شەنبە 18 شەۋۋال 1445 - 27 ئاپرىل 2024
Uygur

دەرس جەريانىدا مەكتەپ ئۇقۇغۇچىنى بىر ئاي جازانە بانكىسىدا پىراكتىكا قىلىشنى تەلەپ قىلغانلىق توغرىسىدا

سۇئال

   مەن تىجارەت ۋە ئىقتىساد باشقۇرۇش پاكۇلتېتى ئۈچىنچى يىللىق ئوقۇغۇچىسى، مەكتەپ بىزنى بىر ئاي شىركەت ياكى بانكا ئورۇنلىرىدا مەشىق قىلىشنى تەلەپ قىلدى، مەن دائىم ئىسلام بانكىسىدا پراكتىكا قىلىشنى ئويلايتتىم، لېكىن بىزنىڭ يۇرتتا ئىسلام بانكىسى يوق، شۇنىڭ ئۈچۈن مەن سىلەردىن تىجارەت كەسپىنى تەجرىبە قىلىش ئۈچۈن مۇشۇنداق جازانە بانكىلىرىدا پراكتىكا قىلىشنىڭ ھۆكمىنى سورىماقچى؟ ئەگەر پراكتىكا ئاخىرلاشقاندىن كېيىن مۇكاپات چىقىپ قالسا، ئۇنىڭ ھۆكمى قانداق بولىدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

   بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

   بىرىنچى: جازانە ئورۇنلىرىدا خىزمەت قىلىش توغرا بولمايدۇ، ئاللاھ تائالا سىزگە ئىلىم ۋە ھىدايەتنى زىيادە قىلسۇن، ياخشىلىق قەيەردە بولسا ئۇنى سىزگە ئاسانلاشتۇرۇپ بەرسۇن.

    ئىككىنچى: جازانە بولىدىغان شىركەت ۋە بانكىلاردا خىزمەت قىلىش توغرا بولمايدۇ، ئۇ خىزمەتتە گۇناھ ۋە دۈشمەنلىككە ھەمكارلاشقانلىق بولىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَتَعَاوَنُوا عَلَى الْبِرِّ وَالتَّقْوَى وَلَا تَعَاوَنُوا عَلَى الْإِثْمِ وَالْعُدْوَانِ وَاتَّقُوا اللَّهَ إِنَّ اللَّهَ شَدِيدُ الْعِقَابِ‏ تەرجىمىسى: «ياخشى ئىشقا ۋە تەقۋادارلىققا ياردەملىشىڭلار، گۇناھقا ۋە زۇلۇمغا ياردەملەشمەڭلار، ئاللاھ (نىڭ ئازابى) دىن قورقۇڭلار، ئاللاھنىڭ ئازابى ھەقىقەتەن قاتتىق» [سۈرە مائىدە 2-ئايەت].

    جازانىنى يازغان ۋە شاھىت بولغانلارغىمۇ لەنەت قىلىنغانلىق توغرىسىدا ھەدىسلەر كەلدى. جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: «پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام جازانە ئالغان، جازانە بەرگەن، توختام يازغان، شاھىت بولغانلارغا لەنەت قىلغان» [مۇسلىم رىۋايىتى 1598-ھەدىس].

    ئوقۇغۇچىنىڭ بۇ بانكىدا پراكتىكا قىلىشى توغرا بولمايدۇ، بۇ جازانە ئىشلىرىغا بىۋاستە قول تىقىش ياكى ئۇنىڭغا ياردەم بېرىشنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ، ئەمما ئوقۇغۇچى شۇنىڭغا مەجبۇر بولۇپ قالسا، بۇنىڭدىن قۇتۇلۇشنىڭ چارىسى بولمىسا، ئۇ يەرگە جازانىنى ئۆچ كۆرۈش، ئىنكار قىلىش، جازانە ئىشلىرىغا ئورتاق بولۇشتىن چەكلىنىش شەرتى بىلەن بارسا بولىدۇ، بەلكى ئۇلارغا نەسىھەت قىلىپ، جازانىنىڭ ھارام ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ بېرىپ، ھۇشيارلىق بىلەن ئۇ يەردىكى بەزى ئىجرائاتلارنى بىلىپ ۋە پايدىلانسا بولىدۇ.

ئەمما پراكتىكا ئاخىرلاشقاندىن كېيىن بېرىدىغان مۇكاپاتنى ئېلىپ ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئۇنى پىقىر-مىسكىنلەرگە تارقىتىپ بېرىدۇ، چۈنكى ئۇ ھارام خىزمەتنىڭ بەدىلىگە بەرگەن نىجىس مالدىن ئىبارەتتۇر.

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى