پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

قۇربانلىق مالنى بوغۇزلىغاندا ئاغزاكى نىيەت قىلىش توغرىسىدا

سۇئال

ۋاپات بولغان دادام ئۈچۈن قۇربانلىق مال بوغۇزلاشنى مەقسەت قىلسام: 'ئى ئاللاھ! مەن بۇ مالنى ۋاپات بولغان پالانى دادام ئۈچۈن دېسەم، ياكى ئاغزاكى ھېچ نەرسە دېمەستىن ھاجىتىم بويىچە ئىش قىلسام توغرا بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    نىيەتنىڭ ئورنى قەلبتۇر، مەقسەت قىلغان ئىشنى كۆڭلىگە كەلتۈرسە شۇنىڭ ئۆزى كۇپايە قىلىدۇ، ئۇنى ئاغزاكى نىيەت قىلىش كېرەك بولمايدۇ، ئۇ كىشى مال بوغۇزلىغاندا ئاللاھنىڭ ئىسمىنى ئاتاپ تەكبىر ئېيتىشى كېرەك بولىدۇ، بۇ توغرىدا بۇخارى ۋە مۇسلىمدا ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۆز قولى بىلەن ئىككى قوچقارنى ئاللاھنىڭ ئىسمىنى ئاتاپ ۋە تەكبىر ئېيتىپ بوغۇزلىغان دېگەن. [بۇخارى رىۋايىتى 7-توم 130-بەت 5554-نومۇرلۇق ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 3-توم 1556-بەت، 1966 -نۇمورلۇق ھەدىس. ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى 3-توم 115-بەت.]

    ئەگەر: ئى ئاللاھ! مەن بۇ قۇربانلىقنى دادام ئۈچۈن قىلدىم دېيىش چەكلەنمەيدۇ، چۈنكى بۇ ئاغزاكى نىيەت قىلىش ھېسابلانمايدۇ. ئاللاھ تائالا توغرىغا مۇۋەپپەق قىلسۇن. سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات، دىنى پەتىۋا كومىتېتى.

    ئاللاھ تائالا ھەممىدىن توغرىنى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئاللاھ ياخشىلىققا مۇۋەپپەق قىلغۇچىدۇر