پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

يىگىت قىزدىن سىرتقا بىرگە چىقىشنى تەلەپ قىلسا قىز قانداق قىلىشى كېرەك؟

سۇئال

بىر قىز بىر يىگىتنى ياخشى كۆرىدۇ، يىگىت قىزدىن ئۆزى بىلەن بىرگە سىرتقا چىقىشنى تەلەپ قىلسا، قىز قانداق قىلىشى كېرەك؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    سىزنىڭ ئۇ يىگىت بىلەن بىرگە چىقىشتىن ئىلگىرى بۇ ئىش توغرىسىدا ياردەم تەلەپ قىلىشىڭىز بىزنى كۆپ خۇرسەن قىلدى، بىز سىزگە پەقەت بىزنىڭ قىزلىرىمىز ۋە ھەمشىرىلىرىمىزگە رازى بولىدىغان ئىشتا رازى بولىمىز، سىز ئىپپەتتىن ئىبارەت بولغان قىممەتلىك نەرسىڭىزنى ياخشى مۇھاپىزەت قىلىڭ، شەيتاننىڭ مۇھەببەت ياكى كۆڭۈل ئېچىش نامىدىكى ھىلى-مىكرىسىگە چۈشۈپ قىلىشتىن ساقلىنىڭ.

    قىممەتلىك ھەمشىرەم! سىزنىڭ نامازنى ۋاقىتىدا ئادا قىلىشىڭىز، تولۇق ئورۇنىشىڭىز، ئىپپەتلىك ۋە ھايالىق بولىشىڭىز، ئىنساننىڭ نەپسىنى تازىلاپ، پاكىزلاپ ئۇنىڭ شان-شەرىپىنى يۇقىرى قىلىش ئۈچۈن كەلگەن دىنى تەلىماتلارغا مۇستەھكەم ئىسىلىشىڭىز بىزنى كۆپ خۇرسەن قىلىدۇ. بۇنىڭ ئەكسىچە بولۇپ قىلىشىڭىز بىزنى كۆپ بىئارام قىلىدۇ، شەيتاننىڭ سىزنى ھالاكەتكە ئىلىپ بېرىشى، سىزنىڭ ھېچ نەرسىنى تۇيماستىن ئۆلۈمگە ئىلىپ مېڭىلغان قۇربانلىققا ئوخشاش بولۇپ قىلىشىڭىز بىزنى كۆپ بىئارام قىلىدۇ.

     بۇ چاقچاق ئەمەس بەلكى كەسكىن ئېيتىلغان سۆز، بۇ يولدا سىزدىن باشقىمۇ نۇرغۇن قىزلار ماڭغان، ئاقىۋەتتە ئۈمىدسىزلىك ۋە پۇشايمان بىلەن ئاخىرلاشقان، لېكىن ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىنكى پۇشايماننىڭ ھېچ پايدىسى بولمايدۇ، سىز بۇ تور سەھىپىگە قارىسىڭىز، سىزگە ۋە باشقىلارغا ئىبرەت بولىدىغان مۇشۇ مەزمۇندىكى نۇرغۇن ۋەقەلىكنى تاپىسىز، سىز باشقىلارغا بۇ ھەقتە ئىبرەت بولۇپ قىلىشتىن ساقلىنىڭ.

   ئىككىنچى: قىز-خانىملارنىڭ يات يىگىت-ئەرلەر بىلەن گەرچە توي قىلىش مەقسىتى بىلەن بولسىمۇ ئالاقە ئورنىتىشى توغرا بولمايدۇ، چۈنكى ئاللاھ تائالا يات ئەر-ئاياللارنىڭ خالى جايدا يالغۇز تۇرۇشىنى، ئۆزئارا قول ئېلىشىپ كۆرۈشىشىنى، توي تەكلىپى قويۇش ۋە گۇۋاھلىق بېرىشتەك ھاجەتتىن باشقا ۋاقىتلاردا ئاياللارغا تىكىلىپ قاراش قاتارلىقلارنى چەكلەيدۇ. شۇنىڭدەك دىنىمىز؛ ئاياللارنىڭ يىرىم-يالىڭاچ ياسىنىشنى، يات ئەرلەر بار جايدا ئوراشقا تىگىشلىك بولغان جايلىرىنى ئېچىشنى، ئەتىر ۋە خۇشبۇي نەرسىلەرنى ئىشلىتىپ ئەرلەر بار سورۇنلارغا چىقىشى ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن يۈرۈشىنى، ئۇلارغا نازلىنىپ سۆز قىلىشنى چەكلەيدۇ. بۇ چەكلىمىلەرنىڭ ھەممىسى قۇرئان-ھەدىسنىڭ دەلىللىرى بىلەن ئىسپاتلانغان، بۇنىڭ ھېچبىرىدە توي قىلىشنى مەقسەت قىلىدىغانلار بۇنىڭ سىرتىدا بەلكى توي قىلىش ئۈچۈن نىشانلانغانلار بۇنىڭ سىرتىدا دەيدىغان ئايرىما يوق، چۈنكى توي قىلىش ئۈچۈن نىشانلانغانلارمۇ نىكاھ ئەقدىسى قىلمىغۇچە ياتلاردىن ھېسابلىنىدۇ.

    1-يات ئەر-ئاياللارنىڭ يالغۇز جايدا خالى قىلىشىنىڭ چەكلەنگەنلىكى توغرىسىدىكى دەلىللەرنىڭ بىرى ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىس بولۇپ، ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن مۇنداق ئاڭلىغانلىقىنى دەيدۇ: يات بىر ئەر يات بىر ئايال بىلەن خالى قالمىسۇن. [بۇخارى رىۋايىتى 3006-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 1341-ھەدىس].

    پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: دىققەت قىلىڭلار! يات بىر ئەر بىلەن يات بىر ئايال خالى قالمىسۇن ئەگەر خالى قالسا ئۇلارنىڭ ئۈچىنچىسى شەيتان بولىدۇ. [تىرمىزى رىۋايىتى 2165-ھەدىس. بۇ ھەدىسنى شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ سەھىھ دەپ تىرمىزىنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا كەلتۈرگەن].

   2-ئەر كىشىنىڭ يات ئايالغا تىكىلىپ قارىشىنىڭ چەكلەنگەنلىكى توغرىسىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  قُلْ لِلْمُؤْمِنِينَ يَغُضُّوا مِنْ أَبْصَارِهِمْ وَيَحْفَظُوا فُرُوجَهُمْ ذَلِكَ أَزْكَى لَهُمْ إِنَّ اللَّهَ خَبِيرٌ بِمَا يَصْنَعُونَ  تەرجىمىسى: مۆمىن ئەرلەرگە ئېيتقىنكى، (نا مەھرەملەرگە) تىكىلىپ قارىمىسۇن، ئەۋرەتلىرىنى (زىنادىن) ساقلىسۇن، مۇنداق قىلىش ئۇلار ئۈچۈن ئەڭ ياخشىدۇر، ئاللاھ ھەقىقەتەن ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىدىن تولۇق خەۋەردار. [سۈرە نۇر 30-ئايەت].

    جەرىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن تۇيۇقسىز قاراپ قىلىش توغرىسىدا سورىغان ئىدىم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مېنى كۆزۈمنى باشقا تەرەپكە بۇراشقا بۇيرىدى. [مۇسلىم رىۋايىتى 215-ھەدىس].

    تۇيۇقسىز قاراپ قىلىش دېگەن: كوچىلاردا، يوللاردا مەقسەتسىز ئاياللارغا قاراپ قىلىشنى بىلدۈرىدۇ.

    ئايالنىڭ ئەركىشىگە پىتنىدىن خاتىرجەم بولغاندا شەھۋەتسىز قارىشى دۇرۇس بولىدۇ، ئەمما شەھۋەت بىلەن ياكى پىتنىگە چۈشۈپ قىلىشتىن ئەنسىرگەندە قارىشى توغرا بولمايدۇ.

   3- يات ئەرنىڭ يات ئايال بىلەن قول ئىلىشىپ كۆرۈشۈشىنىڭ چەكلەنگەنلىكى توغرىسىدا مەقەل ئىبنى يەسار رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: سىلەرنىڭ بىرىڭلارنىڭ ئۆزىگە يات بولغان بىر ئايالنىڭ قولىنى تۇتقىنىدىن بېشىغا تۆمۈر توقماق بىلەن ئۇرۇلغىنى ياخشىدۇر. [تەبرانى رىۋايىتى، شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ سەھىھ دەپ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىنىڭ 5045-نومۇرلۇق ھەدىستە كەلتۈرگەن.

   يات ئەر-ئاياللار قول ئېلىشىپ كۆرۈشكەندە ئەر-ئايال ھەر بىرىگە ئوخشاش گۇناھ بولىدۇ.

   4-ئايالنىڭ يىرىم يالىڭاچ ياسىنىشى ۋە يات ئەرلەرگە زىنەتلىرىنى ئاشكارا قىلىشىنىڭ چەكلەنگەنلىكى توغرىسىدا ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: مەن تېخى كۆرۈپ باقمىغان دوزاخ ئەھلىدىن بولۇپ كېتىدىغان ئىككى تۈرلۈك ئادەم بار، بىرى: قوللىرىدا كالىنىڭ قۇيرۇقىدەك قامچىلارنى تۇتۇۋېلىپ كىشلەرنى ئۇرىدىغان ئادەملەر، يەنە بىرى: كىيىم كىيگەن لېكىن يالىڭاچ ئاياللار (يەنى كىيىمنىڭ ئاستىدىن بەدەنلىرى كۆرۈنۈپ تۇرىدىغانلار)، يول يۈرگەندە باشقىلارنى جەلىپ قىلىش ئۈچۈن نورمالسىز ماڭىدىغان (يەنى ئىپپەت ۋە ھايانى لازىم تۇتمايدىغانلار)، چاچلىرىنى چوققىسىغا تۆگىنىڭ لوكىسىدەك قىلىپ تۈگۈۋالغانلاردىن ئىبارەت ئاياللار جەننەتكە كىرمەيدۇ. ھەتتا جەننەتنىڭ پۇرىقى شۇنچىلىك-شۇنچىلىك يىراق جايلاردىن ھېدلىنىغان تۇرۇقلۇق ئۇلار جەننەتنىڭ پۇرىقىنىمۇ پۇرىيالمايدۇ. [مۇسلىم رىۋايىتى2128-نومۇرلۇق ھەدىس].

    قىز-خانىملارنىڭ ئەتىر-خۇشبۇي نەرسىلەرنى ئىشلىتىپ سىرتقا چىقىشى ۋە يات ئەرلەرنىڭ ئۇنىڭ پۇرىقىنى پۇرىشىنىڭ چەكلەنگەنلىكى توغرىسىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ھەرقانداق بىر ئايال خۇشپۇراق نەرسىلەرنى ئىشلەتكەن ھالدا سىرتقا چىقىپ كىشلەرنىڭ يېنىدىن ئۆتسە، ئۇلار ئۇ ئايالنىڭ خۇشپۇراق ھىدىنى پۇرىسا، ئۇ ئايال زىنا قىلغان بولىدۇ. [نىسائى رىۋايىتى 5126-ھەدىس. ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى 4173-ھەدىس. تىرمىزى رىۋايىتى 2786-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ ھەسەن دەپ نىسائىنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا كەلتۈرگەن].

   6-ئايالنىڭ نازلىنىپ سۆز قىلىشىنىڭ چەكلەنگەنلىكى توغرىسىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:   يَا نِسَاءَ النَّبِيِّ لَسْتُنَّ كَأَحَدٍ مِنَ النِّسَاءِ إِنِ اتَّقَيْتُنَّ فَلا تَخْضَعْنَ بِالْقَوْلِ فَيَطْمَعَ الَّذِي فِي قَلْبِهِ مَرَضٌ وَقُلْنَ قَوْلاً مَعْرُوفاً  تەرجىمىسى: ئى پەيغەمبەرنىڭ ئاياللىرى! سىلەر باشقا ئاياللارنىڭ ھېچبىرىگە ئوخشىمايسىلەر، سىلەر (يات ئەرلەرگە سۆز قىلغاندا) نازلىنىپ سۆز قىلماڭلار، (نازلىنىپ سۆز قىلساڭلار) دىلىدا كېسەل بار ئادەم (سىلەرگە قارىتا) تەمەدە بولۇپ قالىدۇ، (گۇماندىن خالىي) ياخشى سۆزنى سۆزلەڭلار. [سۈرە ئەھزاب 32-ئايەت].

    يۇقىرىدىكى ئايەت پاك ۋە ئىپپەت ھايالىق مۇئمىنلەرنىڭ ئانىلىرى توغرىسىدا بايان قىلىنغان بولۇپ، ئۇلاردىن باشقا ئاياللارنىڭ دىققەت قىلىشى تېخىمۇ لازىم بولىدۇ.

   ئۈچىنچى: يات ئەر بىلەن يات ئايالنىڭ ئارىسىدىكى مۇھەببەت دەپ ئاتىلىدىغان نەرسە يۇقىرىدا بايان قىلىنغان چەكلىمىلەرنىڭ ھەممىسى تىپىلمىسىمۇ ئۇنىڭدىن خالى بولمايدۇ ۋە بەلكى ئۇنىڭدىنمۇ زىيادە بولۇشى مۇمكىن، ئاللاھ تائالا بىزنى ۋە سىزنى بارلىق يامانلىقلاردىن ساقلىسۇن.

     سىزگە زۈرۈر بولغىنى ئاللاھ تائالاغا تەۋبە قىلىڭ، ئاللاھنىڭ غەزىپى ۋە جازاسىدىن ھەزەر قىلىڭ، بۇ ياش بىلەن بولغان ئالاقىنى تىزدىن ئۈزۈڭ، ئۇنىڭ بىلەن قايتا ئۇچرىشىش توغرىسىدا خىيال قىلماڭ، ئۇنىڭ سىرتقا بىرگە چىقىش توغرىسىدىكى تەلىپىگە قىتىلماڭ، بەلكى ئۇنىڭ بىلەن بولغان بارلىق ئۇچۇر-ئالاقىلارنى ئۈزۈڭ، يامانلىقنىڭ باشلىنىشى دىلىڭىزنىڭ ئۇنىڭغا مايىل بولىشىدۇر، بۇ شەيتاننىڭ تەدرىجى ئازدۇرىشىدۇر. ئەگەر سىز ئۇنىڭغا قارىسىڭىز ياكى ئۇنىڭ بىلەن سۆزلەشسىڭىز، دىلىڭىزدا ئۇنىڭغا بولغان ياخشى كۆرۈش ۋە مۇھەببەت بىخلىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭ بىلەن سۆزلىشىش ياكى سىرتلارغا بىرگە چىقىش ئارقىلىق ئىشنىڭ يامان تەرىپىنى زىيادە قىلماڭ.

     شۇنى بىلىشىڭىز كېرەككى! مۇسىبەتنىڭ كۆپ قىسمى ئاددى قەدەمدىن باشلىنىدۇ، ئاندىن ئويلىمىغان ئىشلار يۈز بېرىدۇ، نۇرغۇن ئاياللار ئۆزىگە بەك ئىشىنىپ، بۇ ياش مەندىن ھېچ نەرسىگە ئېرىشەلمەيدۇ دەپ ئويلايدۇ، ئاقىۋەتتە ھەممە نەرسىسىدىن ئايرىلىدۇ، ئاندىن ئۇ چىلبۆرە قىزغا توي قىلىش توغرىسىدا بەرگەن ۋەدە-قەسەملىرىنى چۆرۈپ تاشلايدۇ، چۈنكى ئەمدى بۇ قىز ئۇنىڭغا يارىمايدۇ، قىزنىڭ ئۇنىڭغا قىلغان ئىشەنچىلىرى، يات ئەرگە كۆڭلىنى بەرگىنى نېمىدېگەن ھاماقەتلىك!.

     بىز بۇ نەسىھەتنى سىزگە ياخشىلىقنى مەقسەت قىلىپ دەيمىز. ئاللاھ تائالانىڭ، سىزنى بارلىق يامانلىق ۋە ئۆزى ياقتۇرمايدىغان ئىشلاردىن مۇھاپىزەت قىلىشىنى سورايمىز.

ھەممىدىن توغرىنى بىلگۈچى ئاللاھ تائالادۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى