سەيشەنبە 9 رامىزان 1445 - 19 مارت 2024
Uygur

پىتىر سەدىقىسىنىڭ ھۆكمى ۋە ئۇنىڭ مىقدارى توغرىسىدا

سۇئال

پىتىر سەدىقىسىنى ئادا قىلمىغۇچە رامىزاننىڭ روزىسى ئاللاھ تائالانىڭ دەرگاھىغا كۆتۈرۈلمەيدۇ دېگەن ھەدىس سەھىھمۇ؟. ئەگەر روزىدار ئۆزى ئېھتىياجلىق كىشىلەردىن بولسا، مەزكۇر ھەدىسنىڭ ھۆكمى بويىچە ياكى باشقا سەھىھ ھەدىسلەر بىلەن بېكىتىلگەن شەرئى دەلىللەرنىڭ ھۆكمى بويىچە ئۇ كىشىنىڭمۇ پىتىر سەدىقىسىنى ئادا قىلىشى پەرز بولامدۇ؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمىز.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

پىتىر سەدىقىسىنى ئادا قىلىش ھېيت-بايرام كۈنىدە ئۆزى ۋە ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ بىر كۈنلۈك تەمىناتىدىن ئاشقىدەك ئىقتىسادقا ياكى يېمەك-ئىچمەككە ئىگە بولغان بارلىق مۇسۇلمان ئەر-ئاياللارغا پەرز بولىدۇ.

بۇنىڭ دەلىلى ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىس بولۇپ، ئۇ كىشى مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھۆر-قۇل، ئەر-ئايال، چوڭ-كېچىك بارلىق مۇسۇلمانلارغا پىتىر سەدىقىسى ئۈچۈن خورمىدىن ياكى ئارپىدىن ئۈچ كىلوگىرام ئەتراپىدا ئادا قىلىشنى پەرز قىلدى. بۇنى كىشىلەر ھېيت نامىزىغا چىقىشتىن بۇرۇن ئادا قىلىشقا بۇيرىدى. [بىرلىككە كەلگەن ھەدىس. بۇ بۇخارىينىڭ لەپزى].

ئەبۇ سەئىدىل خۇدەرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، ئۇ كىشى مۇنداق دەيدۇ: بىز پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدە پىتىر سەدىقىسىنىيېمەكلىكتىن ياكى خورمىدىن ياكى ئارپىدىن ياكى ئۈزۈمدىن ياكى پىشلاقتىن ئۈچ كىلو ئەتراپىدا بېرەتتۇق. [بىرلىككە كەلگەن ھەدىس].

شۇنىڭدەك، گۈرۈچ ۋە ئۇنىڭدىن باشقا، ئۆزى ياشاۋاتقان يۇرتلاردا كۆپ ئىستىمال قىلىدىغان يېمەكلىكلەردىن ئادا قىلسىمۇ بولىدۇ.

بۇ يەردە ئادا قىلىشقا بۇيرۇلغان مىقدار بولسا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام دەۋرىدە قوللانغان ئۆلچەم سائ مەقسەت قىلىنغان بولۇپ، بىر سائ تۆت ئۇۋۇچ ئەتراپىدا بولۇپ ھازىرقى دەۋرىدىكى ئالىملار بۇنى ئۈچ كىلوگىرام ئەتراپىدا بولسا بولىدۇ دەپ قارىغان.

ئەگەر كىمكى پىتىر سەدىقىسى بېرىشنى تەرك قىلسا، گۇناھكار بولىدۇ ۋە ئۇنىڭ قازاسىنى بېرىش ۋاجىپ بولىدۇ.

سوئالدا بايان قىلغان ھەدىسنىڭ سەھىھ ئىكەنلىكىنى بىلمەيمىز. ئاللاھ تائالا ھەممەيلەننى توغرا يولغا مۇۋەپپەق قىلسۇن. بىز ۋە سىلەرنىڭ بارلىق سۆز-ھەرىكەتلىرىمىزنى ئىسلاھ قىلسۇن.

ئاللاھ تائالا توغرا يولغا مۇۋەپپەق قىلغۇچىدۇر.

مەنبە:  سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات، دىنى ئىشلار پەتىۋا كومىتېتى (9/364)