جۈمە 10 شەۋۋال 1445 - 19 ئاپرىل 2024
Uygur

دۇنيانىڭ ئەسلىدە يوق بولۇپ كېيىن پەيدا قىلىنغانلىقى توغرىسىدا

سۇئال

دۇنيا ئەسلىدە يوق، كېيىن پەيدا بولغان دېگەن سۆز توغرىمۇ،؟ بۇنىڭ ئەقىدىگە زىتلىقى بارمۇ؟، زەيد ئىبنى رۇسلاننىڭ ئۆزىدە بايان قىلىنغان مۇنۇ ئىككى بېيىت نېمىنى ئىپادىلەيدۇ؟ چىن دىلىڭدىن كەسكىن ئىشەنكى، دۇنيا يوقلۇقتىن كېيىن پەيدا بولغۇچىدۇر، ئاللاھ ئۇنى ئۆزى ئېھتىياجلىق بولغانلىقى ئۈچۈن پەيدا قىلمىدى، ئاللاھ ئۇنى تەرك قىلىشنى خالىغان بولسا، يېڭىدىن پەيدا قىلمايتتى. ئاللاھ ئەجرىڭلارنى بەرسۇن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    بۇ ئىككى بېيىتنىڭ مەنىسى توغرا، بۇنىڭدا ئەنسىرىگىدەك سۆز يوق، بۇ تۆۋەندىكى ئۈچ تۈرلۈك ئىشنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ:

    بىرىنچى: دۇنيا يوقلۇقتىن كېيىن يېڭىدىن پەيدا قىلىنغان نەرسىدۇر، بۇ شەكسىز ھەقىقەت، ئاللاھ تائالادىن باشقا ھەممە نەرسە  كېيىن بولسۇن ياكى بولمىسۇن ئاللاھ تەرىپىدىن يارىتىلغۇچى مەخلۇقتۇر. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  اللَّهُ خَالِقُ كُلِّ شَيْءٍ وَهُوَ عَلَى كُلِّ شَيْءٍ وَكِيلٌ  تەرجىمىسى: « ئاللاھ ھەممە نەرسىنى ياراتقۇچىدۇر، ھەممە نەرسىگە ھامىيدۇر (ئۇلارنى خالىغانچە تەسەررۇپ قىلىدۇ).» [سۈرە زۇمەر 62-ئايەت].

    ئىسلام پېشىۋاسى ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "بارلىق يارىتىلغۇچى مەخلۇقلارنىڭ ئەسلىدە يوق بولۇپ ئاللاھ تائالانىڭ ياراتقانلىقى ھەقىقەتتۇر، ئاللاھ كائىناتتىكى بارلىق نەرسىلەرنى ياراتقۇچى، تەربىيەت قىلغۇچى ۋە ھەممىگە ئىگە بولغۇچىدۇر، كائىناتتىكى ھەممە نەرسە ئاللاھ تائالانىڭ خالىشى ۋە قۇدىرتى بىلەن بولىدۇ. ئاللاھ تائالا ھەممە نەرسىلەرنى ياراتقۇچىدۇر". ["پەتىۋالار مەجمۇئەسى"2-توم 27-بەت].

    يەنە مۇنداق دەيدۇ: "مېنىڭ بىلىشىمچە: ھەر مىللەتنىڭ پەيلاسۇپلىرى، ئەقىلمەنلىرى ۋە باشقا ئالىملىرى ئەقىلگە ئۇيغۇن ھالەتتە شۇنى ئوچۇقلاشتۇرۇدىكى. ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا پەيغەمبەرلەر ئىلىپ كەلگەن دىننى كۈچلۈندۇرىدۇ ۋە ئۇنىڭغا ياردەم بېرىدۇ، شۇ پەيغەمبەرنىڭ مىللىتىدە ياشاپ ئۇنىڭ سۆزىگە ياكى ئىش-ھەرىكەتلىرىگە قارشى بىر سۆز ياكى ئىش-ھەرىكەتلەرنى پەيدا قىلىدىكەن، ئۇ كىشى روشەن ئەقلى بىلەن شەرىئەتنى بىلمىگەن بولىدۇ.  دىنسىز پەلسەپىچىلەرنىڭ ئاللاھ بىلەن بىرگە ئىلگىرىمۇ بىر نەرسىلەر بولغان دېگەن سۆزى رەت قىلىنىدۇ، بەلكى دۇنيا ئىلگىرىدىن بولغان دېگەن سۆزمۇ رەت قىلىنىدۇ، ئەقىل ئىگىلىرىنىڭ كۆپچىلىكى بۇ سۆزنىڭ باتىل ئىكەنلىكىگە بىرلىككە كەلگەن، بۇ سۆزنى باتىل دېگەنلەر پەقەت بىر مىللەتنىڭ ئەقىلمەنلىرى بولماستىن بەلكى ھەر مىللەتنىڭ ئەقىلمەنلىرى ۋە ئاتەشپەرەسلەر، ئەرەب ۋە ھىندى مۇشرىكلىرىدىن ئىبارەت ھەر مىللەتنىڭ مۇشرىكلىرىدىن باشقا بارلىق پەلسەپە ئالىملىرىمۇ مۇشۇ ئالەمنىڭ ئىلگىرى بولمىغان ۋە كېيىن پەيدا بولغانلىقى ھەممە نەرسىنى ئاللاھ تائالانىڭ ياراتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلىدۇ، ئۆز ۋاقتىدا ئەرەپ مۇشرىكلىرىمۇ، ئاللاھ تائالانىڭ ھەممە نەرسىلەرنى ياراتقۇچى ئىكەنلىكىنى، بۇ ئالەمنىڭ ھەممىسىنىڭ يارىتىلغۇچى مەخلۇق ئىكەنلىكىنى، ئاللاھ تائالانىڭ ياراتقۇچى، پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلاتتى". ["پەتىۋالار مەجمۇئەسى"5-توم 565-بەت].

    ئىككىنچى: ئاللاھ تائالا ئالەملەرنى يارىتىشتا ئۇنىڭدىن قىلچىلىكمۇ بىر نەرسىگە ئېھتىياجلىق بولماستىن ياراتقان، بۇنىڭدا ھېچ شۈبھە يوق، ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا ھەممىدىن بىھاجەتتۇر، باشقا بارلىق نەرسىلەر ئاللاھ تائالاغا ئېھتىياجلىقتۇر. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  يَا أَيُّهَا النَّاسُ أَنْتُمُ الْفُقَرَاءُ إِلَى اللَّهِ وَاللَّهُ هُوَ الْغَنِيُّ الْحَمِيدُ   تەرجىمىسى: «ئى ئىنسانلار! سىلەر ئاللاھقا موھتاجسىلەر، ئاللاھ (ھەممىدىن) بىھاجەتتۇر، مەدھىيەگە لايىقتۇر.» [سۈرە پاتىر 15-ئايەت].

    شەيخ ئىبنى سەئدىي رەھىمەھۇللاھ بۇ ئايەتنىڭ تەپسىرى توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ: "ئاللاھ تائالا ئىنسانلارنىڭ ھەممىسىگە خىتاپ قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئەمەلى ئەھۋالى ۋە سۈپەتلىرى توغرىسىدا خەۋەر بېرىپ، ئۇلارنىڭ ھەممە تەرەپتىن ئاللاھ تائالاغا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى، ئەگەر ئاللاھ ئۇلارنى پەيدا قىلمىغان بولسا ئۇلارنىڭ مەۋجۇد بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇلار ئەسلى قۇرۇلمىسىدا ئاجىز بولۇپ كۈچكە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكى، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەزا-بەدەنلىرىنى كۈچلاندۇرمىغان بولسا، ئۇلارنىڭ ھېچ قانداق بىر ئىشنى قىلىشقا قادىر بولالمايدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئاشكارا-يوشۇرۇن نېمەتلەرنى، يەيدىغان رىزىقلىرىنى ۋە ئوزۇقلۇقلىرىنى تەييار قىلىشتا، ئاللاھ تائالانىڭ ئۇ ئىشلارنى ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىشىتىكى پەزلى ۋە ياخشىلىقى بولمىغاندا، ئۇ نەرسىلەردىن ھېچ بىرىنى تەييار قىلىشقا قادىر بولالمايدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىگە يەتكەن ئازاب-ئوقۇبەت، ئەزىيەتلەرنى، قاتتىقچىلىق ۋە قېيىنچىلىقلارنى  مۇداپىئە قىلىشقا قادىر بولالمايدىغانلىقىنى، ئەگەر ئاللاھ تائالا ئۇلارنى مۇداپىئە قىلىپ، قېيىنچىلىقلىرىنى ئاسانلاشتۇرۇپ بەرمىسە ئۇلارنىڭ ئۈستىدىكى قېيىنچىلىق ۋە قاتتىقچىلىقلارنىڭ داۋاملىشىدىغانلىنى، ئۇلارنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ تۈرلۈك تەدبىر-چارىلەر بىلەن تەربىيەلىشىگە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ ئاللاھ تائالاغا يالۋۇرۇش، ئاللاھنىڭ ياخشى كۆرۈشى ۋە ئىبادەتنى ئاللاھغا ئىخلاس بىلەن قىلىشقا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى، ئەگەر ئاللاھ تائالا ئۇلارنى بۇنىڭغا مۇۋەپپەق قىلمىسا ئۇلارنىڭ ھالاك بولىدىغانلىقىنى، روھلىرى، دىللىرى ۋە ئەھۋالىنىڭ بۇزۇلىدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ بىلمىگەننى ئۈگۈنىش، ئىش-ھەرەكەتلەرنى توغرا قىلىشتا ئاللاھقا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى، ئەگەر ئاللاھ ئۇلارغا بىر نەرسە ئۈگەتمىسە ھېچ نەرسە بىلمەيدىغانلىقى ۋە مۇۋەپپەق قىلمىسا ھېچ ئىشنى توغرا قىلالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. 

   ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ھەر تەرەپتىن ئاللاھقا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى تۇيسۇن ياكى تۇيمىسۇن ئەسلىدىنلا ئاللاھقا ئېھتىياجلىقتۇر، ئۇلاردىن توغرا يولغا مۇۋەپپەق بولغۇچىلار، ئۆزلىرىنىڭ دىنى، دۇنيالىق ئىشلىرىنىڭ ھەممىسىدە ئاللاھقا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكى ۋە ئاللاھقا يېلىنىدىغانلىقىنى كۆرۈپ تۇرىدۇ، ئۇلار ئاللاھدىن ئۆزلىرىنى كۆز يۇمۇپ ئاچقىچىلىكمۇ ئۆزلىرىگە تاشلاپ قويماسلىقنى، بارلىق ئىشلىرىدا ئۆزلىرىگە ياردەم بېرىشنى سورايدۇ، ئېھتىياجلىق دېگەن بۇ مەنا ھەر ۋاقىت ئۇلار بىلەن بىللە، مانا بۇ چۈشەنچە بىلەن بەندىلىرىگە ئۆز ئانىسىدىنمۇ بەكراق مېھرىبان بولغان ئاللاھدىن تولۇق ياردەمگە ئېرىشىشكە لايىق بولىدۇ.

   ئاللاھ تائالا ھەممىدىن بىھاجەتتۇر، مەدھىيگە لايىقتۇر، يەنى ئاللاھ تائالا ھەممە تەرەپلەردىن تولۇق بىھاجەتتۇر، ئۆز خەلقى ئېھتىياجلىق بولىدىغان ھېچ نەرسىگە ئېھتىياجلىق بولمايدۇ، مانا بۇ ئاللاھنىڭ ھەممە سۈپەتلىرىنىڭ ئەڭ مۇكەممەل، ئۇلۇغ ۋە كاتتا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.

   ئاللاھ دۇنيا-ئاخىرەتتە ئۆز خەلقىدىن بىھاجەتتۇر، ئۆز زاتىدا، گۈزەل ئىسىملىرىدا ۋە ئالى سۈپەتلىرىدە مەدھىيلەنگۈچىدۇر، ئاللاھنىڭ ئىشلىرى بەندىلىرىگە ئارتۇقچە پەزلى-ئېھسان قىلىش، ئادىللىق قىلىش، بۇيرۇقلىرى ھېكمەت بىلەن ۋە چەكلىمىلىرى بەندىلىرىگە رەھمەت قىلىشتۇر. ئاللاھ ئۆزىدىكى ۋە ئۆزىدىن بولغان ھەممە ئىشتا مەدھىيلەنگۈچىدۇر، ئاللاھنىڭ بىھاجەتلىكىمۇ ئاللاھنىڭ مەدھىيسى جۈملىسىدىندۇر".

    ئىمام تەھاۋىي رەھىمەھۇللاھ ئۆزىنىڭ مەشھۇر ئەقىدە كىتابىدا مۇنداق دەيدۇ: "ئاللاھ ھەممە نەرسىگە قادىردۇر، ھەممە نەرسە ئاللاھقا ئېھتىياجلىقتۇر، ھەممە ئىش ئاللاھقا ئاساندۇر، ئاللاھ ھېچ نەرسىگە ئېھتىياجلىق بولمايدۇ، ئاللاھنىڭ ھېچ ئوخشىشى يوقتۇر، ئاللاھ ھەممىنى ئاڭلىغۇچى ۋە كۆرگۈچىدۇر".

    ئۈچىنچى: بېيىتتا بايان قىلىنغان: ئاللاھ تائالا مەخلۇقاتلىرىنى تەرك قىلىشنى خالىغان بولسا، ئۇلارنى دەسلەپتە پەيدا قىلمايتتى، دېگەن سۆزگە كەلسەك، ئاللاھ تائالا ھەرقانداق بىر ئىشنى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن قىلغۇچىدۇر، پەلسەپىچىلەر ئېيتقاندەك، ئاللاھنى مەجبۇرلىغۇچى يوق، ئەگەر ئاللاھ خالىغان بولسا پۈتۈن ئالەملەرنى پەيدا قىلمىغان بولاتتى، لېكىن ئاللاھ ئۆزىنىڭ خالىشى ۋە ئىختىيارلىقى بىلەن پەيدا قىلدى، مانا بۇ قۇرئان تېكىستلىرى ئىسپاتلىغان ھەقىقەتتۇر. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  فَعَّالٌ لِمَا يُرِيدُ  تەرجىمىسى: «خالىغىنىنى قىلغۇچىدۇر.» [سۈرە بۇرۇج 16-ئايەت].

    ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ:  وَرَبُّكَ يَخْلُقُ مَا يَشَاءُ وَيَخْتَارُ  تەرجىمىسى: «ئاللاھ (مەخلۇقاتىدىن) خالىغىنىنى يارىتىدۇ، خالىغان ئادەمنى (پەيغەمبەرلىككە) تاللايدۇ.» [سۈرە قەسەس 68-ئايەت]. 

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن توغرىنى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى