جۈمە 10 شەۋۋال 1445 - 19 ئاپرىل 2024
Uygur

مۇسۇلمان قىزنىڭ كاپىر بىلەن تۇرمۇش قۇرۇشىنىڭ ھۆكمى

8396

تارقاتقان ۋاقىت : 26-08-2010

كۆرگۈچىلەر : 7290

سۇئال

مۇسۇلمان ئايالنىڭ كاپىر بىلەن توي قىلىشىنىڭ ھۆكمى ۋە ئۇنىڭ شەرىئەتتە بەلگىلەنگەن جازاسى نېمە؟

جاۋاپنىڭ تىكىستى

مۇسۇلمان ئايالنىڭ يەھۇدى، خرىستىئان، بۇددىست دىنىغا ئىتىقاد قىلغۇچى ئەرلەر بىلەن توي قىلىشى دۇرۇس بولمايدۇ، چۈنكى ئايال كىشىنى ھىمايە قىلىش، تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ھۇقۇقى ئەر كىشىگە تاپشۇرۇلغان.
كاپىر ئەركىشىنىڭ مۇسۇلمان ئايالنى باشقۇرۇشىغا ئىسلام دىنىدا يول قويۇلمايدۇ. ) ئىسلام قىز-خانىملىرىنىڭ ئىززەتلىك ياشىشى كۆزدە تۇتىلىدۇ( ھەمدە دۇرۇس بولمايدۇ. چۈنكى ئىسلام دىنى ھەق دىندۇر. ئىسلام ئېتىقادىدىن باشقا دىنلار باتىلتۇر. جانابى ئاللاھ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: مۇشرىكلار ئىمان ئېيتمىغىچە مۇسۇلمان ئاياللارنى نىكاھىغا ئالالمايمايدۇ.
جانابى ئاللاھ يەنە بىر ئايەت كەرىمدە: جانابى ئاللاھ مۆمىنلەرنى كاپىرلارنىڭ تۇتقان يولىغا ئەگىشىشكە ھەرگىز يول قويمايدۇ دېگەن.
پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ئىسلام دىنى پۈتۈن دىنلاردىن يۇقىرى ئورۇندا، ئۇنىڭدىن ئۈستۈن تۇرىدىغان دىن يوقتۇر.
مۇسۇلمان ئايال كاپىر بىلەن توي قىلسا، ئۇنىڭ ھۆكمىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ توي قىلغان بولسا، ئۇ ئايال زىنا قىلغان بولىدۇ. شەرىئەتتە، ئۇنىڭ جازاسى زىناخۇرغا بىرىلگەن جازا بىلەن جازالىنىدۇ. ئەگەر ئۇنىڭ ھۆكمىنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى بىلمەي توي قىلغان بولسا، ئۇ ئايالغا جازا قوللىنىلمايدۇ. بۇ ئەر-خوتۇن ئىككىسىنى ئايرىۋېتىش كېرەك، تالاق قىلىش ھاجەتسىز بولىدۇ. چۈنكى ئۇنىڭغا ئوقۇلغان نىكاھ باتىلدۇر.
بۇ خىلدىكى توي مەرىكىسنى ئۆتكۈزۈشتىن ئىلگىرى قىزنىڭ ۋەلىسى، ئىسلام دىنى ئەزىز قىلغان مۇسۇلمان قىز پەرزەنتىنىڭ ئىززەت - ھۆرمىتىنى ساقلىشى، ئىسلام دىنى كۆرسەتكەن پرىنسىپلاردىن ھالقىماسلىقى كېرەكلىكى تەۋسىيە قىلىنىدۇ.
جانابى ئاللاھ مۇنداق دېگەن: قانداق بىر ئادەم ئەزىز ياشاشنى خالايدىكەن ئىززەت - ھۆرمەتنىڭ ھەممىسى جانابى ئاللاھغا خاستۇر ) يەنى ئىنسان ئاللاھغا ئىتائەت قىلىش بىلەن ئىززەتلىك بولىدۇ(.
پەزىلەتلىك شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەلمۇنجىد


 

مەنبە: شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەل مۇنەججىد