يەكشەنبە 19 شەۋۋال 1445 - 28 ئاپرىل 2024
Uygur

ئەلجەۋۋاد ئاللاھنىڭ ئىسىملىرىدىن دېگەنلىك توغرىسىدا

سۇئال

   ئەلجەۋۋاد ئاللاھنىڭ گۈزەل ئىسىملىرىدىن بىرىمۇ؟ ئابدۇلجەۋۋاد دەپ ئاتىساق بولامدۇ؟، ئەگەر ئۇ ئاللاھنىڭ ئىسىملىرىن بولمىسا،  ئاللاھنىڭ سۈپەتلىرىدىنمۇ؟، ئابدۇلجەۋۋاد دەپ ئات قويساق بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

   «ئەلجەۋۋاد» دېگەن ھەدىستە بايان قىلىنغاندەك ئاللاھنىڭ گۈزەل ئىسىملىرىدىن بىرىدۇر. بۇ ھەقتە بەيھەقى"شۈئەبىل ئىيمان"دا، ئەبۇ نۇئەيىم"ھىليەتۇل ئەۋلىيا"دا  كەلتۈرگەن، تەلھە بىن ئۇبەيدۇللاھ ۋە ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا بەك سېخىدۇر، سېخىيلىقنى ياقتۇرىدۇ، يۈكسەك ئەخلاقنى ياقتۇرىدۇ، ناچار -پەسكەشلىكنى ياقتۇرمايدۇ». [ئەلبانى سەھىھ دەپ "سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا" 1744-ھەدىستە كەلتۈرگەن].

    ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ "نۇنىيەدە"مۇنداق دەيدۇ: "ئاللاھ تائالا سېخىدۇر. ئاللاھنىڭ سېخىيلىقى ياخشىلىق ۋە ئېھسان قىلىش بىلەن ھەممە مەۋجۇداتقا ئومۇم بولىدۇ. ئاللاھ تائالا بەك سېخى بولۇپ، گەرچە كاپىر قەۋمدىن بىر كىشى بىر نەرسە سورىسا، ئۇنىمۇ ئۈمىدسىز قايتۇرمايدۇ".

    شەيخ سەئدى ئۆزىنىڭ تەپسىر كىتابىنىڭ 5-توم 299-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "ئەررەھمان، ئەررەھىيم، ئەلبىر، ئەلكەرىيم، ئەلجەۋۋاد، ئەررەئۇپ ۋە ئەلۋەھھاب" قاتارلىق بۇ ئىسىملار يېقىن مەنالارنى بىلدۈرىدۇ، بۇ ئىسىملارنىڭ ھەممىسى ئاللاھ تائالانىڭ "رەھمەت، ياخشىلىق، سېخىلىق، ئېسىللىق بىلەن سۈپەتلىنىدىغانلىقى، ئاللاھ تائالانىڭ رەھمىتىنىڭ كەڭرىي ئىكەنلىكى، ئاتا-ئېھسانىنىڭ ھېكمىتىنىڭ تەقەززاسى بويۇنچە بارلىق مەخلۇقاتلارغا ئومۇم بولىدىغانلىقى، مۆمىنلەرگە تولۇق، مۇكەممەل نېسىۋە بېرىش بىلەن خاس بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ".

    شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ ئاللاھ تائالانىڭ گۈزەل ئىسىملىرىنى بايان قىلىپ: "ئەلجەمىيل، ئەلجەۋۋاد، ئەلھەكەم، ئەلھەي  قاتارلىق ئىسىملار پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرىدە كەلگەن"دەيدۇ. ]"قەۋائىدۇل مۇسلا"[.

   شەيخ ئەلەۋىي ئىبنى ئابدۇلقادىر سەققاپنىڭ" قۇرئان، ھەدىستە كەلگەن ئاللاھنىڭ سۈپەتلىرى" دېگەن كىتابقا قارالسۇن.

    شۇنىڭغا ئاساسەن: ئابدۇلجەۋۋاد دەپ ئىسىم قويسا توغرا بولىدۇ.

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى