پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

ھېيت كۈنى جۈمە كۈنىگە توغرا كەلگەندە نېمە قىلىش كېرەك؟

سۇئال

روزا ھېيت كۈنى جۈمە كۈنىدە كەلسە، مەن ھېيت نامىزىنى ئوقۇپ جۈمە نامىزىنى ئوقۇمىسام ياكى بۇنىڭ ئەكسىچە، جۈمە نامىزى ئوقۇپ ھېيت نامىزىنى ئوقۇمىساممۇ بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

     روزا ھېيت جۈمە كۈنىدە كەلسە، ئىمام بىلەن ھېيت نامىزىنى بىرگە ئوقۇغان كىشىنىڭ جۈمە نامىزىغا ھازىر بولىشى ۋاجىپ بولمايدۇ، لېكىن جۈمە نامىزىغا كېلىشى سۈننەتكە ئۇيغۇن بولىدۇ، ئەگەر جۈمە نامىزىغا ھازىر بولمىسا ئۇ كىشىنىڭ پېشىن نامىزىنى ئوقۇشى پەرىز بولىدۇ، ئەمما مەسچىت ئىمامىنىڭ بۇنداق قىلىشى توغرا بولمايدۇ. مەسچىتنىڭ ئىمام جۈمە نامىزىغا ھازىر بولۇپ مەسچىتكە كەلگەن مۇسۇلمانلار بىلەن بىرگە جۈمە نامىزىنى ئوقۇيدۇ، ھېيت كۈنىدە جۈمە نامىزىنى پۈتۈنلەي تەرك قىلىش توغرا بولمايدۇ.

   ئاللاھ ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئاللاھ ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر. پەزىلەتلىك شەيخ سالىھ ئىبنى پەۋزان ئەلپەۋزان.