پەيشەنبە 7 رەبىئۇل ئەۋۋەل 1440 - 15 نويابىر 2018
Uygur

جەمئىيەتنى زىنادىن قانداق ساقلاش كېرەك

88051

تارقاتقان ۋاقىت : 01-09-2010

كۆرگۈچىلەر : 3235

سۇئال

سوئال: ھازىرقى جەمئىيەتتە زىنا قىلغۇچى ئەر ۋە زىنا قىلغۇچى ئايال ئۈستىدىن تۆت نەپەر گۇۋاھچىنى قانداق تەييارلايمىز؟، ئۇلارنىڭ زىنا قىلغانلىقىنى قانداق مۇقىملاشتۇرىمىز؟، مۇسۇلمان ياشلىرىغا زىنادىن ئىبارەت بولغان قەبىھ قىلمىش توغرىسىدا قانداق نەسىھەت قىلىمىز؟.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

جاۋاب:
بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھغا خاستۇر.
بىرىنچى: ئالىملار زىنانى ئىسپاتلاشتا تۆت تۈرلۈك پرىنسىپنى ئوتتۇرىغا قويدى:
1-گۇۋاھچىلىق (يەنى تۆت نەپەر كىشىنىڭ زىناغا گۇۋاھچى بولىشى).
2- زىنا قىلغۇچىلارنىڭ ئىقرار قىلىشى.
3- ئېرى ۋە خوجايىنى بولمىغان(دېدەك)ئايالنىڭ ئېغىر ئاياق بولىشى.
4-ئېرى ئايالىنى زىنا قىلدى دەپ ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلغان بولسا، ئايالى ئېرىنىڭ سۆزىگە رەت قايتۇرمىغان بولىشىدىن ئىبارەت. زىنادا ھۆكۈم قىلىشتا ئىشەنچلىك بولغان تۆت نەپەر كىشىنىڭ گۇۋاھلىقى شەرت. تۆت نەپەر كىشىنىڭ ئەر-بىلەن ئايالنىڭ بىرگە بولغانلىقىنى پىچاقنىڭ غىلاپتىكىدەك ھالەتتە ئوچۇق-ئاشكارا كۆرگەنلىكىنى سۈپەتلەپ بېرەلىشى لازىم. ئەگەر گۇۋاھچىلار زىناخورلارنى كېيىمسىز يالىڭاچ ھالەتتە كۆرگەن ياكى ئۇلارنى مەلۇم شەكىل ھەرىكەتلەردە كۆرۈپ، پىچاقنىڭ غىلاپتىكى ۋاقتىنى كۆرەلمىگەن بولسا ئۇ زىنا ئىسپاتلانمايدۇ. شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىين بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: گۇۋاھچىلار بىز پىچاقنىڭ غىلاپنىڭ ئىچىدە ئىكەنلىكىنى كۆردۇق دېگەندىن ئىبارەت بولغان ئوچۇق لەۋزىلەر بىلەن گۇۋاھلىق بېرىشى لازىم. ئۇنىڭ غەيرىدە كۆرۈلگەن باشقا ئىسپاتلار بىلەن زىناغا ھۆكۈم قىلىنىپ جازا ئىجرا قىلىنمايدۇ.
يۇقىرىدا دېيىلگەندەك زىنانىڭ ئىسپاتلىنىشى ناھايىتى قىيىن ئىش. ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ زامانىسىدا بىر ئادەمنىڭ "ئەگەر مەن بىراۋنىڭ ئىككى يوتا ئارىلىقىدا بولغانلىقىنى كۆرسەممۇ، بۇ گۇۋاھچىلىق قوبۇل قىلىنمايدۇ دېگىنىگە ئوخشاش، شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيەمۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام زامانىسىدىن ئۆز زامانىسىغىچە تۆت گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىق بېرىشى بىلەن زىنا ئىسپاتلىنىپ باقمىغانلىقىنى ئېيتقان، شۇنىڭدەك بىزمۇ تا ھازىرغا قەدەر زىنانىڭ ئۇ يول بىلەن ئىسپاتلانغانلىقىنى بىلمەيمىز، چۈنكى ئۇ ناھايىتى مۈشكۈل بولغان قېيىن بىر ئىشتۇر.
شەرىئەتنىڭ زىنا ئۈستىدىن گۇۋاھلىق بېرىشتىكى قاتتىق ئۆلچىمى يەنىلا شەرىئەت ئۆزى ئىرادە قىلغان مەنپەئەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت بولۇپ، بەندىلەرنىڭ ئەيبىنى يوشۇرۇش، پاھىشە ئىشلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش، جەمئىيەتنى بۇزۇقچىلىقتىن، كىشىلەرنىڭ يۈز-ئابرۇيىغا تاجاۋۇز قىلىشتىن ۋە نەسەبنىڭ ئارىلىشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئىلىشتۇر.
ئىمام قۇرتۇبى رەھىمەھۇللاھ ئۆز تەپسىرىدە: " خۇسۇسەن بۇ يەردىكى تۆت نەپەر گۇۋاھچىنىڭ بولىشى( باشقا ئىشلاردا تۆت نەپەر گۇۋاھچى تەلەپ قىلىنمايدۇ) ئاللاھنىڭ داۋا قىلغۇچىغا قاتتىق قول بولۇش ۋە بەندىلەرنىڭ ئەيىبنى يوشۇرۇش ئۈچۈندۇر.
ئىككىنچى: ياشلىرىمىزنى ۋە جەمئىيتىمىزنى زىنا ۋە بۇزۇقچىلىقتىن مۇداپىئە قىلىشتا ئالدى بىلەن دۆلەت، جەمئىيەت ۋە ھەر قايسى ساھەلەر ئورتاق كۈچ چىقىرىشى لازىم. بۇ بولسا ئاممىۋى مەسئۇلىيەت، جەمئىيەتنىڭ ساغلاملىقىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش زىنا ۋە بۇزۇقچىلىقتىن ساقلىنىدىغان تۆۋەندىكى سەۋەبلەر بىلەن بولىدۇ:
1-زىنانىڭ چوڭ گۇناھلىقىنى خەلققە چۈشەندۈرۈش ۋە تارقىتىش، زىنا چوڭ گۇناھلاردىن بولۇپ، ئۇنىڭ ھاراملىقىغا ۋە قەبىھ پەسكەش قىلمىشلىقىغا شەرىئەت ۋە ئەقىل بىرلىككە كەلگەن. بۇ قىلمىش بولسا، كۆپلىگەن ئۈممەتلەرگە مۇسىبەتلەرنىڭ يېتىشىگە، ھالاك بولىشىغا، شۇنداقلا ئاقىۋىتىنىڭ دوزاخ بولىشىغا سەۋەب بولغان.
ئىمام ئەھمەد رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: "ناھەق ئادەم ئۆلتۈرۈشتىن قالسا زىنا ئەڭ چوڭ گۇناھتۇر". ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: زىناغا يېقىنلاشماڭلار، چۈنكى ئۇ قەبىھ ئىشتۇر، يامان يولدۇر ئىسرا سۈرىسى 32-ئايەت. شەيخ ئابدۇرەھمان سەئدىي يۇقىرىقى ئايەتنى تەپسىرلەپ مۇنداق دېگەن: "ئاللاھ تائالا زىنانى قەبىھ ئىش، يامان يول دەپ سۈپەتلىدى، پاھىشە بولسا شەرىئەت، ئەقىل ۋە ئىنسان تەبىئىتىدە بۇزۇقچىلىق دەپ ھېسابلانغان قىلمىشتۇر. بۇ گۇناھ ، ئاللاھنىڭ چەكلىمىلىرىگە تاجاۋۇز قىلىش، ئايال كىشىنىڭ ھەققىگە تاجاۋۇز قىلىش، ئايال كىشى ئاتا-ئانىسىنىڭ ھەققىگە تاجاۋۇز قىلىش، ئايال كىشى ئېرىنىڭ ھەققىگە تاجاۋۇز قىلىش، ئائىلە ۋە نەسەبلەرنى بۇزۇشتىن ئىبارەت قەبىھ ئىشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ، بۇ گۇناھقا قەدەم بېسىشنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ خەتەرلىك ئىكەنلىكى توغرىسىدا چۈشەنچە بېرىدۇ".
2- زىنانىڭ يامراپ كېتىشىدىن كېلىپ چىقىدىغان ئاقىۋەتنى ياشلارغا چۈشەندۈرۈش. زىناخورلۇق ۋە پاھىشىنىڭ جەمئىيەتتە يامراپ كېتىشىنىڭ تەسىرى بولسا، ئائىلە ۋە جەمئىيەت مۇقىملىقىغا تەھدىت يەتكۈزۈپلا قالماستىن، ھارامدىن بالا تۇغۇلۇشى، ئائىلىنىڭ ۋەيران بولىشى، بالىلارنىڭ يېتىم بولۇپ ناچار ئەخلاقلارنى ئۆزىگە ئۆزلەشتۈرۈشى، ئاجرىشىش نىسبىتىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشى، جىنايى قىلمىشلارنىڭ كەڭ كۆلەمدە تارقاپ كېتىشى بۇنىڭ تىپىك مىسالىدۇر. شۇنداقلا بۇلار ئىنسانلار جەمئىيىتىنىڭ ئارقىغا چېكىنىشى ۋە مەدەنىيىتىنىڭ ۋەيران بولىشىنىڭ سىگنالىدۇر.
3- شەرىئەت ھالال يول بىلەن جىنسى مۇناسىۋەت قىلىش يوللىرىنى كۆرسىتىپ، شەرىئەت ئىنسانلارنىڭ نورمال تۇرمۇش قۇرۇشىغا تەرغىب قىلىش بىلەن بىرگە، نىكاھ قانۇن پرىنسىپلىرىنى تۇرغۇزدى. توي قىلىش يەنى نىكاھلىنىش پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتى بولۇپ، ساغلام يول بىلەن نىكاھلانغان كىشىلەرنىڭ ئىمانى تولۇقلىنىدۇ ۋە شۇ سەۋەبلىك ئۆزى ۋە ئايالىنى يامان ئىشلاردىن ساقلاپ قالىدۇ. بۇ ئارقىلىق ئەخلاقلىق بىر جەمئىيەتنىڭ بەرپا بولىشىغا تۆھپە قوشقان ھېسابلىنىپ ئاللاھتىن چەكسىز ئەجىرلەرگە ئېرىشىدۇ.
4- ياشلارنىڭ تۇرمۇش قۇرۇشىغا توسالغۇ بولىدىغان ئامىللارنى يوقىتىشقا تىرىشىش. توي قىلىشقا قۇربى يەتمىگەنلەرگە جەمئىيەت ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتلەردىن ياردەم بېرىشى لازىم.
ئىمام قۇرتۇبىي رەھىمەھۇللاھ سۈرە نۇرنىڭ مۇنۇ 32- ئايىتىنى تەپسىر قىلىپ، ئاراڭلاردىكى بويتاق ئەر، ئاياللارنىڭ ۋە ياخشى قۇل ۋە ياخشى چۆرىلىرىڭلارنىڭ بېشىنى ئوڭلاپ قويۇڭلار؛ ئەگەر ئۇلار يوقسۇز بولىدىغان بولسا (ئۇلارنىڭ يوقسۇزلۇقى سىلەرنىڭ ئۇلارنىڭ بېشىنى ئوڭلاپ قويۇشۇڭلارغا توسۇق بولمىسۇن)، ئاللاھ ئۇلارنى ئۆز كەرىمى بىلەن باي قىلىدۇ، ئاللاھنىڭ (كەرىمى) كەڭدۇر، ئاللاھ بەندىلەرنىڭ مەنپەئىتىنى بىلگۈچىدۇر. ئاراڭلاردىن توي قىلالمىغانلارنىڭ تويىنى قىلىپ قويۇڭلار، بۇ بولسا ئىپپەتنىڭ يولى دېگەن. ئەبۇبەكرى ئۇبەيدە قاسىم ئىبنى سەلام "ئەلئەمۋال" دېگەن ئەسىرىدە "ئۆمەر ئىبنى ئابدۇل ئەزىز ئىراقتىكى ۋالىسىغا: ئۆيلىنەلمىگەن پۇل-مېلى يوق بويتاق ياشلارغا قاراپ، ئەگەر ئۇلار توي قىلىشنى نىيەت قىلغان بولسا، ئۇلارنىڭ تويىنى قىلىپ، ئۇلارنىڭ مېھرىنى ئادا قىلىپ تويلاپ قويغىن" دېگەنلىكىنى نەقىل قىلىدۇ. ئىبنى قۇدامە "مۇغنىدا" مۇنداق دەيدۇ: "توي قىلىش يېشىغا يېتىپ قالغان بالىنى ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆيلەپ قويۇشى ۋاجىپ بولىدۇ".
5- ئاتا-ئانا ۋە جەمئىيەتنىڭ نىكاھتىكى ئەڭ ئەقەللىي مەسئۇلىيىتى تويلۇق مېھرىدىكى قىممەتلىكنى، تويدىكى شۆھرەتپەرەسلىك ۋە شەكىلۋازلىقنى تاشلاشتۇر. ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۆز خۇتبىسىدە مۇنداق دېگەن: "ئاياللارنىڭ مېھرى ھەققىنى قىممەتلەشتۈرىۋەتمەڭلار، ئەگەر ئۇ دۇنيادا شەرەپ ئىش بولىدىغان بولسا ياكى ئاللاھنىڭ نەزىرىدە تەقۋالىق بولىدىغان بولسا، جەزمەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سىلەردىن ئىلگىرى بۇ ئىشنى قىلغان بولاتتى". پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆز نىكاھىدا ۋە قىزلىرىنىڭ نىكاھلىرىدا مېھرىنى 12 ئۇقىيەدىن ئاشۇرمىغان ئېدى".
ئاتا-ئانىلارنىڭ قىزلىرىنىڭ مېھرى ھەققىنى قىممەت قىلىۋېتىشى (يەنى تويلۇقنى ئۇستۇن قىلىشى) جەمئىيەتتە چىرىكلىك ۋە بۇزۇقچىلىق پەيدا قىلىدىغان سەۋەبلەردىن بىرى ھېسابلىنىدۇ.
ياۋروپالىق ۋۇلدىيۇرانت دېگەن ئالىم "پەلسەپىنىڭ گۈزەل كۆرۈنىشى" دېگەن ئەسىرىدە: "غەرب ئەللىرىدە بۇزۇقچىلىقنىڭ يامراپ كېتىشىنىڭ سەۋەبى ئاتا-ئانىلارنىڭ تويلۇقنى زىيادە قىممەت قىلىۋالغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، توي قىلىش ئاشكارا ئېلىم-سېتىمغا ئوخشاش بولۇپ قالغان" دەپ يازىدۇ.
6- جەمئىيەتنى چىرىكلىك ۋە بۇزۇقچىلىقتىن ساقلايدىغان مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى، ئائىلىدە مۇھەببەتلىك تۇرمۇشنىڭ مەۋجۇتلۇقى بولۇپ، ئەر-ئايال ئارىسىدا مۇھەببەت، ئېھتىرام، راستچىللىق، ۋاپادارلىق ۋە بىر-بىرىنىڭ ھەققىنى ئادا قىلىش بىلەن بەختكە چۆمگەن كەيپىيات بارلىققا كېلىدۇ. ھەقىقى بەختلىك ئائىلە ۋە بىر-بىرىنى چۈشىنىدىغان ئەر-ئاياللار جەمئىيەتنىڭ ئىسلاھ قىلىنىشىغا ئۆزگىچە ھەسسە قوشقان بولىدۇ.
7- شۇنداقلا بىز شەرىئەتكە خىلاپ كىيىنىش-ياسىنىش، ئەۋرەتلىرىنى يۆگەيدىغان، ئاللاھنىڭ ھەققىنى ئادا قىلىدىغان، ئائىلىسىنىڭ ھەققىنى ئادا قىلىدىغان، جەمئىيەتتە ئۇستىگە يۈكلەنگەن مەجبۇرىيەتتىن باش تارتمايدىغان، دىنىنى، مىللىتىنى، ۋەتىنىنى سۆيىدىغان ۋە مىللەتنى ئىسلاھ قىلىش يولىدا ئاۋانگارتلارچە تۆھپە قوشالايدىغان بىر تۈركۈم مۇسۇلمانلارنىڭ بارلىققا كېلىشى بىلەن، جەمئىيەتتىكى دىن، مىللى ئەخلاق قوبۇل قىلالمايدىغان ناشايان قىلمىشلار ئۆزلىگىدىن قۇيرۇقى ئىچىگە كېرىپ كېتىدۇ. ئۇنىڭ ئەكسىچە بولىدىكەن ئۇ جەمئىيەت ۋە مىللەتنىڭ ئاقىۋىتىنى تەسەۋۋۇر قىلىش قىيىن. ئاللاھ ھەممىمىزنى دوزاخ ئوتىدىن ساقلاپ، جەننىتى بىلەن مۇكاپاتلىسۇن.


مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

كۆز قاراش ئەۋەتىش