كېيىن سۇسلىشىپ قىلىشنىڭ سەۋەبى توغرىسىدا

70314

تارقاتقان ۋاقىت : 25-02-2014

كۆرگۈچىلەر : 4087

سۇئال

ئىنسان تەۋبىنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا ناھايىتى جۇشقۇن-كۈچلۈك ھالەتتە: شەيتان مېنى سۇسلۇققا بۇيرۇيدۇ دەپ، تائەت-ئىبادەتنى زىيادە قىلىدۇ. ئاندىن ھىممەت-ئىرادىسى بوشاپ، ئاللاھ ھېچكىمنى تاقىتى يەتمەيدىغان ئىشقا تەكلىپ قىلمايدۇ  دەيدۇ-دە، تائەت-ئىبادەتتە سۇسلىشىپ يەنە ئەسلىدىكى ھالىتىگە قايتىدۇ. مېنىڭ سورايدىغىنىم: بۇ توغرىدا قىلىنىدىغان نەسىھەت بارمۇ؟، تەۋبىدىن كىيىن ئەمەل-ئىبادەت قىزغىن باشلىنىشى كېرەكمۇ؟ ۋە ياكى تەدرىجى باشلىنىپ مەلۇم مۇددەتتىن كېيىن مۇستەھكەملىشەمدۇ؟، ياكى شامال قايسى تەرەپكە ئۇچۇرسا شۇ تەرەپكە ئىغامدۇ؟ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھنىڭ رەھمىتى ۋە سالامى بولسۇن.

ھىدايەتكە يۈزلىنىش ۋە گۇناھلارغا تەۋبە قىلىش بولسا، ئاللاھ تائالانىڭ مۇسۇلمانغا ئاتا قىلغان ئەڭ بۈيۈك نېمەتلىرىدىن بىرىدۇر. ئىنساننىڭ ئەھۋالى ئاللاھ تائالاغا يېقىنلىشىدىغان ئەمەللەرنى كۆپ قىلىش بىلەن ئۆزگىرىدۇ. ئادەتتە تەۋبە قىلغۇچى ئۆزىنىڭ ئىلگىرىكى ئازغۇنلۇق ھاياتىدا، كەتكۈزۈپ قويغان ياخشى ئەمەللەرنىڭ ئورنىنى توشقۇزۇش ئۈچۈن تائەت-ئىبادەتكە پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن يۈزلىنىدۇ. بۇ چىن قەلبىدىن ھەقىقى تەۋبە قىلغان كىشى ئۈچۈن تەبىئىى بىر ئىشتۇر.

بۇ مەسىلىنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىزگە: تەۋبە قىلىپ مەلۇم ۋاقىتتىن كېيىن ھىممەت-ئىرادىنىڭ بوشاپ، قىزغىنلىقنىڭ سۇسلىشىپ كېتىدىغانلىقىنىڭمۇ تەبىئىى بىر ئىش ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ بەرگەن. لېكىن خەتەرلىك بولغىنى، تەۋبە قىلغۇچى سۇسلۇق-بوشاڭلىقنى داۋاملاشتۇرۇپ، مەلۇم مۇددەتتىن كېيىن ئۆزىنىڭ ئەسلىدىكى ھالىتىگە قايتىۋىلىشىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن مۇشۇ ئىشقا دىققەت قىلىش ئىنتايىن مۇھىم.

تەۋبە قىلغۇچىنىڭ ھىممەت-ئىرادىسى سۇسلىشىپ قالغان ۋاقىتتا، سۈننەتنى لازىم تۇتۇپ، ئوتتۇرىھال بولۇشى كېرەك. ئۇ ئەسلى قىزغىنلىقىنى ساقلاپ قىلىش بىلەن بىرگە، يەنە بىر قېتىم قىزغىن ۋە جۇشقۇنلۇق بىلەن تائەت-ئىبادەتكە يۈزلىنىشى لازىم. چۈنكى نورمال ھالەتتىن قىزغىنلىققا ئاتلىنىش ئىشنى نۆلدىن باشلىغاندىن ياخشىدۇر.

ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ھەرقانداق ئەمەل ئۈچۈن قىزغىنلىق بولىدۇ. ھەرقانداق قىزغىنلىق سۇسلىشىدۇ، قىزغىنلىقى مېنىڭ سۈننىتىم ئۈستىگە بولغان كىشى نىجات تاپىدۇ. قىزغىنلىقى مېنىڭ سۈننىتىمنىڭ غەيرىگە بولغان كىشى ھالاك بولىدۇ. [ئىبنى ھىببان رىۋايىتى1-توم 187-ھەدىس]. شەيخ ئەلبانىي رەھىمەھۇللاھ "سەھىھۇل تەرغىب"ناملىق ئەسىرى 56-ھەدىستە كەلتۈرگەن].

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ھەرقانداق ئەمەل-ئىبادەت ئۈچۈن قىزغىنلىق بولىدۇ. ھەرقانداق قىزغىنلىق سۇسلىشىدۇ. قىزغىنلىق ساھىبى ھەددىدىن ئاشۇرۇۋېتىش ياكى سەل قاراشتىن ساقلىنىپ ئەمەل-ئىبادەتنى ئوتتۇراھال ئىلىپ بارسا، ئۇ كىشىنىڭ نىجات تېپىشى ئۈمىت قېلىنىدۇ، چۈنكى ئەمەللەرنىڭ ئاز بولسىمۇ داۋاملاشقىنى ئاللاھ تائالا ياخشى كۆرىدۇ. گەرچە ئۇ كىشىگە ئەمەل-ئىبادەتتە، دۇنياغا بېرىلمەسلىكتە تىرىشقانلىقى سەۋەبىدىن مەشھۇر بولغان بولسىمۇ، ئەمما قىلغان ئەمەللىرىدە رىيا قىلغانلىقى سەۋەبىدىن سالىھ كىشىلەردىن ھېسابلانمايدۇ. [تىرمىزى رىۋايىتى 2453-ھەدىس. شەيخ ئەلبانىي رەھىمەھۇللاھ "سەھىھۇل تەرغىب"ناملىق ئەسىرى 57-ھەدىستە ھەسەن دەپ كەلتۈرگەن].

مۇسۇلمان كىشى ئەمەل-ئىبادەتتە چەكتىن ئاشۇرۇۋېتىش ۋە سەل قاراشتىن ساقلىنىپ، ئىبادەتتىن زېرىكىپ ئۇنى تەرك قىلماسلىق ئۈچۈن ئوتتۇراھال يول تۇتۇشى كېرەك. شۇنداقلا ھورۇنلۇق قىلىپ، سەل قاراشنى داۋاملاشتۇرۇپ پۈتۈنلەي تەرك قىلماسلىق لازىم. ئاشۇرىۋىتىشمۇ ۋە سەل قاراشمۇ ياخشى ئەمەس. ئەمەلدە ئوتتۇراھال يول تۇتقان كىشى داۋاملاشتۇرالايدۇ. ئەمىلىنى ساغلامداۋاملاشتۇرالىغان كىشى ئاللاھ تائالا ياخشى كۆرىدىغان ۋە رازى بولىدىغان يول ئۈستىدىدۇر.

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: سىلەردىن ھېچ بىرىڭلارنى قىلغان ئەمىلى قۇتقۇزالمايدۇ دېگەندە، ساھابىلار: سىلىمۇ شۇنداقمۇ، ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى؟! دەپ سورايدۇ. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: مەنمۇ شۇنداق، لېكىن ئاللاھ تائالا مېنى ئۆزىنىڭ رەھمىتى بىلەن ئورايدۇ. توغرا ئەمەل قىلىڭلار، چەكتىن ئاشۇرۇۋەتمەڭلار، ئەتتىگەندە، كەچتە ۋە كېچىنىڭ مەلۇم ۋاقىتلىرىدا ئاللاھ تائالاغا تائەت-ئىبادەت قىلىڭلار، ئەمەل-ئىبادەتتە ئوتتۇراھال يولنى لازىم تۇتۇڭلار مەقسەتكە يېتىسىلەر. [بۇخارى رىۋايىتى 6098-ھەدىس].

سۆزنىڭ خۇلاسىسى: سىز يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ھەدىسلەر توغرىسىدا پىكىر يۈرگۈزۈڭ، مەنىلىرىنى ئويلىنىڭ. شۇنى بىلىشىڭىز كېرەككى، تەۋبە شۈكۈرگە ئېھتىياجلىق، شۈكۈرنىڭ ئەڭ كاتتىسى، ئىنسان قىلغان تەۋبىسىنى داۋاملاشتۇرۇشتىن ئىبارەتتۇر. بۇ بولسا، ياخشى ئەمەللەرنى داۋاملاشتۇرۇش بىلەن روياپقا چىقىدۇ. شۇنى بىلىش كېرەككى، ئەمەللەرنىڭ ئاللاھ تائالاغا ياخشى كۆرۈلىدىغىنى، ئاز بولسىمۇ داۋاملىشىپ تۇرغىنىدۇر. [بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى].

تەۋبىنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا ئەمەل-ئىبادەتنى بەك ھەددىدىن ئاشۇرۇۋەتمەسلىك ۋە سەلمۇ قارىماسلىق بەلكى ئوتتۇراھال بولۇش لازىم. بۇ ئۆزىڭىزنىڭ تاقىتىڭىز بويىچە بولىدۇ، ئۆزىڭىزنى روھلۇق ھېس قىلغان ۋاقتىڭىزدا تائەت-ئىبادەتكە ھېرىسمەن بولۇڭ، ئەمما كەيپىياتىڭىزدا سۇسلۇق ۋە تۇراقسىزلىقنى ھېس قىلسىڭىز، ئوتتۇراھاللىققا قايتىڭ. ئاللاھ تائالا ئىشىڭىزنى ئاسان قىلىش بىلەن بىرگە، سىزنى ئەدەپ-ئەخلاق، ئەمەل-ئىبادەتلەردە توغرا يولغا باشلىسۇن.

ھەممىدىن توغرىنى بىلگۈچى ئاللاھدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى