شەنبە 20 جىمادۇسسانى 1446 - 21 دىكابىر 2024
Uygur

خەتنە قىلىش ، ئۇنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى ۋە ئەھكاملىرى

سۇئال

بىزگە خەتنە قىلىشنىڭ نىمىلىكىنى ۋە ئۇنىڭ ئورنىنى بايان قىلىپ بىرەلەمسىز ؟

جاۋاپنىڭ تىكىستى

مەدھىيە ئاللاھقا بولسۇن
ئىبنۇ قەييىم ( ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھىم-شەپقەت قىلسۇن) بوۋاقلارنىڭ ئەھكاملىرى ھەققىدە تۇھفەتۇل مەۋدۇد فى ئەھكام ئەل مەۋدۇد ناملىق بىر قىممەتلىك كىتابنى يازغان . بۇ كىتاپتا ئۇ خەتنە قىلىش ۋە ئۇنىڭ ئەھكاملىرى ھەققىدە بىر مول باب يىزىپ چىققان . تۆۋەندىكىسى بولسا بىر قىسىم باشقا ئالىملارنىڭ ئىلاۋىلىرىنى قوشۇپ ئۇنىڭ خۇلاسىسى .
1- خەتنە قىلىشنىڭ مەنىسى :
ئىبنۇ قەييىم مۇنداق دىگەن :
خەتنە بولسا خەتنە قىلغۇچىنىڭ ھەركىتىنى ئىپادىلەيدىغان ئىسىم . ئۇ يەنە خەتنە قىلىنىش ئورنىنى ئىپادىلەشكىمۇ قوللىنىلىدۇ ، خۇددى ھەدىيستە كەلگەندەك : ئىككى خەتنە ( ئىككى خەتنە قىلىنغان ئورۇن) ئۇچراشسا ، غۇسلە ۋاجىپ بولىدۇ . ھەمدە ئۇ ئايال جىنسىغا نىسبەتەن خەفز دەپ ئاتىلىدۇ . ئەرگە نىسبەتەن يەنە ئىئېزار دەپمۇ ئاتىلىدۇ . خەتنىسى قىلىنمىغان كىشى ئەغلەف ياكى ئەقلەف دىيلىدۇ .
[ تۇھفەتۇل مەۋدۇد ،1152 ]
2- خەتنە قىلىش بولسا ئبراھىيم ۋە ئۇنىڭدىن كىيىنكى پەيغەمبەرلەرنىڭ سۈننىتى :
بۇخارىي ( 6298) ، مۇسلىم( 2370) ئەبۇ ھۇرەيرىدىن نەقىل قىلدىكى ، پەيغەمبەر(ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھىم-شەپقەت قىلسۇن) مۇنداق دىگەن : ئىبراھىيم خەتنىسىنى 80 ياشقا كىرگەندە ئۆزى قىلغان ، ھەمدە ئۇ كەكە بىلەن خەتنىسىنى قىلغان .
كەكە( قەدۇم) بولسا ياغاچچىلارنىڭ سايمىنى ؛ دىيلىدىكى ، قەدۇم بولسا سۈرىيەدىكى بىر جاينىڭ ئىسمى .
ھافىز بىن ھەجەر مۇنداق دىگەن :
" ھەدىيستە تىلغا ئىلىنغان نىمىنىڭ سايماننى كۆرسىتىشى بەكراق ئىھتىمالغا يىقىن . ئەبۇ يەئېلا نەقىل قىلدىكى ، ئەلىي بىن رەباھ مۇنداق دىگەن : " ئىبراھىيم خەتنىسىنى قىلىشا بۇيرۇلغان ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ خەتنىسىنى ئۆزى كەكە بىلەن قىلغان ھەمدە ئۇ ئۇنىڭغا ناھايىتى ئەلەملىك بولغان . ئاندىن ئاللاھ ئۇنىڭغا مۇنداق دەپ ۋەھىي قىلغان : بىز ساڭا نىمە سايمان ئىشلىتىشنى ئېيتىشتىن بۇرۇن ، ئۇنى قىلىشقا ئالدىراپ كەتتىڭ . ئۇ : ئى پەرۋەردىگار ، مەن سىنىڭ بۇيرۇقۇڭغا ئىتائەت قىلىشنى كېچىكتۈرۈشنى خالىمىدىم . دىگەن .
ئىبنۇ قەييىم مۇنداق دىگەن :
خەتنە قىلىش بولسا ئاللاھ ئۆزىنىڭ يىقىن دوستى ئىبراھىيمنى سىنىغان نەرسىلەرنىڭ بىرى ئىدى . ئۇ ئۇ ئۇلارنى پۇختا قىلدى ، شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ ئۇنى ئىنسانلارنىڭ رەھبىرى قىلدى . نەقىل قىلىندىكى ،يۇقۇردا تىلغا ئىلىنغاندەك ، ئۇ خەتنىسىنى قىلغان بىرىنچى كىشى . سەھىيھتە دىيىلگىنى بولسا ئىبراھىيم 80 يىشىدا ئۆزىنىڭ خەتنىسىنى قىلدى . ئۇنىڭدىن كىيىن ، خەتنە قىلىش پەيغەمبەرلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى ئارىسىدا ھەتتا مەسىيھگىچە داۋاملاشتى . ئۇ خەتنىسىنى قىلغان ھەمدە خىرىستىئانلار ئۇنى ئىتراپ قىلىدۇ ، ئۇنى ئىنكار قىلمايدۇ ، شۇنىڭدەك ئۇلار ئۇنىڭ چوشقا گۆشىنى ... ھارام قىلغانلىقىنى ئىتراپ قىلىدۇ .
[ تۇھفەتۇل مەۋدۇد ، 158-159 ب ]
بىراق ئالىملار خەتنە قىلىشنىڭ ھۆكمى ھەققىدە ئىختىلاپلاشتى .
پېشىۋا ئىبنۇ ئۇسەيمىين مۇنداق دىگەن :
" ئەڭ توغرا قاراش شۇكى ،ئۇ ئەرلەرگە ۋاجىپ ، ئاياللارغا سۈننەت . ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى پەرق ، ئۇ ئەرلەرگە نىسبەتەن ، نامازنىڭ شەرتلىرىدىن بىرى بولغان پاكلىنىشقا پايدىسى بار ، چۈنكى بۇ تىرە ئىلىۋىتىلمىگەندە ، سۈيدۈك زەكەر تۆشۈگىدىن چىققاندا تۇرۇپ قالىدۇ ۋە يىغىلىپ قالىدۇ ، ھەمدە ھەر قىتىم ھەركەت قىلغاندا كۆيۈپ ئىچىشىش ۋە ياللۇغلىنىشقا سەۋەپ بولىدۇ ، ياكى بۇ تىرە سىقىلسا ، سۈيدۈك چىقىپ ئۇنى نىجاسەت قىلىدۇ .
ئايالغا نىسبەتەن ، ئۇنىڭ جىنسىي شەھۋىتى پەسەيتىشتىن ئىبارەت پايدىسى بولىدۇ . بۇ بولسا كامالەتنى ئىزدەش بولۇپ ، مەلۇم زىيانلىق نەرسىنى يوقۇتۇش ئەمەس .
] شەرھى مۇمتىئې، 1 133-134 ]
بۇ بولسا ئىمام ئەھمەدنىڭ قارىشى . ئىبنۇ قۇددامە مۇغنىي دا( 1115)مۇنداق دىگەن : " خەتنە قىلىش بولسا ، ئەرلەرگە نىسبەتەن ۋاجىپ ، ھەمدە ئاياللارغا ياخشى ئىش ، بىراق ئۇلارغا ۋاجىپ ئەمەس . "
3- ئورنى :
ئىبنۇ قەييىم( ئاللاھ ئۇ كىشىگە رەھىم-شەپىقەت قىلسۇن ) مۇنداق دىگەن :
ئەبۇ بەرەكە غايە ناملىق كىتابىدا مۇنداق دىگەن : " ئەرلەرنىڭ خەتنىسىنى قىلىشتا ، زەكەر ئۇچىدىكى تىرە كىسىپ ئىلىۋىتىلىدۇ . ناۋادا ئۇ پەقەت ئۇنىڭ كۆپ قىسمىنى ئىلىۋەتسە ، بۇ بولىدۇ . ئايالنىڭ خەتنىسىنى قىلىشتا بەك ئوي ئىلىۋەتمەسلىك ياخشى . نەقىل قىلىندىكى ، ئۇمەر بىر ئاياللارنىڭ خەتنىسىنى قىلغۇچى ئايالغا : " ناۋادا بىرسىنىڭ خەتنىسىنى قىلساڭ ، ئۇنىڭ بىرقىسمىنى قالدۇرۇپ قوي . " دىگەن . خەلال جامىئى سىدا : خەتنە قىلغاندا نىمىنىڭ كىسىلىدىغانلىقى ھەققىدە مۇنداق دىگەن : "مۇھەممەد بىن ھۇسەيىن ماڭا فەزىل بىن زىيادنىڭ ئۇلارغا مۇنداق دىگەنلىكنى ئېيىتتى : ئەھمەدتىن : خەتنە قىلغاندا قانچىلىك كېسىلىدۇ ؟ دەپ سورالدى . ئۇ : " زەكەر ئۇچى كۆرۈنگىچە ." دەپ جاۋاپ بەردى .
ئىبنۇ سەباغ شامىل دا مۇنداق دىگەن : '' ئەرگە ۋاجىپ ئىش بولسا زەكەر ئۇچىدىكى تىرىنى تاكى ئۇنىڭ ھەممىسى ئىچىلىدىغان بولغىچە كېسىش . ئايالغا نىسبەتەن ، فەرجنىڭ يۇقۇرى تەرىپىدىكى ئىككى جىنسىي لەۋ ئارىسىدىكى خورازنىڭ تاجىغا ئوخشايدىغان تېرىنى كېسىش ھەمدە ئۇ كېسىۋىتىلسە ئۇنىڭ خورما ئۇرۇقىغا ئوخشاش يىلتىزى قالىدۇ .
نەۋەۋىي مۇنداق دىگەن :
ھەممىگە تونۇلغا توغرىسى بولسا زەكەر ئۇچىنى ئوراپ تۇرغان تېرىنىڭ ھەممىسىنى كېسىش ۋاجىپ . [ مەجمۇئې ،1351 ]
جۇۋەينى مۇنداق دىگەن : ھەدىيس كۆرسىتىدۇكى ، ئايالغا نىسبەتەن ، ئۇنىڭ كۆپ قىسمى كېسىۋىتىلمەيدۇ ، چۈنكى ئۇ : كۆتۈرلۈپ تۇرغان نەرسىنى قالدۇرۇپ قوي ، ئۇنى بەك ئوي كېسىۋەتمە ! دىگەن .
[ تۇھفەتۇل مەۋدۇد ، 190-192 ]
خۇلاسە ، ئەرلەرگە نىسبەتەن زەكەر ئۇچىنى يۆگەپ تۇرغان ھەممە تىرە كېسىۋىتىلىشى لازىم . بىراق ئاياللارغا نىسبەتەن پەقەت فەرەجنىڭ( تاشقى جىنسىي ئەزا) يۇقۇرى تەرىپىدىكى خورازنىڭ تاجىغا ئوخشايدىغان تىرىنىڭ بىر قىسمى كېسىۋىتىلىدۇ .
4- خەتنە قىلىشتىكى ھىكمەت :
ئەرگە نىسبەتەن ، ئۇ خەتنىسىنى قىلدۇرمىغىچە ، سۈيدۈكتىن پاكلىنالمايدۇ ، چۈنكى سۈيدۈك تامچىلىرى خەتنىلىكنىڭ ئاستىغا يىغىلىۋالىدۇ ھەمدە ئۇ سۈيدۈك تامچىلىرىنىڭ ئىقىپ چىقىپ كىيىمى ۋە بەدىنىنى مەينەت قىلىۋىتىشىدىن بىخەتەر بولالمايدۇ . شۇڭا ئابدۇللاھ بىن ئەبباس خەتنە قىلىش ئىشىدا چىڭ بولغان . ئىمام ئەھمەد مۇنداق دىگەن : " ئىبنۇ ئەبباس ئۇ ئىشتا بەك چىڭ ئىدى . ھەمدە نەقىل قىلىندىكى ، ئۇنىڭغا ، يەنى خەتنىسىنى قىلمىغان كىشىگە ھەج يوق ، نامازمۇ يوق . " [ مۇغنىي ، 1115 ]
ئايال كىشىگە نىسبەتەن خەتنە قىلىشنىڭ ھىكمىتى بولسا ئۇنىڭ جىنسىي شەھۋىتىنى تەڭشەش بولۇپ ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ مۆتىدىل بولىدۇ .
ئىسلام پېشىۋاسى ئىبنۇ تەيمىيە دىن ئايال كىشى خەتنىسىنى قىلامدۇ -يوق ؟ دەپ سورالغاندا ، ئۇ مۇنداق دىگەن : مەدھىيە ئاللاھقا بولسۇن . شۇنداق ، خەتنىسىنى قىلىدۇ . ھەمدە ئۇنىڭ خەتنىسى بولسا خورازنىڭ تاجىغا ئوخشايدىغان يۇقارقى تەرەپتىكى تېرىنى كېسىش . ئاللاھ ئەلچىسى خەتنە قىلغۇچى ئايالغا : كۆتۈرلۈپ تۇرغان نىمىنى قالدۇرۇپ قوي ،ھەمدە ئۇنى بەك ئوي كېسىۋەتمە . ئۇ ئۇنىڭ چىرايىنى تىخىمۇ نۇرلاندۇرىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ ئېرىگە تېخىمۇ يىقىشلىق بولىدۇ . دىگەن . چۈنكى ئەركىشىنىڭ خەتنىسىنى قىلىشتىكى مەقسەت - ئۇنىڭ خەتنىلىكى ئاستىغا يىغىلىۋالىدىغان نىجاسەتتىن ئۇنى پاكلاش . بىراق ئايالنىڭ خەتنىسىنى قىلىشتىكى مەقسەت - ئۇنىڭ جىنسىي شەھۋىتىنى تەرتىپكە سىلىش ، چۈنكى ئايالنىڭ خەتنىسى قىلىنمىسا ، ئۇنىڭ جىنسىي شەھۋىتى كۈچلۈك بولىدۇ . شۇڭا "خەتنىسى قىلىنمىغان ئايالنىڭ ئوغلى "دەيدىغان سۆزلەر تىللاشتا ئىشلىتىلىدۇ ، چۈنكى خەتنىسى قىلىنمىغان ئايالدا كۈچلۈكرەك جىنسىي شەھۋەت بولىدۇ . شۇڭا بۇزۇق ئىشلار تاتار ۋە فىرانسۇز ئاياللىرى ئارىسىدا كۆپ يۈزبىرىدۇ . ئەگەر خەتنىسىنى قىلىش بەك ئوي بولۇپ كەتسە ، جىنسىي شەھۋەت پۈتۈنلەي سۇسلاپ كېتىدۇ ، بۇ ئەرلەرنى قانائەتلەندۈرەلمەيدۇ . ئەگەر ئۇ بەك ئوي كېسىۋىتىلمىسە ، مەقسەت ئىشقا ئاشىدۇ ، يەنى جىنسىي شەھۋەت مۆتىدىللىشىدۇ .
ھەمدە ئاللاھ ياخشى بىلىدۇ .
[ فەتىۋالار توپلىمى ، 21114 ]
5- خەتنە قىلدۇرغانغا ھەق بىرىشكە بولىدۇ .
ئىبنۇ قۇددامە مۇنداق دىگەن :
" خەتنە قىلدۇرۇش ، ۋە تىببىي داۋالاشقا پۇل بىرىشكە بولىدۇ . بىز بۇ مەسىلىدە ھىچقانداق ئىختىلاپى قاراشنى بىلمەيمىز ،چۈنكى ئۇ بىر ئىھتىياجلىق ، ھەمدە شەرىئەتتە رۇخسەت قىلىنغان ئىشنى قىلغانىكەن ، باشقا رۇخسەت قىلىنغان ئىشلارغا ئوخشاش ئۇنىڭغا ھەق ئىلىشىقا بولىدۇ .
[ مۇغنىي ، 5314 ]
 

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى