يەل چىقىشنىڭ داۋاملىشىشى بىلەن تاھارەت بۇزۇلامدۇ؟

سوئال 8910

مەن ئۈچەينىڭ غىدىقلىنىش كېسىلىگە گىرىپتار بولدۇم. ئۇنىڭ بەزى ئالامەتلىرى قورساق كۆپۈش ۋە ئاشقازان كۆپۈپ گاز قويۇپ بېرىش قاتارلىقلار بولۇپ، مەن ھەر قېتىم تاھارەت ئالغاندا، تاھارەت ئېلىش جەريانىدا ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن ياكى ناماز ئوقۇۋاتقاندا ئاشقازان كۆپۈپ گاز چېقىش سەۋەبىدىن، بەزىدە بەش قېتىمغىچە تەكرار تاھارەت ئالىمەن،  كۆرۈۋاتقىنىڭىزدەك، بۇ ھەمىشە يۈز بەرمەيدۇ، ئەمما كۆپ ۋاقىتتا تەكرارلىنىپ تۇرىدۇ.  بۇ ئىش مېنى تاراۋىھ نامازلىرىنى ئادا قىلىشىمغا توسقۇنلۇق قىلىدۇ.  مەن بىر قىز بولساممۇ، جۈمە نامىزىغا قاتنىشىشنى خالايمەن، ئەمما ئىلگىرى تىلغا ئالغان سەۋەبلەر تۈپەيلى قاتنىشالمايمەن. شۇنداقلا، مەن دۇچ كەلگەن ئاشقازان كۆپۈپ چىققان گاز نورمال نورمال چىققان گازدىن پەرقلىق بولۇپ، ئۇنىڭ پۇرىقى بەك سېسىق، مەن نېمە قىلىشىم كېرەك؟ تاھارەتنى داۋاملىق يېڭىلىشىم كېرەكمۇ؟ مېنىڭ شۇنداق قىلىشىم كېرەكمۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

قىسقىچە جاۋاپ

ئەگەر ئاشقازان كۆپۈپ گاز-يەل چىقىش ئۈزلۈكسىز بولۇپ، پەقەت قىسقا ۋاقىت ئىچىدە توختىسا، ئۇ كىشى ئۆزۈرلۈك كىشى دەپ قارىلىدۇ ۋە ھەر بىر ناماز ئۈچۈن ۋاقتى كىرگەندىن كېيىن تاھارەت ئېلىشى كېرەك.  ناماز ۋاقتىدا ئاشقازان كۆپۈپ چىققان گاز-يەل تاھارەتنى بۇزمايدۇ.

مەزمۇنغا ئالاقىدار تىمىلار

جاۋاپنىڭ تېكىستى

ئاللاھ تائالادىن سوئال سورىغۇچى ھەمشىرىمىزگە ئاجىل شىپالىق بېرىشنى سورايمىز، ئۇنىڭ دىننى چۈشىنىشكە بولغان ھېرىسمەنلىكى، دىنى ئىشلارنى ئېنىق چۈشىنىش ئۈچۈن ھايا-خىجىللىقنى قويۇپ ئەمەلىي ئەھۋالنى بايان قىلغانلىقىغا ياخشى مۇكاپات ئاتا قىلسۇن.

ئاشقازان كۆپۈپ گاز-يەل چىقىپ تاھارەتنى بۇزۇشى ۋەسۋەسىدىن بولامدۇ؟.

ناماز ئادا قىلغۇچى بەزى ۋاقىتتا نامازدا تۇرۇپ ئۆزىدىن بىر نەرسە چىقاردىمىكىن دەپ خىيال قىلىپ قالىدۇ، ئەمەلىيەتتە بىر نەرسە چىقمىغان، بۇ شەيتاننىڭ نامازنى بۇزۇش، نامازدا خۇشۇنى يوق قىلىش مەقسىتىدە پەيدا قىلىدىغان ۋەسۋەسىسىدۇر، ناماز ئادا قىلغۇچى ئۆزىدىن بىر نەرسە چىققانلىقىغا تولۇق ئىشەنچ قىلمىغان ھالەتتە نامازنى تەرك قىلىشى توغرا بولمايدۇ.

ئەبباد ئىبنى تەمىيم تاغىسىدىن بايان قىلىدۇكى، ئۇ كىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا:  بىر ئادەم نامازدا تۇرۇپ ئۆزىدىن بىر نەرسە چىققانلىقىنى خىيال قىلىپ قالسا نامازنى بۇزۇپ چىقىپ كېتەمدۇ؟ دەپ سورىغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئاۋازنى ئاڭلىمىغۇچە ۋە بىرەر پۇراقنى پۇرىمىغۇچە نامازنى بۇزۇپ چىقىپ كەتمەيدۇ»دېدى. [بۇخارى رىۋايىتى 137 -ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 362 -ھەدىس].

ھەدىستىن بولغان مەقسەت تاھارەتنىڭ بۇزۇلۇش ھۆكمىنى بىرەر ئاۋاز ئاڭلاش ياكى پۇراقنى پۇراشقا ئالاقىدار قىلىپ قويۇش ئەمەس، بەلكى بىرەر ئاۋاز ئاڭلىمىسا ياكى پۇراقنى پۇرىمىسىمۇ بىرەر نەرسىنىڭ چىققانلىقىغا ئىشەنچ بولسا بۇ تاھارەتنىڭ بۇزىلىشىغا كۇپايە قىلىدۇ. [شەرھى مۇسلىم 4 -توم 49 -بەت].

تاھارەتنىڭ بۇزۇلۇشنىڭ شەرتى ئېنىقلىقتۇر.

ئەسلى قائىدە:  ناماز ئوقۇغۇچى تاھارەت ئالغان بولسا، ئۇنىڭ تاھارىتى شەك بىلەن بۇزۇلمايدۇ، بەلكى تاھارىتى سۇنغانلىقىغا ئىشەنچ قىلىش ۋاجىپ بولىدۇ، تاھارىتى بۇزۇلغانلىقىغا ئىشەنچ قىلغاندا، نامازنى بۇزۇپ چىقىپ تاھارەت ئىلىپ كېرىدۇ.

تاھارەتنىڭ بۇزۇلۇشى ئالدى-ئارقا ئىككى تەرەپتىن بىر نەرسە چىققانلىققا ئىشەنچ قىلىش بىلەن بولىدۇ، ھەرگىزمۇ شەكلىنىش ياكى خىيال بىلەن بولمايدۇ، بىر نەرسە چىقماستىن پەقەت ئاشقازاننىڭ كۆپۈپ قالغانلىقىنى ھېس قىلىش بىلەنلا تاھارەت بۇزۇلمايدۇ.

ئاشقازان-ئۈچەينىڭ كۆپۈشى سەۋەبىدىن چىققان گاز-يەل تاھارەتنى بۇزۇۋېتەمدۇ؟.

سىز شىكايەت قىلغان گاز-يەلنىڭ ھۆكمى خۇن كېسىلى ۋە سۈيدۈك تېمىپ تۇرىدىغان كىشىنىڭ ھۆكمىگە ئوخشايدۇ . [شەرھىل مۇمتى 1 -توم 437 -بەت].

بۇنىڭ ئەھۋالى ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ:

1-ئۇنىڭ ئۈزۈلىدىغان ۋاقتى بولىدۇ، ئەگەر يەل مەلۇم ۋاقىت چىقىپ ئاندىن يەنە تاھارەت ئىلىپ، ناماز ئوقۇغۇدەك ۋاقىت ئۆتكۈچە توختاپ ئاندىن يەنە چىقىدىغان بولسا، سىز يەل ئۈزۈلگەن ۋاقىتتا تاھارەت ئىلىپ نامازنى ئادا قىلىڭ.

2-يەل ئۈزۈلمەي دائىم چېقىپ تۇرىدىغان بولسا، سىز ھەر نامازنىڭ ۋاقتى كىرگەندىن كېيىن تاھارەت ئىلىپ شۇ تاھارەت بىلەن نامازنى ئادا قىلسىڭىز بولىدۇ، تاھارەت ئېلىش ۋە ناماز ئوقۇش جەريانىدا يەل چىقىپ كەتسە بۇنىڭ زېيىنى بولمايدۇ.

ئالىملارنىڭ سۈيدۈك تۇتالماسلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ تاھارەت ئېلىشى توغرىسىدىكى پەتىۋالىرى.

شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ناماز ئادا قىلغۇدەك ۋاقىتتىمۇ تاھارىتىنى ساقلىيالمايدىغان كىشى بولسا، ئۇ كىشى بارلىق ئالىم-ئۆلىمالارنىڭ بىردەك قارىشى بىلەن ھەر نامازغا ئايرىم تاھارەت ئالىدۇ، تاھارەت ۋە ناماز جەريانىدا يەل چىكىتىپ قالسا بۇنىڭ زېيىنى بولمايدۇ.  [پەتىۋالار مەجمۇئەسى 21 -توم 221 -بەت].

ئىلمى تەتقىقات پەتىۋا كومىتېتى ئۆلىمالىرىدىن:  سۈيدۈك تۇتالماسلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان كىشىنىڭ ئەھۋالىدىن سوراپ، ئەگەر ئۇ كىشى سۈيدۈك تامچىلىرى توختىغىچە كۈتسە جامائەت نامازنى ئادا قىلىپ بولىدۇ، بۇنىڭ ھۆكمى قانداق بولىدۇ؟ دەپ سورالغاندا، ئۇلار مۇنداق جاۋاب بەردى : "ئەگەر ئۇ سۈيدۈك تامچىلىرىنىڭ توختايدىغانلىقىنى بىلسە، جامائەتنىڭ پەزىلىتىنى تاپىمەن دەپ سۈيدۈك تېمىپ تۇرغان ھالەتتە تاھارەت ئېلىپ ناماز ئوقۇشى توغرا بولمايدۇ، ئۇ كىشى كۈتۈپ تۇرۇپ سۈيدۈك تامچىلىرى توختىغاندىن كېيىن تاھاەرت ئېلىپ گەرچە جامائەت ئوقۇپ بولغان بولسىمۇ يالغۇز بولسىمۇ ئوقۇيدۇ، ئۇ كىشى جامائەت نامىزىغا يېتىشىش ئۈچۈن نامازنىڭ ۋاقتى كىرگەندىن كېيىنلا ئىستىنجا قىلىپ تاھارەت ئېلىشقا ئالدىرىشى كېرەك.

ئىلمى تەتقىقات پەتىۋا كومىتېتى يەنە تۆۋەندىكىدەك پەتىۋالارنى چىقاردى:  ئادەتتىكى قائىدە شۇكى، يەلنىڭ چېقىشى تاھارەتنى بۇزىدۇ. لېكىن بۇ بىر كىشىدىن داۋاملىق يۈز بەرسە، ناماز ئوقۇشنى نىيەت قىلغاندا ھەر بىر ناماز ئۈچۈن يېڭىدىن تاھارەت ئېلىشى كېرەك.  ئەگەر ئۇ كىشى ناماز ئوقۇۋاتقاندا يەل چىقىپ كەتسە، ، بۇ، نامازنى بۇزمايدۇ، ئۇ  كىشى نامازنى داۋاملاشتۇرۇپ شۇ بويۇنچە تاماملايدۇ،  بۇ، ئاللاھنىڭ بەندىلىرىگە بەرگەن بىر ئاسانلىقى ۋە ئۇلاردىن قىيىنچىلىقنى كۆتۈرىۋېتىشىدۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن:  «ئاللاھ سىلەرگە ئاسانلىقنى خالايدۇ» [سۈرە بەقەرە 187 -ئايەت]

ۋە يەنە مۇنداق دەيدۇ:  «ئاللاھ تائالا سىلەرگە دىندا ھېچقانداق قىيىنچىلىق قىلمىدى» [سۈرە ھەج 78 -ئايەت].

ئىلمى تەتقىقات پەتىۋا كومىتېتى 5/411.

سېسىق پۇراقلىق كىشىلەرنىڭ مەسچىتكە كىرىشىنىڭ ھۆكمى.

سىزنىڭ مۇشۇ پۇراقلار بىلەن مەسچىتكە بېرىشىڭىز توغرا بولمايدۇ، مەسچىتنى ھەر قانداق سېسىق پۇراقلاردىن پاكىز تۇتۇش ۋاجىپ بولىدۇ، چۈنكى بۇ پۇراقلار مەسچىتتىكى باشقا جامائەتكە ۋە ئېسىل پەرىشتىلەرگە ئەزىيەت بولىدۇ.

ھەقىقەتەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سامساق، پىياز ياكى جۈسەي دېگەندەك پۇراقلىق  كۆكتاتلارنى خام يېگەنلەرنى مەسچىتكە يېقىن كېلىشتىن چەكلىگەن، بۇ توغرىدا جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سامساق ياكى پىيازنى خام يېگەن كىشىلەر بىزدىن يىراق تۇرسۇن ياكى بىزنىڭ مەسچىتلىرىمىزدىن يىراق بولۇپ ئۆيىدە ئولتۇرسۇن» .  [بۇخارى ۋە مۇسلىمدا بايان قىلىنغان].

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «پىياز، سامساق ۋە جۈسەي قاتارلىق كۆكتاتلارنى خام يېگەن كىشى بىزنىڭ مەسچىتلىرىمىزگە يېقىنلاشمىسۇن. ھەقىقەتەن ئىنسان ئەۋلادلىرى ئەزىيەت چەككەن نەرسىدىن پەرىشتىلەرمۇ ئەزىيەت چېكىدۇ» [مۇسلىم رىۋايىتى 564-ھەدىس].

«پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام خام پىياز ياكى سامساقنىڭ پۇرىقى تىپىلغان كىشىنى مەسچىتتىن چىقىرىۋېتىشكە بۇيرىغان».

ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ:  «مەن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مەسچىتتە خام سامساق ۋە پىيازنىڭ پۇرىقى تىپىلقان كىشىنى بەقىيگە چىقىرىۋېتىشكە بۇيرىغانلىقىنى كۆرگەنىدىم». [مۇسلىم رىۋايىتى 567-ھەدىس].

تەپسىلى چۈشەنچە ھاسىل قىلىش ئۈچۈن بۇ نومۇرلۇق سوئاللارنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن  118037، 158668، 209517، 176951، 39494، 20958، 109191،  283410 .

ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەرجەلەر

تەرەتنى بۇزىدىغان ئامىللار
كىسەلنىڭ نامىزى

مەنبە

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

Previous
كېيىنكى
answer

مەزمۇنغا ئالاقىدار تىمىلار

at email

ئېلخەت خىزمىتى

ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىنىڭ ئېلخەت خىزمىىتىگە ئىشتىراك قىلىڭ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

سەھىپىنى ئىنتىرنىتسىز كۆرۈش ۋە مەزمۇنلارغا ئەڭ تىز سۈرئەتتە ئۈلىشىش

download iosdownload android