پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

ناسارالارنىڭ بايرىمى ئۈچۈن تەييارلانغان يېمەكنى يېيىش توغرىسىدا

سۇئال

ناسارالارنىڭ بايرىمى ئۈچۈن تەييارلانغان يېمەكلىكىنى يېيىشنىڭ ھۆكمى قانداق بولىدۇ؟. ئىسائەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلغان كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغان پائالىيەتكە چاقىرىلسا بارسا بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    ناسارالارنىڭ ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلغان كۈنى بايرىمى، باھار بايرىمى قاتارلىق دىنى بايراملار، مۇسۇلمانلار پەيدا قىلغان رەبىئۇل ئەۋۋەلدىكى مەۋلۇت پائالىيىتى، رەجەپ ئېيىدىكى ئىسرا-مىراج پائالىيەتلىرى قاتارلىق بىدئەت مۇراسىملارنى ئۆتكۈزۈش ۋە ئۇنىڭغا قاتنىشىش توغرا بولمايدۇ. ناسارالار ۋە مۇشرىكلار ئۆزلىرىنىڭ بايرام مۇناسىۋىتى بىلەن تەييارلىغان يېمەكلىكلەرنى مۇسۇلماننىڭ يېيىشى توغرا بولمايدۇ. ئۇلارنىڭ بۇنداق بايرام چاقىرىقىغا ئىجابەت قىلىشمۇ توغرا بولمايدۇ، چۈنكى ئۇلارنىڭ چاقىرىقىغا ئىجابەت قىلىش بولسا ئۇلارنىڭ بۇ ئىشىنى قوللىغانلىق، شۇ بىدئەتنى ئېتىراپ قىلغانلىق ھېسابلىنىدۇ، بۇ نادان كىشىلەرنى ئازدۇرۇشقا ۋە ئۇلارنىڭ بۇمۇ دۇرۇس ئىش ئىكەن دەپ ئېتىقاد قىلىشىغا سەۋەپ بولىدۇ.

   ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: شەيخ ئىبنى جىبرىننىڭ "يوشۇرۇلغان مەرۋايىت" ناملىق ئەسىرى27-بەتتىن ئېلىندى