كېچىك بالىنى بېقىشقا ئەرلەردىن ئاياللار بەك ھەقلىقتۇر، ئاياللار بۇ ئىشنىڭ ئەھلىدۇر، چۈنكى ئۇلار بالىلارغا بەك كۆيۈنىدۇ، مېھرىبانلىق قىلىدۇ، توغرا تەربىيىگە يېتەكلەيدۇ، بۇ ساھەدە بارلىق قىيىنچىلىقلارغا بەرداشلىق بېرىدۇ، بالىنىڭ ئانىسى يولدىشىدىن ئايرىلىپ توي قىلمىغان مۇددەتتە ۋە بالىنى بېقىشنىڭ شەرتلىرى تولۇق بولغان ھالەتتە بالىنى بېقىشقا ئۇ ھەقلىق بولىدۇ.
بالىنى باققۇچىدا تولۇق بولىشى تەلەپ قىلىنىدىغان شەرتلەر، ئۇنىڭ: ھۆر-ئەركىن بولىشى، ئادالەتلىك بولىشى، بالاغەت يېشىدىن ئاشقان بولىشى ئەگەر باقىدىغان بالا مۇسۇلمان بولسا ئۇنىڭمۇ مۇسۇلمان بولىشى، باقىدىغان بالىنىڭ ئىشلىرىنى تولۇق ئورۇنداشقا قادىر بولالىشى، باقىدىغان بالىغا يات بولغان كىشى بىلەن توي قىلمىغان بولىشى قاتارلىقلاردىن ئىبارەتتۇر.
ئەگەر يۇقىرىدا بايان قىلىنغان شەرتلەردىن بىرەرسىنى يوقىتىپ قويسا ياكى تۇيۇقسىز ئەقلىنى يوقىتىپ قويسا ياكى يات بىر كىشى بىلەن توي قىلسا، ئۇ ئايالنىڭ بالىنى بېقىش ھەققى چۈشۈپ كېتىدۇ، ئاندىن چەكلىمە يوقالسا بېقىش ھوقۇقى يەنە ئەسلىگە كېلىدۇ، لېكىن بالىنى باقتۇرغۇچىنىڭ مەنپەئەتىگىمۇ رىئايە قىلىش بەك مۇھىمدۇر. چۈنكى ئۇنىڭ ھەققى ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ.
كېچىك بالىنى بېقىش مۇددىتى بولسا، ئاق-قارىنى پەرق ئېتىپ، ئۆزىنىڭ ھاجىتىدىن ئۆزى چىقالايدىغان بولغانغا قەدەر بولىدۇ، يەنى ئۆزى يەپ-ئېچىپ، كىيىم-كېچەكلىرىنى ئۆزى رەتلىك كىيىپ، ھاجەتخانىغا كىرسە ھاجىتىدىن چىققۇدەك ھالەتكە يەتكۈچە داۋام قىلىدۇ.
بالا قىز بولسۇن ياكى ئوغۇل بولسۇن مۇشۇ ھالەتكە يەتكەندە، ئۇنى بېقىش مۇددىتى ئاخىرلىشىدۇ، بۇ يەتتە ياكى سەككىز ياشقا كىرگەندە بولىدۇ.
ئەمما سەپەرگە ئېلىپ چېقىش مەسىلىسىدە، بېقىۋاتقان بالىنى يۆتكەش توغرىسىدا: ئاتا-ئانىسى بىر-بىرىدىن ئايرىلىپ كەتكەن بولۇپ، بالىنى بېقىشتىكى قاراشلىرى پەرقلىق بولسا، ئۇ ئىككەيلەننىڭ سەپەر قىلىشى ئۈچۈن بىر قانچە تۈرلۈك ئەھۋاللار بولىدۇ:
1-ئاتا-ئانىسىنىڭ بىرى يۇرتتىن كۆچۈپ كەتمەستىن ۋاقىتلىق سەپەرگە چېقىپ قايتىپ كېلىدىغان بولسا، سەپەرگە چىقماي مۇقىم تۇرغىنى بالىنى بېقىشقا ھەقلىق بولىدۇ.
2-ئىككىسىنىڭ بىرى يۇرتتىن كۆچۈپ باشقا يۇرتقا كەتمەكچى بولسا، بارىدىغان يۇرت ياكى يول ئەمىن-خاتىرجەم بولمىسا، ئۇ ۋاقىتتا مۇقىم تۇرغىنى بېقىشقا ھەقلىق بولىدۇ.
3-ئىككىسىنىڭ بىرى يۇرتتىن كۆچۈپ باشقا يۇرتقا كەتمەكچى بولسا، بارىدىغان يۇرت ياكى يول ئەمىن-خاتىرجەم بولسا، ئۇ ۋاقىتتا يۆتكىلىپ كەتكۈچى ئانا بولسۇن ياكى ئاتا بولسۇن، بالىنى بېقىشقا ئاتا بەك ھەقلىقتۇر.
4-ئەگەر ئاتا-ئانا ھەر ئىككىسى باشقا بىر يۇرتقا كەتمەكچى بولسا بالا ئانىنىڭ بېقىشى دائىرىسىدە تۇرىۋېرىدۇ.
4-ئەگەر بارىدىغان سەپەر مۇساپىسى يېقىن بولسا، ئاتىسى ئۇلارنى كۈندە دېگۈدەك كۆرۈپ تۇرىدىغان بولسا، ئۇ ۋاقىتتا بالا ئانىنىڭ بېقىشى دائىرىسىدە تۇرىۋېرىدۇ.
پەرزەنت بالاغەتكە يېتىپ ئۆزىنىڭ ھاجىتىدىن تولۇق چىققۇدەك بولغاندا، بالىنى بېقىش مۇددىتى ئاخىرلىشىدۇ، بالىغا ئىگە بولۇپ بېقىش ۋاقتى كېچىك بالىغا ئىگە بولغاندىن باشلىنىپ بالا ئېھتىلام بولۇپ ياكى ئادەت كۆرگەنگە قەدەر بولىدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن ئاخىرلىشىدۇ، بالا ئۆزىنىڭ ئىشلىرىدا ئەركىن-ھۆر بولىدۇ.
ئايالنىڭ كېچىك بالىنى بېقىش ھەققى بولسا، بارلىق مەزھەپلەرگە كۆرە ئومۇمەن بالىنى بېقىش ھەققى ئايالنىڭ بولىدۇ، بولۇپمۇ ئانا ۋە چوڭ ئانا بۇنىڭغا بەك ھەقلىقتۇر. ئەمما بالىنى بېقىش ھەققىنى ئاتا بىلەن ئانا تالىشىپ قالسا، ئۇلارنىڭ ئىككىلىسى بېقىشقا لايىق بولسا، ئۇ ئىككىسىدىن قايسى بەك ھەقلىق دېگەن مەسىلىدە مەزھەپلەر ئارىسىدا پەرقلىق قاراشلار بار.
مالىكىي ۋە زاھىرىي مەزھەپ ئالىملىرىنىڭ قارىشىغا كۆرە: بالا ئوغۇل بولسۇن ياكى قىز بولسۇن بۇنى بېقىشقا ئانا بەك ھەقلىق بولىدۇ.
ھەنبەلى مەزھەپ قارىشىغا كۆرە: بالا ئوغۇل بولسا ئۇنىڭغا تاللاش ھەققى بېرىلىدۇ، ئەمما قىز بولسا بۇنى بېقىشقا ئاتا بەك ھەقلىق بولىدۇ.
ھەنەپىي مەزھەپ قارىشىغا كۆرە: ئوغۇل بالىنى بېقىشقا ئاتا بەك لايىق، قىز بالىنى بېقىشقا ئانا بەك لايىق بولىدۇ.
ئاتا-ئانا ھەر ئىككىسىدە بالىنى بېقىشتا تەلەپ قىلىنىدىغان شەرتلەر تولۇق بولسا ئۇلار تالىشىپ قالغاندا بالىغا ئىختىيارلىق بېرىلىدۇ مانا بۇ كۈچلۈك قاراشتۇر.
ئاللاھ ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.