پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

يۇقۇملۇق كېسەللەر تارقىلىۋاتقان ياكى تارقىلىشىدىن ئەنسىرەۋاتقان ۋاقىتتا جۈمە نامىزى ۋە جامائەت نامىزىغا ھازىر بولۇشنىڭ ھۆكمى

سۇئال

يۇقۇملۇق كېسەللەر تارقىلىۋاتقان ياكى تارقىلىشىدىن ئەنسىرەۋاتقان ۋاقىتتا جۈمە نامىزى ۋە جامائەت نامىزىغا ھازىر بولماسلىققا رۇخسەت قىلىشنىڭ ھۆكمى قانداق بولىدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر،

     سەئۇدى ئەرەبىستان پېشقەدەم ئۆلىمالار ھەيئىتى ھىجىرىيە 1441/7/16 كۈنى(چارشەنبە)تارقاتقان (246)نومۇرلۇق قاراردا تۆۋەندىكىلەرنى بايان قىلىدۇ:

    بارلىق گۈزەل مەدھىيلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلارغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارنىڭ يولىغا ئەگەشكەنلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    پېشقەدەم ئۆلىمالار ھەيئىتى ھىجىرىيە 1441/7/16 كۈنى (چارشەنبە) سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ رىياد شەھرىدە ئۆتكۈزۈلگەن يىگىرمە تۆتىنچى نۆۋەتلىك ئايرىم يېغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان، يۇقۇملۇق كېسەللەر تارقىلىۋاتقان ياكى تارقىلىشىدىن ئەنسىرەۋاتقان ۋاقىتتا جۈمە نامىزى ۋە جامائەت نامىزىغا ھازىر بولماسلىققا رۇخسەت قىلىش توغرىسىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەسىلىنى ئىسلام شەرىئەت تېكىستلىرى، ئىسلامنىڭ مەقسىتى ۋە قائىدىلىرى ئاساسىدا ھەل قىلىش ئۈچۈن بۇ توغرىدا ئالىملارنىڭ قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئارقىلىق تۆۋەندىكىلەرنى بايان قىلدى:

    بىرىنچى: يۇقۇملۇق كېسەلگە گېرىپتار بولغان كىشىنىڭ جۈمە نامىزى ۋە جامائەت نامىزىغا ھازىر بولىشى كەسكىن چەكلىنىدۇ(ھارام بولىدۇ). بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: كېسەل كىشى ساق كىشىنىڭ يېنىغا كەلمىسۇن. [بىرلىككە كەلگەن ھەدىس].

    پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام يەنە مۇنداق دېگەن: سىلەر بىر زېمىندا ياكى بىر يۇرتتا يۇقۇملۇق-ۋابا كېسىلى تارقالغانلىقىنى ئاڭلىساڭلار، ئۇ زېمىنغا ياكى ئۇ يۇرتقا بارماڭلار، ئەگەر سىلەر تۇرغان زېمىندا ياكى يۇرتتا يۇقۇملۇق-ۋابا كېسلى بولسا، سىلەر ئۇ زېمىندىن ياكى ئۇ يۇرتتىن سىرىتقا چىقماڭلار. [بىرلىككە كەلگەن ھەدىس].

     ئىككىنچى: سەھىيە ئورۇنلىرى تەرىپىدىن ئايرىپ تەكشۈرۈش قارا قىلىنغان كىشىنىڭ بۇنىڭغا تولۇق بويسۇنۇشى كېرەك بولىدۇ، ئۇ كىشى جامائەت نامىزى ۋە جۈمە نامىزىغا ھازىر بولماستىن نامازنى ئۆيىدە ياكى ئايرىم تەكشۈرۈلۈۋاتقان ئورۇندا ئوقۇيدۇ، بۇ توغرىدا شەرىيد ئىبنى سۈۋەيد ئەسسەقەپى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە مۇنداق دېگەن: سەقىپ قەبىلىسىدىن كەلگەن ئەلچىلەر ئارىسىدا جۇزام كېسىلى بولغان بىر كىشى بولۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇ كىشىگە بىر كىشىنى ئەۋەتىپ: مەن سىنىڭ قىلغان بەيئىتىڭنى قوبۇل قىلدىم، سەن قايتىپ كەتكىن دېگەن. [مۇسلىم رىۋايىتى ھەدىس].

    ئۈچىنچى: ئىنسان ئۆزىنىڭ ياكى باشقىلارنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىدىن ئەنسىرىسە ئۇ كىشى ئۈچۈن جامائەت نامىزى ۋە جۈمە نامىزىغا ھازىر بولماسلىققا رۇخسەت قىلىنىدۇ. بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ئۆزىگىمۇ ۋە ئۆزگىلەرگىمۇ-باشقىلارغىمۇ زىيان يەتكۈزمەسلىك كېرەك. [ئىبنى ماجە رىۋايىتى].

    يۇقىرىدا بايان قىلىنغان كىشىلەر جۈمە نامىزىغا ھازىر بولمىغاندا پېشىن نامىزى ئوقۇيدۇ.

    پېشقەدەم ئۆلىمالار ھەيئىتى: بارلىق كىشىلەرنى سەھىيە تارماقلىرى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ كۆرسەتمە ۋە يول-يورۇقلىرىغا تولۇق ماسلىشىشنى تەۋسىيە قىلىدۇ، شۇنداقلا، ھەممەيلەننى ئاللاھ تائالاغا ھەقىقى رەۋىشتە تەقۋادارلىق قىلىشقا، ئاللاھ تائالادىن مۇشۇ بالا-مۇسىبەتنى كۆتۈرۈۋېتىشنى تىلەپ دۇئا، سەدىقە ۋە باشقا ياخشى ئەمەللەر بىلەن ئاللاھ تائالاغا يالۋۇرۇشنى تەۋسىيە قىلىدۇ، ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  وَإِن يَمْسَسْكَ اللَّـهُ بِضُرٍّ فَلَا كَاشِفَ لَهُ إِلَّا هُوَ ۖ وَإِن يَمْسَسْكَ بِخَيْرٍ فَهُوَ عَلَىٰ كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ  تەرجىمىسى: ئەگەر ئاللاھ ساڭا بىرەر زىيان ـ زەخمەت يەتكۈزۈشنى ئىرادە قىلسا، يالغۇز ئاللاھتىن باشقا ئۇنى دەپئى قىلغۇچى بولمايدۇ، ئەگەر ئاللاھ ساڭا بىرەر ياخشىلىقنى ئىرادە قىلسا، ئاللاھنىڭ پەزلىنى قايتۇرغۇچى بولمايدۇ، ئاللاھ پەزلىنى بەندىلىرىدىن خالىغان ئادەمگە يەتكۈزىدۇ، ئاللاھ (بەندىلىرىنىڭ گۇناھىنى) مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، (ئۇلارغا) مېھرىباندۇر (دېيىلدى).» [سۈرە يۈنۈس 107-ئايەت].

   ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ  وَقَالَ رَبُّكُمُ ادْعُونِي أَسْتَجِبْ لَكُمْ  تەرجىمىسى: «پەرۋەردىگارىڭلار ئېيتىدۇ: ماڭا دۇئا قىلىڭلار، مەن (دۇئايىڭلارنى) قوبۇل قىلىمەن (تىلىگىنىڭلارنى بېرىمەن). [سۈرە غاپىر 60-ئايەت].

    پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلارغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارنىڭ يولىغا ئەگەشكەنلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

https://www.spa.gov.sa/2047028

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى