جۈمە 19 رامىزان 1445 - 29 مارت 2024
Uygur

يېمەكلىك ئاشقازىنىدىن يېنىپ ئېغىزىغا كېلىپ قالسا قانداق قىلىش كېرەكلىكى توغرىسىدا

سۇئال

   مېنىڭ سوئالىم: مەن روزا تۇتقاندا يۈز بېرىدىغان قىيىنچىلىق، ئۇ بولسىمۇ، مەن ھەر كۈنى روزا تۇتۇش ئۈچۈن يېمەك يېسەم، يېمەكلىك ئاشقازىنىمدىن يېنىپ ئېغىزىمغا كېلىدۇ، بەزى ۋاقىتتا كۆپ بولۇپ كەتسە كانىيىمدىن ئۆتۈپ كېتىدۇ، بۇ ئىش كۈندە تەكرارلىنىدۇ، مەن نېمە قىلىشىم كېرەك؟، شۈ كۈنلەردىكى روزىلىرىمنى قايتىدىن تۇتىمەنمۇ؟. بۇ ئىشلار رامزاندا ھەر كۈنى شۇنداق بولىدۇ. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

   بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى  ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت ۋە سالاملىرى بولسۇن.

    ھەزىم بولماي ئاشقازاندا قالغان يېمەكلىكنىڭ ئاشقازاندىن يېنىپ كانايغا كېلىشى ئىنساننىڭ ئىختىيارى بىلەن بولمايدۇ، لېكىن بۇ كېسەللىك ياكى ئاشقازاننىڭ يېمەككە توشۇپ قالغانلىقى سەۋەبىدىن بولىدۇ، بۇ كۆڭلى ئاينىش-ئېلىشىش دېيىلىدۇ، مۇشۇنداق ئەھۋال يۈز بەرگەندە، ئاشقازاندىن كانايغا كەلگەن يېمەكلەرنى ئېغىزىدىن چىقىرىۋېتىش مۇمكىن بولسا، چىقىرىۋېتىش كېرەك، ئەگەر مۇمكىن بولماي بۇ يېمەك يەنە ئاشقازانغا يېنىپ كەتسە، ھېچ گەپ بولمايدۇ، بۇنىڭ روزىغا تەسىرى بولمايدۇ.

    ئىبنى ھەزمى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: " كۆڭلى ئېلىشىپ كانىيىدىن چىقىپ كەتكەن نەرسىنى تۈكۈرۋېتىشكە قادىر بولۇپ تۇرۇپ، يەنە قەستەن ئاشقازانغا قايتۇرىۋەتمىسە بۇ ئىش روزىنى بۇزمايدۇ". ["ئەل مۇھەللاھ"4-توم 335-بەت].

    بۇ مەسىلىنىڭ تەپسىلاتى 40696 12659- نومۇرلۇق سوئاللارنىڭ جاۋابىدا ئوچۇق بايان قىلىنغان.

   ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى