جۈمە 21 جىمادۇل ئەۋۋەل 1446 - 22 نويابىر 2024
Uygur

سىلە-رەھمنى يەتكۈزۈش ۋاجىپ بولىدىغان بەلگىلىمىلەر توغرىسىدا

سۇئال

ئاتا جەمەت ھاممامنىڭ قىزىغا مېنىڭ سىلە-رەھىمنى يەتكۈزۈشۈم ۋاجىپ بولىدىغان كىشىلەردىن ھېسابلىنامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ياخشىلىقتا ئۇلارغا ئەگەشكەنلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمىتى، سالامى ۋە بەرىكىتى بولسۇن.

شەكسىز ئاتا جەمەت ھاممىڭىزنىڭ قىزى بولسا سىلە-رەھىمنى ئۇلاش تەلەپ قىلىنىدىغان ۋە ياخشىلىق قىلىش كېرەك بولىدىغان، مېھرى-مۇھەببەت قىلىنىدىغان كىشىلەرنىڭ جۈملىسىدىندۇر. ئەمما ئۇ سىلە-رەھىم قىلىش ۋاجىپ بولىدىغان كىشىلەردىنمۇ؟ دېگەن مەسىلىدە پىقھى ئالىملار ئارىسىدا پەرقلىق قاراشلار بار. بۇنداق بولىشىدىكى سەۋەپ؛ سىلە-رەھىم ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ: بىرى نىكاھلىنىشى چەكلەنگەن تۇغقانلار، يەنە بىرى نىكاھلىنىشى چەكلەنمىگەن تۇغقانلار، نىكاھلىنىشى چەكلەنگەن تۇغقانلار دېگەن ھەر ئىككى كىشىنىڭ بىرى ئەر يەنە بىرى ئايال بولسا بۇلارنىڭ توي قىلىشى دۇرۇس بولمايدىغان كىشىلەردۇر مەسىلەن:  ئاتا-ئانا، بىر تۇغقان قېرىنداشلار، ھەدە-سېڭىللار، چوڭ ئانا ۋە چوڭ دادىلار، ئەۋلادلار ۋە ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى، ئاتا جەمەت تاغا-ھاممىلار، ئانا جەمەت تاغا-ھامما قاتارلىقلاردۇر، ئەمما ئاتا جەمەت تاغا-ھاممىلار ۋە ئانا جەمەت تاغا-ھاممىلارنىڭ ئەۋلادلىرى بولسا، ئۇلارنىڭ ئۆز-ئارا نىكاھلىنىشى دۇرۇس بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇلار توي قىلىشى چەكلىنىدىغان تۇغقانلارنىڭ جۈملىسىدىن ھېسابلانمايدۇ.

توي قىلىش دۇرۇس بولىدىغان تۇغقانلار بولسا يۇقىرىدا بايان قىلىنغانلاردىن باشقا ئاتا جەمەت تاغا-ھاممىلار ۋە ئانا جەمەت تاغا-ھاممىلارنىڭ قىزلىرىدىن ئىبارەتتۇر.

پىقھى ئالىملىرىنىڭ بەزىسى توي قىلىش دۇرۇس بولمايدىغان تۇغقانلارغا سىلە-رەھىمنى ئۇلاش ۋاجىپ بولىدۇ، توي قىلىش دۇرۇس بولىدىغان تۇغقانلارغا بولسا سىلە-رەھىمنى ئۇلاش ۋاجىپ بولمايدۇ بەلكى مۇستەھەپ بولىدۇ دەپ قارايدۇ. بۇ ھەنەفى مەزھەپ ئالىملىرىنىڭ قارىشى ۋە مالىكى مەزھەپ ئالىملىرىنىڭ مەشھۇر بولمىغان قارىشىدۇر.شۇنداقلا ھەنبەلى مەزھىپىدىن ئەبۇ خەتتابمۇ شۇ قاراشتا بولغان. ئۇلارنىڭ دەلىلى: ئەگەر ھەممە تۇغقانلارغا سىلە-رەھىم قىلىش ۋاجىپ بولىدىغان بولسا، ئۇ ۋاقىتتا ئادەم ئەۋلادىنىڭ ھەممىسىگە سىلە-رەھىم قىلىش ۋاجىپ بولىدۇ، بۇنداق قىلىش مۇمكىن بولمايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن سىلە-رەھىم قىلىش ۋاجىپ بولىدىغان ۋە ئۇنى ئۈزۈش ھارام بولىدىغان ئۇرۇغ-تۇغقانلارنى بېكىتىش زۆرۈر بولىدۇ. سىلە-رەھىم قىلىش ۋاجىپ بولىدىغانلار ئۆز-ئارا توي قىلىشى دۇرۇس بولمايدىغان تۇغقانلاردىن ئىبارەتتۇر. ئۇلار بۇ كۆز قارىشىغا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ تۆۋەندىكى ھەدىسىنى دەلىل قىلدى: «ئايال ئۆزىنىڭ ئاتا تەرەپ ۋە ئانا تەرەپ ھاممىسىنىڭ ئېرى بىلەن توي قىلمايدۇ» [بۇخارى رىۋايىتى. مۇسلىم رىۋايىتى  1408-ھەدىس. لەۋزى مۇسلىمغا ئائىتتۇر.]

ئىبنى ھەجەر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: “تەبرانى ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان بۇ سۆزنى زىيادە قىلدى: «ئەگەر سىلەر شۇنداق قىلساڭلار، ھەقىقەتەن سىلە-رەھىمنى ئۈزگەن بولىسىلەر» [ بۇ ھەدىسنى ئىبنى ھىببان سەھىھ دېگەن].

ئەبۇ داۋۇدنىڭ مۇرسەل ھەدىسلەر توپلىمىدا:  ئىسا ئىبنى تەلھەدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: «پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇرۇغ-تۇغقانچىلىقنىڭ ئۈزۈلۈپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ ئايالنى ئۆزىنىڭ يېقىن تۇغقانلىرىنىڭ ئېرى بىلەن توي قىلىشتىن چەكلىگەن». [“دىرايە پى تەخرىج ئاھادىس ھىدايە”  2 – توم 56 -بەت].

مالىكى مەزھىپىدىكى بەزى ئالىملار بۇ ھەدىس بىلەن دەلىل كەلتۈرۈشنىڭ يولىنى بايان قىلىدۇ. قۇراپى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: ” ئۇرۇغ-تۇغقانلىقنى ئۇلاشتىكى سەككىزىنچى مەسىلە:  شەيخ تەرتۇشى مۇنداق دەيدۇ: بەزى ئالىملار مۇنداق دېگەن: “مەھرەملىك دۇرۇس بولىدىغان يەنى توي قىلىش دۇرۇس بولمايدىغان تۇغقانلارغا ئۇرۇغ-تۇغقانچىلىقنى ئۇلاش ۋاجىپ بولىدۇ. ئۇلار بولسا بىرى ئەر يەنە بىرى ئايال بولسا توي قىلىش ھارام بولىدىغان تۇغقانلاردىن ئىبارەتتۇر. مەسىلەن:  ئاتا-ئانا، بىر تۇغقان قېرىنداشلار، ھەدە-سېڭىللار، چوڭ ئانا ۋە چوڭ دادىلار، ئەۋلادلار ۋە ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى، ئاتا جەمەت تاغا-ھاممىلار، ئانا جەمەت تاغا-ھامما قاتارلىقلاردۇر. ئەمما ئاتا جەمەت تاغا-ھاممىلار ۋە ئانا جەمەت تاغا-ھاممىلارنىڭ ئەۋلادلىرى بولسا، ئۇلارنىڭ ئۆز-ئارا نىكاھلىنىشى دۇرۇس بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارغا سىلە-رەھىم قىلىش ۋاجىپ بولمايدۇ. بۇ سۆزنى يۇقىرىدا بايان قىلىنغان:  بىر كىشىنىڭ ھەدە بىلەن سېڭىلنى، ھامما بىلەن جىيەن قىزنى نىكاھىدا ساقلىشى دۇرۇس بولمايدىغانلىقى ۋە بۇنىڭ سىلە-رەھىمنى ئۇزۇشكە سەۋەپ بولىدىغانلىقى، ھارام ئىشنى تەرك قىلىشنىڭ ۋاجىپ ئىكەنلىكى ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىش ۋە ئەزىيەت يەتكۈزۈشنى تەرك قىلىشنىڭ ۋاجىپلىقى توغرىسىدىكى ھەدىس كۈچلەندۈرىدۇ. ئاتا جەمەت ۋە ئانا جەمەت ھاممىلارنىڭ قىزلىرىنى بىر نىكاھتا ساقلاش دۇرۇس بولىدۇ، ئۇلار بىر-بىرى بىلەن بولغان ئالاقىنى ئۈزۈپ، بىر-بىرىگە قارشى بولسىمۇ ھېچ ئىش بولمايدۇ ، چۈنكى ئۇلارغا سىلە-رەھىم قىلىش ۋاجىپ ئەمەستۇر”.   [“ئەل پۇرۇق”  1 -توم 147 -بەت].

بۇ مەسىلىدىكى ئىككىنچى قاراش:  بۇلارنىڭ ھەممىسىگە ئۇرۇغ-تۇغقانچىلىقنى ئۇلاش ۋاجىپ بولىدۇ، ئۆز-ئارا توي قىلىش دۇرۇس بولسۇن ياكى دۇرۇس بولمىسۇن بۇنىڭ ھېچ پەرقى يوقتۇر. بۇ ھەنەفى ئالىملىرىنىڭ، مالىكى ئالىملىرىنىڭ مەشھۇر بولمىغان قارىشى بولۇپ، بۇنىڭغا كۆرە ئىمام ئەھمەد دەلىل بايان قىلغان. شافىئى ئالىملىرىنىڭ مۇتلەق سۆزىدىنمۇ مۇشۇ مەنا ئىپادىلىنىدۇ. ئۇلارنىڭ ھېچ بىرى ئۇرۇغ-تۇغقانچىلىقنى ئۇلاشنى پەقەت نىكاھ قىلىش دۇرۇس بولىدىغان تۇغقانلارغا خاس قىلمىدى. [ “كۇۋەيت پىقھى توپلاملىرى”  3 -توم 83 -بەت. ئىسپىرانىينىڭ: “غىزائۇل ئەلباپ”  1 -توم 354 -بەت. “تەرىقەتىل مەھمۇدىيە” 4 -توم 153 -بەت].

بۇ مەسىلە توغرىسىدا باشقا قاراشلارمۇ بولۇپ، بۇنى “سۇبۇلۇس سالام”  2 -توم 628 -بەتتە بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: ” شۇنى بىلىشىڭىز كېرەككى، سىلە-رەھىم قىلىش ۋاجىپ بولىدىغان ئۇرۇغ-تۇغقانلارنى بېكىتىشتە ئالىملار پەرقلىق قاراشتا بولغان، سىلە-رەھىم قىلىش ۋاجىپ بولىدىغان تۇغقانلار بولسا، ئىككى كىشىنىڭ بىرى ئەر، يەنە بىرى ئايال بولسا ئۇلارنىڭ نىكاھلىنىشى ھارام بولىدىغان تۇغقانلاردىن ئىبارەتتۇر. بۇنىڭغا كۆرە، ئاتا جەمەت ۋە ئانا جەمەت تاغا ۋە ھاممىلارنىڭ ئەۋلادلىرى سىلە-رەھىم قىلىش ۋاجىپ بولىدىغان تۇغقانلارنىڭ جۈملىسىدىن ھېسابلانمايدۇ، بىر كىشىنىڭ ھەدە بىلەن سېڭىلنى، ھامما بىلەن جىيەن قىزنى نىكاھىدا ساقلىشى دۇرۇس بولمايدىغانلىقى ۋە بۇنىڭ سىلە-رەھىمنى ئۇزۇشكە سەۋەپ بولىدىغانلىقى بۇنىڭغا دەلىل بولىدۇ”.

بەزى ئالىملار بۇ مەسىلە مىراسقا تۇتىشىدۇ دەپ بۇنىڭغا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ: «مىراسنى بەلگىلىمىسى بىلەن ئالىدىغانلار ئېلىپ بولغاندىن كېيىن قالغىنىنى تۇغقانچىلىقنىڭ مەرتىۋىسى بويۇنچە بەرگىن» دېگەن سۆزىنى دەلىل قىلىدۇ.

بەزى ئالىملار:  مىراسقا تۇتاشسۇن ياكى تۇتاشمىسۇن ئارىسىدا ئۇرۇغ-تۇغقانچىلىقى بار بولسا بولىدۇ، دەيدۇ.

قازى ئىياز رەھىمەھۇللاھ سىلە-رەھىم توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ: “ئۇرۇغ-تۇغقانلارنىڭ بەزىسىنىڭ دەرىجىسى بەزىسىدىن يۇقىرى بولىدۇ، ئۇلارنىڭ ئەڭ تۆۋىنىمۇ تەرك قىلىنمايدۇ، ئۇلارغا سۆز بىلەن ۋە سالام يوللاش بىلەن بولسىمۇ ئۇرۇغ-تۇغقانچىلىق ئۇلىنىدۇ. ئۇلارغا سىلە-رەھىم قىلىش ئۇلارنىڭ ھاجىتى ۋە قەدرى بويۇنچە پەرقلىق بولىدۇ، بەزىلەرگە ۋاجىپ بولىدۇ، بەزىلەرگە مۇستەھەپ بولىدۇ، بەزى ۋاقىتتا سىلە-رەھىم قىلىپ، بەزى ۋاقىتتا قىلالمىسا بۇ سىلە-رەھىمنى ئۈزگەن ھېسابلانمايدۇ،  ئەمما قادىر بولۇپ تۇرۇپ، مەسئۇلىيتىنى ئادا قىلمىسا ئۇ كىشى سىلە-رەھىمنى ئۇلىغان ھېسابلانمايدۇ.

قۇرتۇبى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: “سىلە-رەھىم قىلىش ئومۇم ۋە خۇسۇس بولىدۇ. ئومۇمى بولغىنى دىنى تەرەپتىن بولغان سىلە-رەھىمدۇر. ئۇنى دوستلۇق، سەمىمىيلىك، ئىنساپ، ئادالەت ۋە ۋاجىپ-مۇستەھەپ بولغان ھەق-ھوقۇقلارنى تۇرغۇزۇش بىلەن بولىدۇ.

خاس بولغان سىلە-رەھىم بولسا، يېقىن تۇغقانلارغا خەيرى-ئېھسان قىلىش، ئۇلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش ۋە يوقلاپ تۇرۇش، خاتالىقلىرىنى ئەپۇ قىلىۋېتىش بىلەن بولىدۇ.

بۇ ئالىملارنىڭ مۇشۇ مەسىلە توغرىسىدىكى سۆزلىرىنىڭ خۇلاسىسىدۇر. لېكىن ھۆرمەتلىك قېرىندىشىم سىزگە سىلە-رەھىم قىلغاندا بېرىلىدىغان كاتتا ئەجىر-ساۋاپلار، ئۇنى ئۈزگەنلەرگە بېرىلىدىغان دەرتلىك ئازاپلار مەخپى قالمىسۇن. بۇ سىلە-رەھىمنى ئۇلاشقا تۈرتكە بولۇپ تۇرىدۇ، ئۇنى ئۈزىۋېتىشتىن ھەزەر قىلدۇرىدۇ، دىندا ئېھتىياتچان بولۇشقا تەۋسىيە قىلىدۇ، ئىختىلاپتىن چىقىش ئۈچۈن ھاممىڭىزنىڭ قىزىغا سىلە-رەھىم قىلىڭ، تاقىتىڭىزنىڭ يېتىشچە ياخشىلىق قىلىڭ، بۇنىڭ ئەجىر-ساۋابى ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا ھەرگىز زايە بولۇپ كەتمەيدۇ. بۇ ھەقتە تەپسىلى مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن 12292– 22706 -، 4631 – نومۇرلۇق سوئاللارنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

ئاللاھ تائالا بىزنى ۋە سىزنى ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان ۋە رازى بولىدىغان ئەمەللەرگە مۇۋەپپەق قىلسۇن.

ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى