تاھارەت ئېلىشتا پۈتۈن بەدەننى سۇ بىلەن تولۇق بىر يۇيۇش يېتەرلىك بولىدىغانلىقى توغرىسىدا

سوئال 96925

مەن ئىلگىرى سىلەرگە سوئال يوللىغان ئېدىم، لېكىن ھازىرغىچە سىلەردىن بۇنىڭغا قانائەتلىنەرلىك جاۋاپ تاپالمىغانلىقىم ئۈچۈن ھەيران قالىمەن، سىلەرنىڭ مېنىڭ ئەۋەتكەن سوئالىمنى جاۋاپ بېرىشكە ئەرزىمەيدۇ دەپ قارىغانلىقىڭلارنى تولۇق ئىشەنچ بىلەن ئېيتالايمەن. مەن سىلەرنىڭ مېنىڭ سوئالىمنى بۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان بەزى جاۋاپلارغا ئىلاۋە قىلىپ قويماي تولۇق جاۋاپ بېرىشىڭلارنى ئۈمىت قىلىمەن.  مەن سىلەردىن مېنىڭ قىيىنچىلىقىم توغرىسىدىكى سوئالنىڭ جاۋابىنى تولۇق ئاڭلىمىغۇچە قانائەتلەنمەيمەن.  مەسىلەن:  جۇنابەتتىن يۇيۇنۇشتا، سۇ چۈشىدىغان جۈمەكنىڭ ئاستىدا تۇرۇپ پۈتۈن بەدەنگە بىر قېتىم سۇ ئېقىتىۋەتسە كۇپايە قىلامدۇ ياكى سۇنى ئىككى يوتىسىنىڭ ئارىسىغىمۇ يەتكۈزۈش كېرەكمۇ ياكى پەقەت بەدەننىڭ سىرتقى قىسمىغا سۇ يەتسە كۇپايە قىلامدۇ؟، تاھارەت ئالغاندا، كۆپ ۋاقىت سەرپ قىلماسلىق ئۈچۈن ئەزالارنى بىر قېتىمدىن يۇيۇش بىلەن كۇپايىلەنسەم بولامدۇ؟.  بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تېكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئاللاھقا خاستۇر، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

بىرىنچى:  ئاللاھ تائالادىن سىزگە ئاجىل شىپالىق بېرىشنى دىنى ۋە دۇنيالىق تەرەپتىن ساق-سالامەت، خاتىرجەملىك ئاتا قىلىشنى سورايمىز.  جۇنابەتتىن يۇيۇنۇشتا ئىككى يوتىسىنىڭ ئارىسى بىلەن بىرگە پۈتۈن بەدەننى تولۇق يۇيۇش ۋاجىپ بولىدۇ، سىز سۇ چۈشىدىغان جۈمەكنىڭ ئاستىدا تۇرۇپ ئېغىزىڭىزنى چايقاپ، بۇرنىڭىزغا سۇ ئېلىش بىلەن بىرگە پۈتۈن بەدىنىگىزگە بىر قېتىم سۇ ئېقىتىۋەتسىڭىز تولۇق يۇيۇنغان بولىسىز.

ئىككىنچى:  تاھارەت ئالغاندا ئەزالارنى بىر قېتىمدىن يۇسىڭىزمۇ بولىدۇ، ئەڭ ياخشىسى سۈننەتتە بايان قىلىنغاندەك ئۈچ قېتىمدىن تولۇق يۇيۇشتۇر.  ئەگەر سىز ئەزالىرىڭىزنى بىر قېتىمدىن يۇغاندا، سىزگە ۋەسۋەسە كۈچلۈك كەلسىمۇ ئاللاھ خالىسا بۇنىڭ ھېچ زىيىنى يوق. سىز دائىم ئاللاھ تائالادىن يارەدم تىلەڭ، دۇئا قىلىڭ، سالامەتلىكنى سوراڭ. ئاللاھ تائالا سىزنى دائىم مۇھاپىزەت قىلسۇن، ھەر ۋاقىت سالامەت قىلسۇن.

ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەرجەلەر

غۇسلى قىلىش-يۇيۇنۇش

مەنبە

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

Previous
كېيىنكى
at email

ئېلخەت خىزمىتى

ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىنىڭ ئېلخەت خىزمىىتىگە ئىشتىراك قىلىڭ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

سەھىپىنى ئىنتىرنىتسىز كۆرۈش ۋە مەزمۇنلارغا ئەڭ تىز سۈرئەتتە ئۈلىشىش

download iosdownload android