پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

تائامنىڭ قالدۇقلىرى مەقسەتسىز گېلىدىن ئۆتۈپ كەتسە روزىسى بۇزۇلامدۇ؟

سۇئال

سۇھۇرلۇق يەپ بولغاندىن كېيىن چىشىمغا تۈزگۈچ قويىمەن، چىشىمنى يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن بەزى تاماق قالدۇقلىرىنىڭ تۈزگۈچكە ئىلىنىشىپ قالغانلىقىغا دىققەت قىلماپتىمەن، بىر پارچىنى چىقاردىم يەنە بىر پارچىسى گىلىمدىن ئۆتۈپ كەتتى. مەن بۇ كۈندىكى روزىنىڭ قازاسىنى قىلىمەنمۇ ياكى قازاسىنى قىلمىساممۇ بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

روزا تۇتۇشنى مەقسەت قىلغان مۇسۇلمان كىشى كېچىدە چىشىنى تازىلىۋىتىشى كېرەك، بەزى ۋاقىتتا چىشقا ياكى چىشنىڭ ئارىسىغا تاماق قالدۇقلىرى كىرىپ قىلىشى مۇمكىن، چىشىنىڭ ئارىلىقىدىكى تاماق قالدۇقلىرىنى چېقىرىۋىتىش ئىمكانىيىتى تۇرۇقلۇق ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئۇنى يۇتۇۋەتسە، ئۇ ۋاقىتتا قەستەن ئېغىز ئاچقان بولىدۇ. ئەمما ئىختىيارسىز كانىيىغا كىرىپ كەتكەن بولسا، ئۇنى قايتۇرۇۋېتىشكە مۇمكىن بولمىسا ئۇ كىشىنىڭ روزىسى بۇزۇلمايدۇ. يەنى ھېچقانداق جازا كەلمەيدۇ.

ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "بىزنىڭ شافىئى مەزھەب ئالىملىرىمىز مۇنداق دەيدۇ: چىشىنىڭ ئارىسىدا تاماق قالدۇقلىرى بولسا، تاڭ يورۇشتىن بۇرۇن ئېغىزىنى تازىلاپ ئۇنى چىقىرىۋېتىش كېرەك، روزا تۇتۇپ كۈندۈزدە چىشىنىڭ ئارىسىدا قىلىپ قالغان تاماق قالدۇقلىرىنى قەستەن يۇتۇۋەتسە بىزنىڭ قارىشىمىزدا بىردەك ئۇ كىشىنىڭ روزىسى بۇزۇلىدۇ. ئىمام مالىك، ئىمام ئەھمەد ۋە ئەبۇ يۈسۈپ قاتارلىق ئالىملارمۇ شۇنداق دېگەن.

يۇقىرىقىدەك ئەھۋال ئاستىدا ئۇ كىشىنىڭ روزىسىنىڭ بۇزىلىدىغانلىقى توغرىسىدىكى دەلىلىمىز: ئۇ كىشى ساقلىنىش مۇمكىن بولغان، يۇتۇۋېتىشكە ئېھتىياجلىق بولمىغان بىر نەرسىنى يۇتۇۋەتتى، خۇددى بۇ چىشنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىنى چىقىرىپ قولىغا ئېلىپ ئاندىن يۈتىۋەتكەنگە ئوخشاش بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن ئۇ كىشىنىڭ روزىسى بۇزۇلىدۇ.

ئەمما ئىختىيارسىز تۈكۈرۈكىنى يۇتىۋىش بىلەن كانىيىدىن ئۆتۈپ كەتكەن بولسا، شافىئى مەزھەب ئۆلىمالىرى بۇنىڭدا ئىختىلاپ قىلىشتى، بەزىلەر روزىسى بۇزۇلىدۇ دېدى يەنە بەزىلەر روزىسى بۇزۇلمايدۇ دېدى. توغرىسى بۇ ئىككى قاراشنى ئوتتۇرىغا قويغان ئۆلىمالار ئىككى خىل ھالەتتە: "روزىسى بۇزۇلمايدۇ" دېگەنلەر: ئۇ كىشى تاماق قالدۇقىنى تۈكۈرۈكىنىڭ ئارىسىدىن ئايرىيالماي يۇتۇۋەتتى دەيدۇ، "روزىسى بۇزۇلىدۇ" دېگەنلەر: تاماق قالدۇقىنى چىقىرىۋېتىشنى مەقسەت قىلغان بولسا چىقىرىۋېتەلەيتتى، ئەمما چىقىرىۋەتمەي يۇتۇۋەتتى دەيدۇ. ["ئەل مەجمۇ" 6-توم 317-بەت].

78438- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىدا ئىبنى قۇدامە رەھىمەھۇللاھ بۇ مەسىلىگە مۇناسىۋەتلىك ئېسىل سۆزلەرنى بايان قىلغان.

يەنە 22981-نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىدىمۇ روزا تۇتقۇچىنىڭ روزىسىنى بۇزۇۋېتىدىغان ئامىللارنى بىلىشتىكى پايدىلىق قائىدىلەر بايان قىلىنغان.

ھەممىدىن توغرىنى بىلگۈچى ئاللاھ تائالادۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى