ئىستىجمار قىلىش توغرىسىدا

سوئال: 9645

ئىستىجمار قىلىش دېگەن نېمە؟، ئايرۇپىلان ۋە پويىزلاردا سۇ بولغان تەقدىردىمۇ ئىستىجمار قىلىش ئۈچۈن تازىلىق قەغىزى ئىشلەتسە بولامدۇ؟، قانداق قىلغاندا نىجاسەتتىن  مۇكەممەل پاكىزلانغىلى بولىدۇ؟.  بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تېكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئاللاھقا خاستۇر، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

ئىستىجمار قىلىش دېگەن: چوڭ-كىچىك تەرەت سۇندۇرغاندىن كېيىن ئالدى-كەينى ئەزاسىنى تاش، چالما ياكى شۇنىڭ ئورنىدا تۇرىدىغان تازىلىق قەغىزى قاتارلىق نەرسىلەر بىلەن ئەڭ ئاز ئۈچ قېتىمدىن پاكىز تازىلاش دېمەكتۇر، ئەمما سۆڭەك، تېزەك دېگەندەك چەكلەنگەن ياكى يىمەكلىك دېگەندەك ئېھتىرام قىلىنىدىغان نەرسىلەر بىلەن (ئىستىجمار( تازىلىق قىلىشقا بولمايدۇ.

سۇ بولسۇن ياكى بولمىسۇن،  بۇ شەكىلدە تازىلىق قىلىش توغرا بولىدۇ، ئالىملار:  ئەڭ ياخشىسى مۇمكىن بولسا ھەر ئىككىسىنى بىرگە قىلىش كېرەك چۈنكى بۇنداق قىلغاندا مۇكەممەل پاكىزلىق ھاسىل بولىدۇ.

مەرجەلەر

مەنبە

شەيخ مۇھەممەد بىن سالىھ ئۇسەيمىننىڭ "ئومۇمەن سەپەر قىلغۇچىلارغا، خۇسۇسەن ئايرۇپىلاندا سەپەر قىلغۇچىلارغا سەپەرنىڭ بەزى ئەدەپ، ئەھكاملىرىنى بىلدۈرۈش" ناملىق ئەسىرى 10 -بەت.

at email

ئېلخەت خىزمىتى

ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىنىڭ ئېلخەت خىزمىىتىگە ئىشتىراك قىلىڭ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

سەھىپىنى ئىنتىرنىتسىز كۆرۈش ۋە مەزمۇنلارغا ئەڭ تىز سۈرئەتتە ئۈلىشىش

download iosdownload android