شەنبە 23 رەبىئۇسسانى 1446 - 26 ئۆكتەبىر 2024
Uygur

تاھارەت ئالغاندا ساقالنىڭ ئارىسىنى ئارىلاش توغرىسىدا

سۇئال

تاھارەت ئالغاندا ساقالنىڭ ئارىسىنى ھۆل قولى بىلەن ئارىلاشنىڭ ھۆكمى نېمە؟ ئالىملارنىڭ بۇ توغرىدىكى كۈچلۈك قارىشى قانداق؟.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

بىرىنچى: ساقال شالاڭ بولۇپ ئاستىدىن يۈزىنىڭ تېرىسى كۆرىنىدىغان ھالەتتە بولسا قولى بىلەن ساقىلىنى ئارىلايدۇ ۋە ئاستىنى يۇيىدۇ چۈنكى ئۇ يۈزنىڭ دائىرىسىگە كېرىدۇ.

ئەگەر ساقال قويۇق بولۇپ ئۇنىڭ ئاستىدىن يۈزىنىڭ تېرىسى كۆرۈنمىسە، ئۇنىڭ ئاستىنى يۇيۇش ۋاجىپ بولمايدۇ، بەلكى كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ كۈچلۈك قارىشىغا كۆرە مۇستەھەپ بولىدۇ.

ئىبنى قۇدامە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: “ساقال تېرىنى سۈپەتلەيدىغان دەرىجىدە يەڭگىل بولسا، ئۇنىڭ ئاستىنى يۇيۇش ۋاجىپ بولىدۇ، ئەگەر قويۇق بولسا ئۇنىڭ ئاستىنى يۇيۇش ۋاجىپ بولمايدۇ بەلكى مۇستەھەپ بولىدۇ.

ئىسھاق رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: “ئەگەر قەستەن ساقىلىنى ئارىلاشنى تەرك قىلسا، قايتىدىن قىلىدۇ چۈنكى ئوسمان ئىبنى ئەپپان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «تاھارەت ئالغاندا ساقىلىنى ئارىلايتتى» دەپ كەلگەن. [ئىمام تىرمىزى: ھەدىس ھەسەن سەھىھ دېگەن. ئىمام بۇخارى: بۇ ھەدىس مۇشۇ باپتىكى ئەڭ سەھىھ ھەدىس دېگەن.]

ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: «پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام تاھارەت ئالغاندا بىر ئالقان سۇنى ئېلىپ ئېڭىكىنىڭ ئاستىغا كىرگۈزەتتى ۋە رەببىم ئاللاھ مېنى مۇشۇنداق قىلىشقا بۇيرىدى دەيتتى» دېگەن. [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى].

ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام تاھارەت ئالغاندا ئىككى دولىسىنى سىلىۋېتىپ ئاندىن قولىنىڭ بارماقلىرى بىلەن ساقىلنى ئاستىدىن ئارىلايتتى». [ئىبنى ماجە رىۋايىتى. ]

ئەتا ئىبنى ئەبۇ رەباھ ۋە ئەبۇ سۇر مۇنداق دەيدۇ: “يۇزىنى يۇيۇش ۋاجىپ بولغاندەك، ساقال قويۇق بولسا ئۇنىڭ ئاستىنى يۇيۇش ۋاجىپ بولىدۇ، چۈنكى خۇددى جۇنابەتتە يۇيۇشقا بۇيرۇلغاندەك، تاھارەتتىمۇ يۈزنى يۇيۇشقا بۇيرۇلغان، تاھارەت بىلەن غۇسلىدىن ئىبارەت ئىككى ئىشنىڭ بىردە يۇيۇش ۋاجىپ بولغاننى يەنە بىرىدە يۇيۇشمۇ ۋاجىپ بولىدۇ.

كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىدا:  ساقالنىڭ ئاستىنى يۇيۇشمۇ ۋاجىپ بولمايدۇ ۋە ئارىلاشمۇ ۋاجىپ بولمايدۇ، ئالىملاردىن بۇنى قىلماسلىققا رۇخسەت قىلغانلار:  ئىبنى ئۆمەر، ھەسەن ئىبنى ئەلى، تاۋۇس، نەخەئىي، شەئبى، ئەبۇ ئالىيە، مۇجاھىد، ئەبۇلقاسىم، مۇھەممەد ئىبنى ئەلى، سەئىد ئىبنى ئابدۇلئەزىز، ۋە ئىبنى مۇنزىر قاتارلىقلار(ئاللاھ ئۇلارنىڭ ھەممىسىدىن رازى بولسۇن).  چۈنكى ئاللاھ تائالا يۇيۇشقا بۇيرىدى، ئارىلاشقا بۇيرىمىدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ تاھارەتتىكى سۈپەتلىرى توغرىسىدىكى ھەدىسلىرىنى ئەڭ كۆپ رىۋايەت قىلغان ساھابىلارمۇ ئارىلاشنى رىۋايەت قىلمىغان، يۇيۇش ۋاجىپ بولسا ئارىلىمايتتى، ئەگەر ھەر قېتىم تاھارەت ئالغاندا ئارىلىغان بولسا، بىزگە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ تاھارەتتىكى سۈپەتلىرى بايان قىلىنغان  ھەدىسلەردە بۇنىمۇ بەكرەك بايان قىلاتتى، بۇنى بايان قىلمىغانلىقى ساقال قويۇق بولسا ئۇنىڭ ئاستىنى يۇيۇشنىڭ ۋاجىپ ئەمەسلىكىنى بىلدۈرىدۇ، چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ساقىلى قويۇق بولۇپ ئارىسىنى ئارىلىمىسا سۇ ساقالنىڭ ئاستىغا يەتمەيتتى، شۇنىڭ ئۈچۈن بەزى ۋاقىتلاردا ئارىلاشنى ياخشى كۆرۈپ ئارىلىغان.

ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلىدۇ”. [ “ئەل مۇغنى”  1 -توم 74 -بەت. ]

ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: “قويۇق ساقالنىڭ سىرتىنى يۇيۇشنىڭ ۋاجىپلىقىدا ھېچ ئىختىلاپ يوق، ئۇنىڭ ئاستىنى ۋە ئاستىدىكى تېرىنى يۇيۇش ۋاجىپ بولمايدۇ، بۇ مەزھەپتە مەشھۇر بولغان سەھىھ قاراشتۇر. ئىمام شاپىئى رەھىمەھۇللاھمۇ بۇنىڭغا دەلىل بايان قىلغان، مەزھەپ ئالىملىرىنىڭ كۆپچىلىكى كەسكىنلەشتۈرگەن.  بۇ ساھابىلاردىن، تابىئىنلاردىن بولغان كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ ۋە ئىمام مالىك، ئىمام ئەبۇ ھەنىپە ۋە ئىمام ئەھمەد قاتارلىق مەزھەپ پېشىۋالىرىنىڭ قارىشىدۇر”.

راپىئى بىر قاراشنى بايان قىلدى، بۇنىڭدا:  تېرىنىڭ ئاستىنى يۇيۇش ۋاجىپ دېيىلگەن. بۇ مۇزەنىي ۋە ئەبۇ سۇر قاتارلىقلارنىڭ مەزھىپىتۇر”. “[ئەل مەجمۇ”  1 -توم 408 -بەت. ]

كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قويۇق ساقالنىڭ ئاستىنى ئارىلاش ۋاجىپ ئەمەس ۋە قويۇق ساقالنىڭ ئېچى تەرىپىنى يۇيۇشمۇ ۋاجىپ ئەمەس دېگەن قارىشىنىڭ دەلىلى: « ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ تاھارەت ئىلىپ يۇزىنى يۇدى، بىر ئالغان سۇنى ئېلىپ ئۇنىڭ بىلەن ئېغىزىنى چايقىدى، بۇرنىنى تازىلىدى، ئاندىن يەنە بىر چاڭگال سۇ ئىلىپ شۇنىڭغا ئوخشاش قىلدى، ئىككى قولى بىلەن يۈزىنى يۇدى، ئاندىن مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇشۇنداق تاھارەت ئېلىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن دېدى» [ بۇخارى رىۋايىتى 140-ھەدىس].

بۇ ھەدىستىن بولغان دەلىل:  «پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ساقىلى قويۇق بولۇپ ئۇنىڭ يۈزىنى ۋە ساقىلىنىڭ ئاستىنى يۇيۇشى ئۈچۈن بىر ئۇۋۇچ سۇ كۇپايە قىلمايتتى، بۇنىڭدىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ساقىلىنىڭ سىرتىنى يۇيۇش بىلەن كۇپايە قىلغانلىقى بىلىندى».   [“ئەل مەجمۇ”  1 -توم 408 -بەت. نەيلىل ئەۋتار”  1 -توم 190 -بەت.]

ئىككىنچى: ساقالنىڭ ئارىسىنى ئارىلاش ۋاجىپ دېگەنلەرنىڭ دەلىلى: ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: «پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام تاھارەت ئالغاندا، بىر ئالقان سۇنى ئېلىپ ئېڭىكىنىڭ ئاستىغا كىرگۈزەتتى ۋە رەببىم ئاللاھ مېنى مۇشۇنداق قىلىشقا بۇيرىدى دەيتتى»دېگەن. بۇ ھەدىس توغرىسىدا ئىختىلاپ بار، ھاپىز ئىبنى ھەجەر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: “ئەنەس رەزىيەللاھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىسنى ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان بولۇپ، بۇ ھەدىسنىڭ ئىسنادىدا، ئەھۋالى مەجھۇل”ۋەلىيد ئىبنى زەرۋان” دېگەن ئادەم بار.  بۇ ھەدىس ئەنەس رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن يەنە بىر يول بىلەنمۇ بايان قىلىنغان بولۇپ، ئۇمۇ زەئىپتۇر.  [“تەلخىس ھەبىير”  1 -توم 86 -بەت].

بۇ ھەدىسنى ئىبنى قەييىم “تەھزىيب سۈنەن”دە سەھىھ دېگەن، شەيخ ئەلبانى ئەبۇ داۋۇدنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا كەلتۈرگەن.

بۇ ھەدىسنى سەھىھ دېگەن تەقدىردىمۇ:  بۇنىڭ ۋە باشقا دەلىللەرنىڭ ئارىسىنى جۇغلاش بىلەن ئىش مۇستەھەپلىككە قارىتىلىنىدۇ، چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ تاھارەت ئالغان توغرىسىدىكى ھەدىسلىرىنى ئەڭ كۆپ رىۋايەت قىلغان راۋىلار ساقالنى ئارىلىغانلىقنى زىكىر قىلمىغان، ئەگەر تاھارەتتە ساقالنى ئارىلاش ۋاجىپ بولغان بولسا ۋە ئۇنى ھەر قېتىم تاھارەت ئالغاندا قىلغان بولسا، بۇنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ تاھارەت ئالغانلىقىنى بايان قىلغان راۋىلار ئىنتايىن كۆپ رىۋايەت قىلاتتى.

ئۈچىنچى:  شۇنىڭغا دىققەت قىلىش كېرەككى، قويۇق ساقالنىڭ سىرتىنى يۇيۇش ۋاجىپ بولىدۇ، گەرچە قويۇۋېتىلگەن بولسىمۇ، ئۇ يۈزنىڭ دائىرىسىگە كېرىدۇ، يۈزنىڭ سىرتىنى يۇيۇش ۋاجىپ بولىدۇ.

شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: “تاھارەتنىڭ سۈننەتلىرىدىن:  قويۇق ساقالنىڭ ئارىسىنى ئارىلاش، ساقال ياكى قويۇق بولىدۇ ياكى يەڭگىل بولىدۇ، يەڭگىل ساقال تېرىنى ياپمايدۇ، بۇنى ۋە بۇنىڭ ئاستىنى يۇيۇش ۋاجىپ بولىدۇ، چۈنكى ئۇنىڭ ئاستى ئوچۇق بولغانلىقى ئۈچۈن يۇيۇش ۋاجىپ بولغان يۈزنىڭ دائىرىسىگە كېرىدۇ، قويۇق ساقال بولسا تېرىنى ياپىدۇ، بۇنىڭ پەقەت سىرتىنىلا يۇيۇش ۋاجىپ بولىدۇ، مەزھەپتىكى مەشھۇر قاراشقا كۆرە، ساقالنىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىرىنىمۇ يۇيۇش ۋاجىپ بولىدۇ. بەزىلەر بېشىنىڭ قويۇپ بەرگەن چاچلىرىغا مەسىھ قىلىش ۋاجىپ بولمىغاندەك، ساقالنىڭمۇ قويۇپ بېرىلگەنلىرىنى يۇيۇش ۋاجىپ بولمايدۇ دەيدۇ، يۇيۇشنىڭ ۋاجىپلىقى توغرا قاراشتۇر. ساقال بىلەن چاچنىڭ ئارىسىدىكى پەرق بولسا:  ساقال ھەرقانچە ئۇزۇن بولسىمۇ ئۇنىڭ بىلەن يۈزلىنىش بولىدۇ، ئۇ يۈزنىڭ دائىرىسىگە كېرىدۇ، ئەمما بېشىدىن قويۇۋېتىلگەن چاچ بولسا، باشنىڭ دائىرىسىگە كىرمەيدۇ، چۈنكى باش دېگەن ئۈستۈن ۋە يۇقىرى دېگەن سۆزدىن ئېلىنغان بولۇپ، چاچنىڭ دائىرىسىدىن تۆۋەنگە چۈشكىنى باشتىن ھېسابلانمايدۇ”. [“شەرھىل مۇمتى” 1 -توم 106 -بەت].

ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى