پەيشەنبە 21 زۇل ھەججە 1445 - 27 ئىيۇن 2024
Uygur

غۇسلىنىڭ سۈپەتلىرى توغرىسىدا

سۇئال

   مەن ھەيزدىن مۇنداق يۇيۇنىمەن:

1-دىلىم بىلەن پاك بولۇشنى نىيەت قىلىمەن، تىلىم بىلەن سۆزلىمەيمەن.

2-مۇنچىنىڭ ئاستىدا تۇرۇپ پۈتۈن بەدىنىمگە سۇ چۈشۈرۈش بىلەن باشلايمەن.

3-پۈتۈن بەدىنىمنى ۋە ئەۋرىتىمنى چاچ سوپۇنى ۋە قاتتىق سوپۇن بىلەن يۇيىمەن.

4-چېچىمنىڭ ھەممىسىنى چاچ يۇيۇش سۇيۇقلۇقى بىلەن يۇيىمەن.

5-پۈتۈن بەدىنىمدىن چاچ يۇيۇش سۇيۇقلۇقى ۋە سوپۇننىڭ مەغزەپلىرىنى كەتكۈزۈپ بولغاندىن كېيىن ئوڭ تەرىپىمگە ئۈچ قېتىم ۋە سول تەرىپىمگە ئۈچ قېتىم سۇ قۇيىمەن.

6-ئاندىن كېچىك تاھارەت ئالىمەن.

   مەن كېيىن ئۆزۈمنىڭ توغرا شەكىلدە يۇيۇنمىغانلىقىمنى بىلدىم، مېنىڭ ئۈزۈن يىللاردىن بىرى بۇ شەكلىدە يۇيۇنغانلىقىمنىڭ توغرا بولغان ياكى بولمىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ قويۇشۇڭلارنى سورايمەن؟، ئەگەر توغرا بولماي خاتا بولغان بولسا، ئۇزۇن يىللاردىن بىرى قىلىپ كېلىۋاتقان بۇ خاتالىقنى قانداق ھەل قىلىشنىڭ يولىنى بايان قىلىپ بېرىشىڭلارنى سورايمەن؟.

    ئۇزۇن ۋاقىتتىن بىرى مېنىڭ ئوقۇغان نامىزىم ۋە تۇتقان روزام قوبۇل بولامدۇ؟، ئەگەر قوبۇل بولمىغان بولسا بۇنى قانداق قىلىشىم كېرەك بولىدۇ؟.

     شۇنداقلا، ھەيز ۋە جۇنابەتتىن يۇيۇنۇشنىڭ توغرا شەكلىنى چۈشەندۈرۈپ قويۇشۇڭلارنى سورايمەن؟.

قىسقىچە جاۋاپ

يۇيۇنۇش كۇپايە قىلىدىغان ۋە كامىل يۇيۇنۇشتىن ئىبارەت ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ. كۇپايە قىلىدىغان يۇيۇنۇشتا، ئىنسان پاك بولۇشنى نىيەت قىلىدۇ، ئېغىزىنى ۋە بۇرنىنى چايقاش بىلەن پۈتۈن بەدىنىنى يۇيىدۇ. كامىل يۇيۇنۇش بولسا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام يۇينغانغا ئوخشاش يۇيۇنۇش بولۇپ، جۇنابەتتىن يۇيۇنۇشنى مەقسەت قىلغاندا، ئالدى بىلەن ئىككى ئالقىنىنى يۇيىدۇ، ئاندىن ئەۋرىتىنى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىغا جۇنابەتتىن يۇقۇپ قالغان نەرسىلەرنى يۇيىدۇ، ئاندىن نامازغا تاھارەت ئالغاندەك كامىل تاھارەت ئالىدۇ، ئاندىن بېشىنى ئۈچ قېتىم يۇيىدۇ، ئاندىن پۈتۈن بەدىنىنى يۇيىدۇ، يۇيۇنۇشىنىڭ ھەممە سۈننەتلىرىنى ئادا قىلىدۇ.     ئەگەر سىز ئۆتكەن ۋاقىتلاردا يۇيۇنۇشتىن ئىلگىرى ئېغىز-بۇرۇننى يۇيۇشنىڭ ھۆكمىنى بىلمەسلىكتىن ئۇنى قىلمىغان بولسىڭىز ياكى يۇيۇنۇشتىن ئىلگىرى ئېغىز-بۇرۇننى يۇيۇش ۋاجىپ بولمايدۇ دېگەن قاراشقا تايانغان بولسىڭىز، سىزنىڭ يۇيۇنغىنىڭىز توغرا بولىدۇ ۋە مۇشۇ يۇيۇنۇشقا ئاساسەن ئادا قىلغان ناماز-روزىلىرىڭىزمۇ توغرا بوپتۇ. سىزنىڭ ئۇ ناماز-روزىلارنى قايتىدىن ئادا قىلىش كېرەك بولمايدۇ، چۈنكى ئېغىز-بۇرۇننى يۇيۇش مەسىلىسى توغرىسىدا ئالىملارنىڭ كۈچلۈك ئىختىلاپى بار.

   بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

   بىرىنچى: كۇپايە قىلىدىغان يۇيۇنۇش ۋە كامىل يۇيۇنۇش.

   يۇقىرىدا بايان قىلىنغان بويۇنچە يۇيۇنسىڭىز ئاللاھقا ھەمدىلەر بولسۇن كۇپايە قىلىدىغان توغرا يۇيۇنۇش بولىدۇ، لېكىن سىز يۇيۇنۇشىنىڭ بەزى سۈننەتلىرىنى ئادا قىلماپسىز بۇ سىزنىڭ يۇيۇنۇشىڭىزنىڭ توغرا بولىشىغا تەسىر قىلمايدۇ.

   بۇنىڭ بايانى: يۇيۇنۇش ئىككى تۈرلۈك بولۇپ: كۇپايە قىلغۇچى ۋە كامىل يۇيۇنۇش.

ئەمما كۇپايە قىلغۇچى بولسا بۇنىڭدا ئىنسان يۇيۇنۇشىنىڭ ۋاجىپلىرىنى ئادا قىلىش بىلەن كۇپايە قىلىدۇ. سۈننەت ۋە مۇستەھەپلىرىدىن بىرنى قىلمايدۇ، پاك بولۇشنى نىيەت قىلىدۇ، ئاندىن قايسى ئۇسۇلدا بولسۇن ئېغىز-بۇرنىنى چايقاش بىلەن پۈتۈن بەدىنىگە سۇ قۇيىدۇ، مۇنچىنىڭ ئاستىدا تۇرسۇن ياكى دېڭىزغا چۈشسۇن ياكى كۆلگە چۈشسۇن ئۇنىڭ ھەممىسىدە ئوخشاش.

   ئەمما كامىل يۇيۇنۇش دېگەن: يۇيۇنۇشىنىڭ پەرز، ۋاجىپ، سۈننەت ۋە مۇستەھەپلىرىنى تولۇق ئادا قىلىپ خۇددى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام يۇيۇنغاندەك يۇيۇنۇشتىن ئىبارەتتۇر.

    كۇپايە قىلىدىغان ۋە كامىل بولغان يۇيۇنۇشىنىڭ سۈپەتلىرى.

    شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھدىن يۇيۇنۇشنىڭ سۈپىتىدىن سورالغاندا، شەيخ يۇيۇنۇش ئىككى يولغا ئاساسەن بولىدۇ دەپ مۇنداق دېگەن:

   بىرىنچى يول: ۋاجىپلىق سۈپىتى، ئۇ: پۈتۈن بەدىنىگە سۇ قۇيۇش بولۇپ، ئېغىز-بۇرۇننى چايقاشمۇ بۇنىڭ ئىچىدە بولىدۇ، پۈتۈن بەدىنىگە قايسى يول بىلەن سۇ قۇيسا ئۇ كىشىدىن چوڭ تاھارەتسىزلىك كۆتۈرىلىدۇ. ئۇ كىشىنىڭ پاكلىقى تامام بولىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿وَإِنْ كُنْتُمْ جُنُبًا فَاطَّهَّرُوا﴾‏ تەرجىمىسى: «ئەگەر جۇنۇپ بولساڭلار پاكلىنىڭلار (يەنى غۇسۇل قىلىڭلار)» [سۈرە مائىدە 6-ئايەت].

    ئىككىنچى يول: كامىل يۇيۇنۇشىنىڭ سۈپىتى: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام يۇيۇنغاندەك يۇيۇنۇش بولۇپ، جۇنابەتتىن يۇيۇنۇشنى مەقسەت قىلغاندا، ئىككى ئالقىنىنى يۇيىدۇ، ئاندىن ئەۋرىتىنى ۋە ئەۋرەتنىڭ ئەتراپىدىكى جۇنابەتتىن يۇققان نەرسىلەرنى يۇيىدۇ، ئاندىن نامازغا تاھارەت ئالغاندەك كامىل تاھارەت ئالىدۇ، ئاندىن بېشىنى ئۈچ قېتىم يۇيىدۇ، ئاندىن پۈتۈن بەدىنىنى يۇيىدۇ. مانا بۇ كامىل يۇيۇنۇشىنىڭ سۈپىتىدۇر". ["ئىسلام ئاساسلىرى پەتىۋاسى" 248-بەت].

    ئىككىنچى: جۇنابەتتىن يۇيۇنۇش بىلەن ھەيىزدىن پاك بولغاندا يۇيۇنۇشىنىڭ ئارىسىدا ھېچ پەرق يوق، لېكىن ھەيىزدىن پاك بولۇپ يۇيۇنغاندا چېچىنى جۇنابەتتىن يۇيۇنغاندىنمۇ بەكرەك ئۇۋلاپ يۇيۇش كېرەك. شۇنداقلا، ئايالنىڭ ھەيىز كەلگەن ئورۇنغا ئۇ يەردىمۇ بەزى پۇراقلارنى يوق قىلىش ئۈچۈن خۇشبۇي نەرسىلەرنى ئىشلىتىشى مۇستەھەپ بولىدۇ.

   ئائىشە رەزىيەللاھۇىئەنھادىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، ئەسما رەزىيەللاھۇ ئەنھا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن ھەيىزدىن پاك بولغاندا يۇيۇنۇش توغرىسىدا سورىغاندا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سىلەرنىڭ بىرىڭلار سۇنى ۋە خۇشپۇراقلىق نەرسىنى ئىلىپ گۈزەل شەكىلدە پاكىزلانسۇن، ئاندىن چېچىغا سۇ قۇيسۇن، سۇ بېشىنىڭ تېگىگە يەتكەنگە قەدەر چېچىنى قاتتىق ئۇلىسۇن، ئاندىن سۇ قۇيسۇن، ئاندىن خۇشپۇراق سۈركەلگەن پاختىدەك نەرسىنى ئېلىپ ھەيىز ئورنىنى پاكىزلىسۇن دېدى، ئەسما: ئۇنى قانداق پاكىزلايدۇ؟ دېگەن ئېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: سۇنھابەللا! ئۇ يەرنى پاكىزلىسۇن دېدى، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا دەيدۇ: قاننىڭ ئىزلىرىنى پاكىز سۈرۈپ تازىلاشنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام تۆۋەن ئاۋازدا دېگەنلىكى ئۈچۈن ئەسما ئاڭلىيالمىغان بولىشى مۇمكىن، ئەسما يەنە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن جۇنابەتتىن يۇيۇنۇش توغرىسىدا سورىغان ئېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: سۇنى قۇيۇپ گۈزەل شەكىلدە پاكىز بولىسىز، ئاندىن بېشىڭىزغا سۇ قۇيىسىز، سۇ بېشىڭىزنىڭ تېگىگە يەتكۈچە چاچلىرىڭىزنى ئۇلايسىز، ئاندىن پۈتۈن بەدىنىڭىزگە سۇ قۇيىسىز دېدى». ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: ئەنسارىيلارنىڭ ئايالى نېمە دېگەن ياخشى ئاياللار!، ئۇلارنى ھايا قىلىش دىننى ئۈگىنىشتىن چەكلەپ قويمايتتى. [مۇسلىم رىۋايىتى332-ھەدىس].

   پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام چاچنى بەك ئۇلارش ۋە خۇشبۇي نەرسىلەرنى ئىشلىتىشنى بايان قىلىش بىلەن ھەيىز بىلەن جۇنابەتتىن يۇيۇنۇشىنىڭ ئارىسىنى ئايرىدى.

   ئۈچىنچى: تاھارەت ئالغاندا ۋە يۇيۇنغاندا بىسمىللاھ دېيىشنىڭ ھۆكمى.

   كۆپچىلىك پىقھى ئالىملىرىنىڭ قارىشىغا كۆرە، تاھارەت ئالغاندا ۋە يۇيۇنغاندا بىسمىللاھ دېيىش مۇستەھەپ بولىدۇ، ھەنبەلى ئالىملىرى ۋاجىپ دېگەن.

   ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "بىسمىللاھ دېيىش مەزھەپكە كۆرە تاھارەتكە ئوخشاش ۋاجىپ بولىدۇ، ئۇ توغرىدا دەلىل يوق، لېكىن ئۇلار: بىسمىللاھ دېيىش تاھارەتتە ۋاجىپ بولىدىكەن، غۇسلىدا ئەلۋەتتە ۋاجىپ بولىدۇ، چۈنكى غۇسۇل قىلىش دېگەن چوڭ تاھارەتتۇر دەپ قارايدۇ".

   توغرىسى: "بىسمىللاھ دېيىش تاھارەتتىمۇ ۋە غۇسلىدىمۇ ۋاجىپ ئەمەس". ["شەرھىل مۇمتىئ"].

   تۆتىنچى: يۇيۇنۇشتىن ئىلگىرى ئېغىز-بۇرۇننى يۇيۇشنىڭ ھۆكمى.

  يۇيۇنۇشتىن ئىلگىرى چوقۇم ئېغىز-بۇرۇننى يۇيۇش كېرەك. بۇ ھەنەفى ۋە ھەنبەلى مەزھەپ ئالىملىرىنىڭ قارىشى.

   ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ بۇ مەسىلىدىكى ئىختىلاپنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: "مەزھەپ ئالىملىرى يۇيۇنۇشتىن ئىلگىرى ئېغىزىنى ۋە بۇرنىنى چايقاش مەسىلىدە تۆت تۈرلۈك قاراشتا:

   بىرىنچى: ئېغىزىنى ۋە بۇرنىنى چايقاش تاھارەتتە ۋە غۇسلىدا سۈننەتتۇر، بۇ بىزنىڭ شافىئى مەزھىپىنىڭ قارىشىدۇر.

   ئىككىنچى: ئېغىزىنى ۋە بۇرنىنى چايقاش تاھارەتتە ۋە غۇسلىدا ئۇ ئىككىسىنىڭ سەھىھ بولىشى ئۈچۈن شەرتتۇر. بۇ ئىمام ئەھمەدتىن بولغان مەشھۇر قاراش.

   ئۈچىنچى: ئېغىزىنى ۋە بۇرنىنى چايقاش غۇسلىدا ۋاجىپ ئەمما تاھارەتتە ۋاجىپ ئەمەس. بۇ ئەبۇ ھەنىپە ۋە ئۇنىڭ يارەنلىرىنىڭ قارىشىدۇر.

   تۆتىنچى: بۇرنىنى چايقاش تاھارەتتە ۋە غۇسلىدا ۋاجىپتۇر، ئېغىزىنى چايقاش ۋاجىپ ئەمەس. ئىمام ئەھمەدتىن شۇنداق بىر رىۋايەت كەلگەن، ئىبنى مۇنزىر: مەنمۇ شۇنداق دەيمەن دېگەن. ["ئەل مەجمۇئ" 1-توم 400-بەت].

    بۇنىڭدىكى كۈچلۈك قاراش ئىككىنچى قاراشتۇر، ئۇ بولسىمۇ ئېغىزىنى ۋە بۇرنىنى چايقاش تاھارەتتە ۋە غۇسلىدا ۋاجىپ بولىدۇ ۋە ئۇ ئىككىسىنىڭ توغرا بولىشى ئۈچۈن شەرتتۇر دېگەن قاراشتۇر. 

   شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "بەزى ئالىملار مۇنداق دېگەن: خۇددى تاھارەتتە ئېغىزىنى ۋە بۇرنىنى چايقاش ۋاجىپ بولغاندەك، غۇسلىدىمۇ ۋاجىپ بولىدۇ".

   بەزىلەر ئېغىزىنى ۋە بۇرنىنى چايقىسىمۇ تاھارەت ۋە غۇسلى توغرا بولىدۇ دەيدۇ.

   توغرىسى بىرىنچى قاراشتۇر، چۈنكى ئاللاھ تائالا ئايەتتە پاكىز بولۇڭلار دېدى، پاكىزلىق بەدەننىڭ ھەممە يېرىنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ، ئېغىز ۋە بۇرۇنمۇ پاكىزلاش ۋاجىپ بولغان بەدەننىڭ جۈملىسىدىندۇر، ئېغىزىنى ۋە بۇرنىنى چايقاش ئاللاھ تائالانىڭ يۈزۈڭلارنى يۇيۇڭلار دېگەن ئايىتىگە داخىل بولغانلىقى ئۈچۈن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالاممۇ تاھارەتتە ئېغىزىنى ۋە بۇرنىنى چايقاشقا بۇيرىغان.

ئېغىزىنى ۋە بۇرنىنى چايقاش غۇسلىدا يۈزنىڭ دائىرىسىگە كېرىدىكەن، ئۇنى تاھارەتتە پاكىزلاش ۋاجىپ بولىدىكەن، ئەلۋەتتە غۇسلىدىمۇ پاكىزلاش ۋاجىپ بولىدۇ، چۈنكى غۇسلىدا پاكىزلاش تەكىتلەنگەن. ["شەرھىل مۇمتىئ"].

   بەشىنچى: يۇيۇنۇشتىن ئىلگىرى ئېغىز-بۇرۇننى يۇيۇشنىڭ ھۆكمىنى بىلمىگەن كىشىنىڭ ھۆكمى.

   سىز ئۆتكەن ۋاقىتلاردا يۇيۇنۇشتىن ئىلگىرى ئېغىز-بۇرۇننى يۇيۇشنىڭ ھۆكمىنى بىلمەي ياكى ئېغىز-بۇرۇننى يۇيۇش ۋاجىپ بولمايدۇ دېگەن كىشىنىڭ سۆزىگە تايىنىپ يۇيۇنۇشتىن ئىلگىرى ئېغىز-بۇرۇنىڭىزنى يۇمىغان بولسىڭىز، سىزنىڭ يۇيۇنغىنىڭىز توغرا بولىدۇ ۋە مۇشۇ يۇيۇنۇشقا ئاساسەن ئادا قىلغان ناماز-روزىلىرىڭىزمۇ توغرىدۇر. سىزگە ئۇ ناماز-روزىلارنى قايتىدىن ئادا قىلىش كېرەك بولمايدۇ. چۈنكى يۇقىرىدا بايان قىلىنغاندەك، ئېغىز-بۇرۇننى يۇيۇش توغرىسىدا ئالىملارنىڭ قارىشىدا كۈچلۈك ئىختىلاپلار بار.

   ئاللاھ تائالا ھەممەيلەننى ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان ۋە رازى بولىدىغان ئىشلارغا مۇۋەپپەق قىلسۇن.

   ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى