پەيشەنبە 9 شەۋۋال 1445 - 18 ئاپرىل 2024
Uygur

قىممەت باھالىق ئەتىر سېتىۋىلىشىم مالنى ئىسراپ قىلغانلىق ھېسابلىنامدۇ؟

سۇئال

    قىممەت باھالىق ئەتىر سېتىۋىلىشىم مالنى ئىسراپ قىلغانلىق ھېسابلىنامدۇ؟.  بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

     بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

    ئەتىر ۋە خۇشپۇراق نەرسىلەر بولسا دۇنيانىڭ زىننەتلىرى بولۇپ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغىمۇ دۇنيانىڭ زىننەتلىرىدىن ئەتىر-خۇشپۇراق نەرسىلەر ياخشى كۆرۈلەتتى. ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ماڭا دۇنيا نەرسىلىرىدىن ئاياللار ۋە خۇشپۇراق نەرسىلەر ياخشى كۆرۈلىدۇ، ناماز كۆز نۇرۇم قىلىندى.» [نىسائى رىۋايىتى3939 –ھەدىس. شەيخ ئەلبانى سەھىھ دەپ نىسائىنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا كەلتۈرگەن].

    ھەممەيلەنگە مەلۇمكى پۇرىقى ئۇزۇن داۋام قىلىدىغان ئەتىرلەرنىڭ باھاسى قىممەت بولغانلىقى ئۈچۈن بۇنداق ئەتىرلەرنى سېتىۋېلىش مالنى ئىسراپ قىلغانلىق ھېسابلانمايدۇ.

    ھەقىقەتەن تۆۋەندىكى ھالەتلەردە قىممەت ئەتىر سېتىۋېلىش چەكلىنىدۇ:

    1-قىممەت ئەتىرنى سېتىۋېلىشقا پۇلى يەتمەي باشقىلاردىن قەرز ئېلىش ياكى بۇنى سېتىۋېلىش ئارقىلىق ئۆزى ھالىدىن خەۋەر ئالىدىغانلارنىڭ نەپىقىسىنى قىسىپ قويۇش.

   2-قىممەت ئەتىر سېتىۋېلىش ئارقىلىق باشقىلارغا كۆز-كۆز قىلىش، پەخىرلىنىش ۋە كۆرەڭلەشنى مەقسەت قىلىش.

    3-ھاجەتتىن تاشقىرى كۆپ سېتىۋېلىش.

    شەيخ مۇھەممەد بىن سالىھ ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھدىن :مۇشۇ كۈنلەردە توي ۋە باشقا مۇناسىۋەتلەر كۆپ بولاۋاتىدۇ، بەزى كىشىلەر ئود ۋە باشقا خۇشپۇراق نەرسىلەرنى كىشىنىڭ ئەقلى يەتمەيدىغان دەرىجىدە قىممەت سېتىۋېلىشىۋاتىدۇ، بۇ توغرىدا گەپ بولسا، ئۇلار ئۆمەر رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن بايان قىلىنغان مۇنۇ ھەدىسنى دەلىل قىلىدۇ: «بىر كىشى مېلىنىڭ ھەممىنى خۇشپۇراق نەرسە سېتىۋېلىشقا سەرپ قىلغان بولسا، ئىسراپ قىلغان بولمايدۇ». ئاللاھ سىلىنى توغرا قاراشقا مۇۋەپپەق قىلسۇن. بۇ قاراش توغۇرمۇ؟ دەپ سورالغاندا، شەيخ مۇنداق جاۋاپ بەرگەن: "خۇشپۇراق نەرسىلەر ھەقىقەتەن ئىنسانغا ياخشى كۆرۈلىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ماڭا دۇنيا نەرسىلىرىدىن ئاياللار ۋە خۇشپۇراق نەرسىلەر ياخشى كۆرۈلىدۇ، ناماز كۆز نۇرۇم قىلىندى» دېگەن، ھەقىقەتتە ئەتىر ۋە خۇشپۇراق نەرسىلەر تەرەققى قىلىۋاتىدۇ، بۇنىڭدا ئىسراپچىلىق بولمايدۇ، بىرسىنى ئالسا پۇرىقى ياخشى، ئۇنى كىشىلەر پۇرايدىغان جايدا قويسا بۇنىڭدىن كۆپ كىشىلەر خۇشپۇراق ئالىدۇ، يەنە بىر تۈرنى ئالسا ئۇ دەسلەپتىكىدىنمۇ خۇشپۇراقلىق ئۇنىڭدىنمۇ نۇرغۇن كىشىلەر خۇشپۇراق ئالىدۇ، بۇ ئىسراپ بولمايدۇ، ئەمما بىر كىشى خۇشپۇراقنى ھەددىدىن زىيادە كۆپ ئىشلىتىپ بىر سورۇندا ئۇزۇن ئولتۇرۇپ سورۇن ئاخىرلاشقىچە ئېھتىياج بولمىسىمۇ توختىماي خۇشپۇراق چىقىرىپ تۇرغان بولسا بۇ ئىسراپخورلۇق ھېسابلىنىدۇ." "[ئايلىق ئۈچرىشىش" 37-16 نۇمۇر.]

    يەنە شەيختىن: "بەزى ئالىملار:  ئىسراپ دېگەن نىسبى ئىش، خۇشپۇراق نەرسىلەرنى ۋە ئەتىرلەرنى ھەر قانچە قىممەت سېتىۋالغان بولسىمۇ بۇ ئىسراپ ھېسابلانمايدۇ، بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىنمۇ ھەدىس بايان قىلىنغان دەيدۇ؟ دەپ سورالغاندا، شەيخ مۇنداق جاۋاپ بەرگەن: "ئىبادەتتىكى ئىسراپچىلىق نىسبى ئىش ئەمەس، چۈنكى ئىبادەت دېگەن شەرىئەت تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ، مەسىلەن: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام تاھارەت ئالغاندا ئەزالىرىنى بىر قېتىمدىن، ئىككى قېتىمدىن ۋە ئۈچ قېتىمدىن يۇغان، ۋە «كىم بۇنىڭدىن زىيادە قىلسا، خاتا ئىش قىلغان، ھەددىدىن ئاشقان ۋە زۇلۇم قىلغان بولدى»  دېگەن.

    ئەمما ئادەتتىكى ئىسراپ بولسا ئۇ نىسبى بولىدۇ، بەزى ئىش مەلۇم كىشىلەرگە نىسبەتەن ئىسراپ بولسا، يەنە بىر قىسىم كىشىلەرگە نىسبەتەن ئىسراپ بولمايدۇ، بىر شەھەردىكى كىشىلەرگە نىسبەتەن ئىسراپ بولسا، يەنە بىر شەھەردىكى كىشىلەرگە نىسبەتەن ئىسراپ بولمايدۇ، بۇ نىسبى ئىش، مۇشۇ قائىدىگە ئاساسەن: ئىسراپ دېگەن بەلگىلەنگەن بەلگىلىمىدىن ئۆتۈپ كېتىش دېمەكتۇر".

     ئەمما ئەتىر قاتارلىق نەرسىلەرگە كەلسەك، ئەگەر ئىنسان ئىقتىسادى ياخشى بولسا پۇراقلىق قىممەت باھالىق ئەتىر سېتىۋالىدۇ، بۇ ئىسراپ ھېسابلانمايدۇ، بولۇپمۇ پۇرىقى ئۇزۇن داۋاملىشىدىغان ئېسىل ئەتىرلەر قىممەت بولىدۇ بۇنى ھەممەيلەن بىلىدۇ، ئەمما ئوتتۇرىھال ياكى كەمبەغەل كىشىلەرنىڭ بۇنداق قىممەت باھالىق ئەتىرنى سېتىۋېلىشى ئىسراپ قىلغانلىق ھېسابلىنىدۇ". "[ئايلىق ئوچۇق سۆھبەت" 8/ 24  ].

   ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى