سەيشەنبە 9 رامىزان 1445 - 19 مارت 2024
Uygur

كاپىرلارنىڭ ھېيت-بايراملىرىدا ئۇلاردىن ھەدىيە-سوۋغات قوبۇل قىلىش توغرىسىدا

سۇئال

مېنىڭ خوشنام ئامېرىكىلىق خرىستىيان، ئۇ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىرلىكتە يىڭى يىل بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن ماڭا سوۋغات تەقدىم قىلىدۇ، مەن ئۇلارنىڭ رەنجىپ قىلىشىدىن ئەنسىرەپ ئۇلارنىڭ سوۋغىلىرىنى رەت قىلالمايمەن(يەنى قوبۇل قىلىمەن).
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام كاپىرلارنىڭ ھەدىيەلىرىنى قوبۇل قىلغاندەك مەنمۇ ئۇلارنىڭ سوۋغاتلىرىنى قوبۇل قىلسام توغرابولامدۇ؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.

بىرىنچى: ئەسلىدە كاپىرلارنىڭ كۆڭلىنى ئىسلامغا مايىل قىلىش ۋە ئۇنىڭغا رىغبەتلەندۈرۈش ئۈچۈن، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مىقەۋقىس ۋە باشقا كاپىرلارنىڭ سوۋغاتلىرىنى قوبۇل قىلغىنىدەك، ئۇلاردىن ھەدىيە قوبۇل قىلىش دۇرۇس بولىدۇ.

ئىمام بۇخارى رەھىمەھۇللاھ ئۆزىنىڭ سەھىھ كىتابىدا: "مۇشرىكلاردىن ھەدىيە قوبۇل قىلىش" ناملىق بۆلۈمىدە مۇنداق دەيدۇ: ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇئەنھۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن بايان قىلغان ھەدىستە مۇنداق دەيدۇ: ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئايالى سارە بىلەن ھىجرەت قىلىپ بىر شەھەرگە كەلگەندە، ئۇ شەھەرنىڭ پادىشاھى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا ھاجەرنى ھەدىيە قىلغان. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا زەھەر سېلىنغان قوينىڭ گۆشى ھەدىيە قىلىنغان. ئەبۇ ھۈمەيد رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئەيلىنىڭ پادىشاھى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا ئاق خىچىر ۋە يېشىل تون ھەدىيە قىلغان، ئۆلىمالىرى ئارقىلىق پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا مەكتۇپ يازغان. ۋەقەلىكتە بىر يەھۇدىي ئايال پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا زەھەر سېلىنغان قوينىڭ گۆشىنى ھەدىيە قىلغان.

ئىككىنچى: مۇسۇلمانلار كاپىرلارنىڭ كۆڭلىنى مايىل قىلىش ۋە ئۇلارنى ئىسلام دىنىغا رىغبەتلەندۈرۈش ئۈچۈن خوشنا ياكى خىزمەتداش كاپىرلارغا سوۋغات تەقدىم قىلىشى دۇرۇس بولىدۇ. ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۆزىنىڭ مەككىدە تۇرۇشلۇق مۇشرىك قېرىندىشىغا بىرقۇر كىيىم ھەدىيە قىلغان. [ئىمام بۇخارى 2619-نومۇرلۇق ھەدىستە بايان قىلغان].

لېكىن كاپىرلارنىڭ ھېيت-بايرام ياكى دىنى پائالىيەت كۈنلىرىدە ئۇلارغا يېمەك-ئىچمەك ياكى بايرامغا مۇناسىۋەتلىك بىر نەرسە سوۋغات تەقدىم قىلىش توغرا بولمايدۇ. چۈنكى ئۇنداق قىلىش ئۇلارنىڭ پائالىيەت ۋە بايراملىرىنى ئېتىراپ قىلىش ۋە ئۇلارغا ياردەم بەرگەنلىك بولۇپ، ھېيت-بايرام كۈنلىرىدە ئۇلارغا ھەدىيە بېرىشنى بەزى ئالىملار ھارام دەپ قارىسا يەنە بەزى ئالىملار كۇپىرغا ئىلىپ بارىدىغان ئەمەللەردىن ھېسابلايدۇ.

ئىمام زەيلەئى رەھىمەھۇللاھ (ھەنەپىي) "تەبيىنىلھەقائىق" ناملىق ئەسىرىنىڭ 6-توم 228-بىتىدە مۇنداق بايان قىلىدۇ: "كاپىرلارغا يېڭى يىل بايرىمى ياكى روجىستىۋۇ بايرىمى قاتارلىق كۈنلەردە بايرام نامى بىلەن بىر نەرسە بېرىش توغرا بولمايدۇ". يەنى يۇقىرىقىدەك بايرام كۈنلىرى سەۋەبلىك كاپىرلارغا ھەدىيە تەقدىم قىلىش چەكلىنىدۇ يەنى ھارام بولىدۇ، بەلكى بۇنداق قىلىش كۇپرىغا ئىلىپ بارىدىغان ئىشلاردىن ھېسابلىنىدۇ.

ئەبۇ ھەپسە كەبىر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "بىر ئادەم ئەللىك يىل(50) ئاللاھ تائالاغا ئىبادەت قىلىپ ئاندىن كاپىرلارنىڭ دىنى بايراملىرى كەلگەندە ئۇلارنىڭ بىرەرسىگە بايرام كۈنىنى تەبرىكلەش ۋە شۇ كۈننى ئۇلۇغلاش يۈزىسىدىن تۇخۇمدەك بىر نەرسە ھەدىيە قىلىدىكەن، ئۇ كىشىنىڭ قىلغان ياخشى ئەمەللىرىنى بىكار بولىدۇ ۋە ئاللاھقا كۇپرىلىق قىلغان بولىدۇ".

جامىئۇسسەغىر ناملىق ئەسەرنىڭ ئاپتورى مۇنداق دەيدۇ: "يېڭى يىل بايرىمى كۈنىدە بىر مۇسۇلمان ئۆزىنىڭ يەنە بىر مۇسۇلمان قېرىندىشىغابايرامنى تەبرىكلىمەستىن بىر نەرسە ھەدىيە قىلسا شۇنداقلا بەزى مۇسۇلمانلار ئارىسىدا ئۆرپكە ئايلانغان بولسا، ئۇ كىشى كاپىر بولمايدۇ. شۇنداقتىمۇ بىر-بىرىگە ھەدىيە-سوۋغا تەقدىم قىلىشنى بايرام كۈنىدە قىلماستىن، بەلكى ئۇلارغا ئوخشاپ قىلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ بايرىمىدىن بۇرۇن ياكى كىيىن قىلىشى كېرەك. بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: كىمكى يات بىر قەۋمگە ئوخشىۋالىدىكەن، ئۇ كىشى شۇلاردىن ھېسابلىنىدۇ. [ئەبۇ داۋۇت رىۋايىتى].

جامىئۇسسەغىرنىڭ ئاپتورى مۇنداق دەيدۇ: "بىر كىشى كاپىرلارنىڭ ھېيت-بايرام كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن مۇشرىكلار بايرامنى تەبرىكلىگەندەك بايرامنى تەبرىكلەش ئۈچۈن بىر نەرسە سېتىۋالسا ئۇ كىشى كاپىر بولىدۇ. ئەمما ئۆزىنىڭ كۈندىلىك يېمەك-ئىچمەك ۋە ئېھتىياجىغا مۇناسىۋەتلىك نەرسىلەرنى سېتىۋالسا بۇ ئۇنىڭ سىرتىدا ئەلۋەتتە".

"ئەتتاج ۋەل ئىكلىل" ناملىق ئەسەرنىڭ ئاپتورى (مالىكىي) 4- توم 319-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "ئىبنى قاسىم رەھىمەھۇللاھ، ناساراغا بايرام كۈنىنى تەبرىكلەپ بىر نەرسە ھەدىيە قىلىشنى، شۇنىڭدەك، يەھۇدىيغا بايرام مۇناسىۋىتى بىلەن خورما ياپرىقى ھەدىيە قىلىشنى ياخشى كۆرمەيتتى".

ھەنبەلى مەزھىبىگە ئائىت ئەسەرلەردىن "ئەلئىقنائ" ناملىق ئەسەردە مۇنداق قەيت قىلىنىدۇ: "يەھۇدى ۋە ناسارالارنىڭ ھېيت بايراملىرىغا ئىشتىراك قىلىش ۋە ئۇلارغا بايراملىرىدا قوللىنىدىغان نەرسىلەرنى سېتىش، ھېيت-بايرام مۇناسىۋىتى بىلەن ھەدىيە تەقدىم قىلىش ھارامدۇر." تۇگىدى.

ھەنەپىي ئالىملىرىنىڭ يۇقىرىدا بايان قىلغان قاراشلىرىغا ئاساسەن مۇسۇلماننىڭ يەنە بىر مۇسۇلمان قېرىندىشىغا مەزكۇر بايرام مۇناسىۋىتى بىلەن بىر نەرسە ھەدىيە قىلىشىمۇ توغرا بولمايدۇ.

شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "كىمكى مۇسۇلمانلارغا كاپىرلارنىڭ ھېيت-بايرام كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن باشقا ۋاقىتلاردا قىلمىغان ھەدىيەلەرنى تەقدىم قىلىدىكەن، ئۇ كىشىنىڭ ھەدىيىسى رەت قىلىنىدۇ يەنى قوبۇل قىلىنمايدۇ، بولۇپمۇ مەزكۇر ھەدىيە يېڭى يىل بايرىمىدا ياكى باشقا بايراملاردا قوللىنىدىغان شام قاتارلىق نەرسىلەر، يەھۇدىيلارنىڭ روزا تۇتقان كۈنلىرىنىڭ ئاخىرقى پەيشەنبە كۈنىدە تۇخۇم، سۇت ۋە قوي قاتارلىق نەرسىلەر ھەدىيە قىلىنسا رەت قىلىنىدۇ. شۇنىڭدەك بۇ كۈنلەردە مۇسۇلمانلارمۇ بىر-بىرىگە (گەرچە ئۇلارنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلىمەستىن) ئۆز ئارا ھەدىيە تەقدىم قىلىشسا، يۇقىرىدا بايان قىلىنغاندەك ئۇلارنىڭ سوۋغاتلىرى قوبۇل قىلىنمايدۇ". [ئىقتىداسىراتۇل مۇستەقىم ناملىق ئەسەر 1-توم 227-بەت].

ئۈچىنچى: كاپىرلاردىن ئۇلارنىڭ بايرام كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ھەدىيە-سوۋغات قوبۇل قىلسا بولىدۇ،بۇنداق قىلىش ئۇلارنىڭ بايراملىرىنى تەبرىكلىگەنلىك ۋە پائالىيەتلىرىگە قاتناشقانلىق ھېسابلانمايدۇ. بەلكى ياخشىلىق قىلىش، ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى مايىل قىلىش ۋە ئىسلامغا دەۋەت قىلىش ئۈچۈن قوبۇل قىلىنىدۇ. ئاللاھ تائالامۇ مۇسۇلمانلار بىلەن ئۇرۇش قىلمىغانكاپىرلارغا ئادىللىق قىلىش ۋە ياخشىلىق قىلىشنى يولغا قويغان. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: لَّا يَنْهَاكُمُ اللَّـهُ عَنِ الَّذِينَ لَمْ يُقَاتِلُوكُمْ فِي الدِّينِ وَلَمْ يُخْرِجُوكُم مِّن دِيَارِكُمْ أَن تَبَرُّوهُمْ وَتُقْسِطُوا إِلَيْهِمْ ۚ إِنَّ اللَّـهَ يُحِبُّ الْمُقْسِطِينَتەرجىمىسى: كۇففارلاردىن سىلەر بىلەن ئۇرۇش قىلمىغان ۋە سىلەرنى يۇرتۇڭلاردىن ھەيدەپ چىقارمىغانلارغا كەلسەك، ئاللاھ ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىشىڭلاردىن، ئۇلارغا ئادىل بولۇشۇڭلاردىن سىلەرنى توسمايدۇ، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئادىللارنى دوست تۇتىدۇ. [سۈرە مۇمتەھىنە 8-ئايەت].

يۇقىرىقى ئايەتتىكى ياخشىلىق ۋە ئادىللىق قىلىشتىن؛ ئۇلارنى دوست تۇتۇش ۋە ياخشى كۆرۈش مەقسەت قىلىنمايدۇ. چۈنكى كاپىرلارنى ياخشى كۆرۈش، دوست تۇتۇش ۋە ئۆزىگە سىرداش قىلىۋېلىش توغرا بولمايدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: لَّا تَجِدُ قَوْمًا يُؤْمِنُونَ بِاللَّـهِ وَالْيَوْمِ الْآخِرِ يُوَادُّونَ مَنْ حَادَّ اللَّـهَ وَرَسُولَهُ وَلَوْ كَانُوا آبَاءَهُمْ أَوْ أَبْنَاءَهُمْ أَوْ إِخْوَانَهُمْ أَوْ عَشِيرَتَهُمْ ۚ أُولَـٰئِكَ كَتَبَ فِي قُلُوبِهِمُ الْإِيمَانَ وَأَيَّدَهُم بِرُوحٍ مِّنْهُ ۖ وَيُدْخِلُهُمْ جَنَّاتٍ تَجْرِي مِن تَحْتِهَا الْأَنْهَارُ خَالِدِينَ فِيهَا ۚ رَضِيَ اللَّـهُ عَنْهُمْ وَرَضُوا عَنْهُ ۚ أُولَـٰئِكَ حِزْبُ اللَّـهِ ۚ أَلَا إِنَّ حِزْبَ اللَّـهِ هُمُ الْمُفْلِحُونَ تەرجىمىسى: ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشىنىدىغان بىر قەۋمنىڭ ئاللاھ بىلەن ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى بىلەن قارشىلاشقانلارنى - ئۇلارنىڭ ئانىلىرى، ئوغۇللىرى، يا قېرىنداشلىرى، يا ئۇرۇق - تۇغقانلىرى بولغان تەقدىردىمۇ - دوست تۇتقانلىقىنى كۆرمەيسەن (يەنى ئۇلارنى دوست تۇتۇشى مۇمكىن ئەمەس)، ئەنە شۇلارنىڭ دىللىرىدا ئاللاھ ئىماننى مەھكەم قىلدى ۋە ئۆز دەرگاھىدىن بولغان روھ بىلەن ئۇلارنى كۈچەيتتى، ئاللاھ ئۇلارنى ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىدۇ، ئۇلار جەننەتلەردە مەڭگۈ قالىدۇ، ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولىدۇ، ئاللاھتىن ئۇلارمۇ مەمنۇن بولىدۇ، ئەنە شۇلار ئاللاھنىڭ قوشۇنىدۇر، بىلىڭلاركى، ئاللاھنىڭ قوشۇنى مەقسەتكە ئېرىشكۈچىلەردۇر. [سۈرە مۇجادىلە 22-ئايەت].

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا لَا تَتَّخِذُوا عَدُوِّي وَعَدُوَّكُمْ أَوْلِيَاءَ تُلْقُونَ إِلَيْهِم بِالْمَوَدَّةِ وَقَدْ كَفَرُوا بِمَا جَاءَكُم مِّنَ الْحَقِّ تەرجىمىسى:ئى مۆمىنلەر، مېنىڭ دۈشمىنىمنى ۋە سىلەرنىڭ دۈشمىنىڭلارنى دوست تۇتماڭلار، ئۇلار سىلەرگە كەلگەن ھەقىقەتنى (يەنى ئىسلامنى، قۇرئاننى) ئىنكار قىلدى. [سۈرە مۇمتەھىنە 1-ئايەتنىڭ بىرقىسمى].

يەنە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا لَا تَتَّخِذُوا بِطَانَةً مِّن دُونِكُمْ لَا يَأْلُونَكُمْ خَبَالًا وَدُّوا مَا عَنِتُّمْ قَدْ بَدَتِ الْبَغْضَاءُ مِنْ أَفْوَاهِهِمْ وَمَا تُخْفِي صُدُورُهُمْ أَكْبَرُ ۚ قَدْ بَيَّنَّا لَكُمُ الْآيَاتِ ۖ إِن كُنتُمْ تَعْقِلُونَتەرجىمىسى: ئى مۆمىنلەر! ئۆزۈڭلاردىن بولمىغانلارنى (يەنى مۇناپىقلارنى) سىرداش قىلىۋالماڭلار، ئۇلار سىلەرگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشتا بوشاڭلىق قىلىپ قالمايدۇ. ئۇلار سىلەرنىڭ مۇشەققەتتە قېلىشىڭلارنى ئارزۇ قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ دۈشمەنلىكى ئېغىزلىرىدىن مەلۇم بولۇپ تۇرىدۇ، ئۇلارنىڭ دىللىرىدا يوشۇرغان دۈشمەنلىكى تېخىمۇ چوڭدۇر. شۈبھىسىزكى، ئەگەر چۈشىنىدىغان بولساڭلار، سىلەرگە نۇرغۇن ئايەتلەرنى بايان قىلدۇق. [سۈرە ئال-ئىمران 118-ئايەت].

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَلَا تَرْكَنُوا إِلَى الَّذِينَ ظَلَمُوا فَتَمَسَّكُمُ النَّارُ وَمَا لَكُم مِّن دُونِ اللَّـهِ مِنْ أَوْلِيَاءَ ثُمَّ لَا تُنصَرُونَتەرجىمىسى: زالىملارغا مايىل بولماڭلار، (مايىل بولساڭلار) دوزاخ ئازابىغا قالىسىلەر، سىلەرگە ئاللاھتىن باشقا (دوزاختىن قۇتۇلدۇرىدىغان) ھېچ ياردەمچى يوقتۇر، ئاندىن كېيىن ھېچ ياردەمگە ئېرىشەلمەيسىلەر. [سۈرە ھۇد 113-ئايەت].

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا لَا تَتَّخِذُوا الْيَهُودَ وَالنَّصَارَىٰ أَوْلِيَاءَ ۘ بَعْضُهُمْ أَوْلِيَاءُ بَعْضٍ ۚ وَمَن يَتَوَلَّهُم مِّنكُمْ فَإِنَّهُ مِنْهُمْ ۗ إِنَّ اللَّـهَ لَا يَهْدِي الْقَوْمَ الظَّالِمِينَتەرجىمىسى: ئى مۆمىنلەر! يەھۇدىي ۋە ناسارالارنى دوست تۇتماڭلار. ئۇلار بىر - بىرىنى دوست تۇتىدۇ. سىلەردىن كىمكى ئۇلارنى دوست تۇتىدىكەن، ئۇمۇ ئەنە شۇلاردىن سانىلىدۇ، ئاللاھ زالىم قەۋمنى ھەقىقەتەن ھىدايەت قىلمايدۇ. [سۈرە مائىدە 51-ئايەت]. بۇنىڭدىن باشقا يەنە كاپىرلارنى ياخشى كۆرۈش ۋە دوست تۇتۇشنىڭ ھاراملىقىنى ئىپادىلەيدىغان نۇرغۇن دەلىللەر بار.

شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "كاپىرلارنىڭ ھېيت-بايرام كۈنىدە ئۇلارنىڭ سوۋغاتلىرىنى قوبۇل قىلىش توغرىسىدا ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ئەسەردە، ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇكاپىرلارنىڭ بايرىمىدا ئۇلار تەرىپىدىن تەقدىم قىلىنغان ھەدىيەنى قوبۇل قىلغان.

ئىبنى ئەبى شەيبىنىڭ رىۋايىتىدە: بىر ئايال ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن سوئال سوراپ: بىزنىڭ مەجۇسىي(ئاتەش پەرەس) ئىنىك ئانىمىز بار بولۇپ، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ھېيت-بايرام كۈنلىرىدە بىزگە بىر نەرسە ھەدىيە قىلىدۇ، ئۇنى ئالساق بولامدۇ؟ دېگەندە، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا: "بايرام مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆلتۈرۈلگەن ماللارنىڭ گۆشىنى يېمەڭلار، مېۋە-چىۋىلەردىن يەڭلار" دەيدۇ.

ئىبنى ئەبى بەرزەتە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مەجۇسى خوشنىلىرى بولۇپ، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ھېيت-بايرام كۈنلىرىدە سوۋغات ئىلىپ كېلەتتى، ئۇ كىشى ئائىلىسىدىكىلەرگە: مېۋە-چېۋە بولسا قوبۇل قىلىپ يەڭلار ئەمما باشقا نەرسىلەر بولسا قوبۇل قىلماڭلار دەپ تەۋسىيە قىلاتتى.

يۇقىرىدا بايان قىلىنغان دەلىللەرنىڭ ھەممىسى كاپىرلارنىڭ سوۋغىلىرىنى قوبۇل قىلىشتىن چەكلەشنىڭ ئۇلارنىڭ ھېيت-بايراملىرىغا ھېچ قانداق تەسىرى بولمايدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ، بەلكى بۇنىڭ ھۆكمى ھېيت-بايرام ياكى باشقا ۋاقىتلاردا ئوخشاش، چۈنكى سوۋغات قوبۇل قىلىشتا ئۇلارنىڭ شوئارى ۋە ھېيت-بايراملىرىغا ياردەم بەرگەنلىك ئىپادىلەنمەيدۇ.

ئاندىن شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ مۇنداق دەيدۇ: "گەرچە ئەھلى كىتابنىڭ ئۆلتۈرگەن ماللىرى ھالال بولسىمۇ، ئەمما ھېيت-بايرام كۈنلىرىگە ئاتاپ ئۆلتۈرگەن ماللىرىنىڭ گۆشىنى يىگىلى بولمايدۇ، ئەمما ھېيت-بايرام ئۈچۈن ئۆلتۈرۈلمىگەن بەلكى سېتىۋالغان ياكى ئۇلارغا ھەدىيە قىلىنغان نەرسىلەرنى يېسە بولىدۇ. مەجۇسىلارنىڭ ئۆلتۈرگەن ماللىرىنى يېيىش بارلىق ئالىملارنىڭ كۆزقارىشىدا ئوخشاشلا ھارام ھېسابلىنىدۇ.

ئەمما ئەھلى كىتابنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ھېيت-بايراملىرى ئۈچۈن ۋە ئاللاھنىڭ غەيرىگە يېقىنلىشىش ئۈچۈن يەنى ئىسا ئەلەيھىسسالام ۋە زۆھرە ئۈچۈن ئۆلتۈرگەن ماللىرى مۇسۇلمانلارنىڭ ئاللاھ تائالاغا يېقىنلىشىش ئۈچۈن ئۆلتۈرگەن قۇربانلىق ۋە ھەدىيىلىرىگە ئوخشايدۇ.

بۇ توغرىدا ئىمام ئەھمەد رەھىمەھۇللاھدىن نەقل قىلىنغان ئىككى رىۋايەتنىڭ ئاساسلىق بىرىدە: "گەرچە ئۇلار مالنى ئاللاھنىڭ غەيرىنىڭ ئىسمىنى ئاتىماي ئۆلتۈرگەن بولسىمۇ، ئۇنى يېيىش توغرا بولمايدۇ" دەپ بايان قىلىنغان. شۇنداقلا ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ۋە ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ قاتارلىقلاردىن بۇنى يېيىشتىن چەكلىگەنلىكى توغرىسىدا ئەسەر بايان قىلىنغان. [ئىقتىدا سىراتۇل مۇستەقىم ناملىق ئەسەر 1-توم 251-بەت].

سۆزىمىزنىڭ خۇلاسىسى: سىز بايرام مۇناسىۋىتى بىلەن خرىستىيان خوشنىڭىزنىڭ سوۋغىسىنى بىر قانچە شەرت بىلەن قوبۇل قىلسىڭىز بولىدۇ:

بىرىنچى: قوبۇل قىلىنىدىغان سوۋغات ئۇلار بايرام مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆلتۈرگەن ھايۋانلارنىڭ گۆشى بولماسلىقى كېرەك.

ئىككىنچى: بايرام كۈنىدە ئۇلارنىڭ پائالىيەتلىرىگە ئوخشاپ قالىدىغان ۋە ياردىمى بولىدىغان شام، تۇخۇم قاتارلىق نەرسىلەردىن بولماسلىقى كېرەك.

ئۈچىنچى: شۇنىڭ بىلەن بىرگە پەرزەنتلەرگە ئاللاھ تائالانىڭ دوستىغا دوست بولۇش ۋە دۈشمىنىگە دۈشمەن بولۇش ئەقىدىسىنى تەپسىلى چۈشەندۈرۈش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ قەلبىگە بۇنداق بايراملارنى ۋە ياكى سوۋغات بەرگۈچىلەرنى ياخشى كۆرىدىغان تۇيغۇنىڭ پەيدا بولىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشىمىز كېرەك.

تۆتىنچى: ئۇلاردىن سوۋغات قوبۇل قىلىش پەقەت ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى مايىل قىلىش ۋە دىنغا دەۋەت قىلىش مەقسىتى بىلەن بولىشى كېرەك، بۇنىڭدىن باشقا ئۇلارنى ياخشى كۆرۈش ۋە دوست تۇتۇش مەقسەتتە بولسا بولمايدۇ.

شۇنداقلا سوۋغات قوبۇل قىلىش دۇرۇس بولغان نەرسىلەردىن بولىشى كېرەك. ئەگەر ئۇنداق بولمىغاندا ئۇ سوۋغاتنى رەت قىلىش بىلەن بىرگە رەت قىلىشنىڭ سەۋەبىنى ئوچۇق بايان قىلىپ بېرىش كېرەك. مەسىلەن: سىزنىڭ سوۋغىتىڭىز بايرام مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆلتۈرۈلگەن ھايۋاننىڭ گۆشى ئىكەن، بىزنىڭ ئۇ گۆشنى يىيىشىمىز توغرا بولمايدۇ دەپ ئوچۇق بايان قىلىش كېرەك، ياكى بۇنداق سوۋغاتلارنى سىلەرنىڭ بايرام پائالىيتىڭلارغا قاتناشقان كىشىلەرقوبۇل قىلسا بولىدۇ، بىز سىلەرنىڭ بايرام پائالىيتىڭلارغا قاتنىشالمايمىز، بۇنداق قىلىشبىزنىڭ دىنىمىزدايولغا قويۇلمىغان ۋە بىزنىڭ ئىتىقادىمىزغا توغرا كەلمەيدۇ، دېگەندەك چۈشەنچىلەرنى بېرىش كېرەك. مانا بۇ ئۇلارنى ئىسلام دىنىغا دەۋەت قىلىشنىڭ ۋە ئۇلارنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرىنىڭ خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى بايان قىلىشنىڭ باشلىنىشىدۇر.

مۇسۇلمان دائىم ئۆز دىنى بىلەن ۋە دىنى ھۆكۈملەرنى ئىجرا قىلىش بىلەن پەخىرلىنىشى لازىم. بىرەر شەخستىن ھايا قىلىپ ياكى ياخشى ئۆتۈشنى مەقسەت قىلىپ ئۆزنىڭ دىنى ھەق-ھوقۇقى ۋە ئىززىتىدىن چۈشمەسلىكى كېرەك. ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا ھايا قىلىشقا ئەڭ ھەقلىقتۇر.

يەنىمۇ تەپسىلى چۈشەنچىگە ئىگە بولۇش ئۈچۈن 947-سوئال ۋە 13642-نومۇرلۇق سوئاللارنىڭ جاۋابىغا مۇراجىئەت قىلىنسۇن.

توغرىنى ئاللاھ تائالا بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى